ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان خادىملارنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى قارارى

(2018- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى)

日期:2018年12月20日
来源:新疆日报网
【字体:

بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويغانلىقىنىڭ 40 يىللىقى. 1978- يىلى 12- ئايدا، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشتەك تارىخىي خاراكتېرلىك قارارنى چىقىرىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن يېڭى ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلىنىشقا سەپەرۋەر قىلدى. بۇ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى پارتىيەمىز ۋە دۆلىتىمىز تارىخىدىكى چوڭقۇر، ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ بۇرۇلۇش، ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق تاللاش. 40 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، قەيسەرلىك بىلەن جان تىكىپ ئېلىشىپ، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇۋاتقان ئىدىيە چۈشىكى ۋە تۈزۈلمە توسۇقىنى قەتئىي بۇزۇپ تاشلاپ، جۇڭگو يولىنى ئاچتى، جۇڭگو ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بەردى، جۇڭگو كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، دەۋرگە يېتىشىۋېلىشتىن دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىشتەك ئۇلۇغ ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، دۆلەت ۋە مىللەت تەرەققىياتىنىڭ بۈيۈك داستانىنى پۈتتى، پارتىيەنىڭ قىياپىتى، دۆلەتنىڭ قىياپىتى، خەلقنىڭ قىياپىتى، ئارمىيەنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىياپىتىدە مىسلىسىز ئۆزگىرىشلەر بولدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتەك ئۇلۇغ ئىجادىيىتى دۇنياغىمۇ چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كەلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە كۈچلۈك مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىش روھى بىلەن، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتتى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەرگە ئېرىشىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنى ئاچتى، جۇڭخۇا مىللىتى تېخىمۇ يېپيېڭى قىياپەتتە دۇنيانىڭ شەرقىدە قەد كۆتۈردى.

خەلق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى ئۇلۇغ مۆجىزىلەرنىڭ ئىجادكارى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ كۈچ مەنبەسى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ تونۇش ۋە ئەمەلىيەتتىكى ھەربىر قېتىملىق بۆسۈشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جەريانىدا ھەربىر يېڭى شەيئىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە تەرەققىياتى، ھەربىر تەجرىبىنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى ۋە توپلىنىشى مىليونلىغان خەلقنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئىجادىيىتىدىن كەلگەن. 40 يىللىق قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ مۇساپىسىدە، زور بىر تۈركۈم دەۋر دولقۇنى ئالدىدا باتۇرلۇق بىلەن مەزمۇت تۇرغان، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق ياراتقان، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلغان ئاۋانگارت نەمۇنىچىلەر مەيدانغا كەلدى. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ 40 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلەۋاتقان پەيتتە ئىلغارلارنى تەقدىرلەش، كۈرەش ئىرادىسىگە ئىلھام بېرىش، بۆسۈشكە، سىناشقا جۈرئەت قىلىدىغان، باشلامچى بولۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان ئىسلاھات روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاداققىچە داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۈ مىن قاتارلىق 100 نەپەر يولداشقا «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» نامىنى بېرىپ، ئىسلاھات ئاۋانگارتى مېدالى بېرىشنى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قوللىغانلىقى ۋە ياردەم بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىش ئۈچۈن، ئالىن مەرىيئو قاتارلىق ئون نەپەر خەلقئارالىق دوستقا «جۇڭگو ئىسلاھات دوستلۇق مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىسلاھات ئاۋانگارتلىرى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە تۈرتكە بولۇشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشۇپ، گەۋدىلىك ئۈلگە كۆرسىتىش- يېتەكلەش رولىنى ئوينىدى، ئۇلار خەلق ئاممىسىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىللىرى. ئۇلار جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى ھىمايە قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ھىمايە قىلىپ، توغرا ئىسلاھات يۆنىلىشىدە چىڭ تۇردى؛ ئۇلار ئىدىيە، قاراشتىكى چۈشەكنى بۆسۈپ تاشلاپ، مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قېلىش توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئەڭ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە كۈرەش قىلىپ، ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە ۋە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى؛ ئۇلار سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى يادرو قىلغان مىللىي روھ ۋە ئىسلاھات، يېڭىلىق يارىتىشنى يادرو قىلغان دەۋر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەپ، خالىس تۆھپە قوشۇپ، ئىستىلدا ياخشى بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كەڭ ماختىشىغا ئېرىشتى. تەقدىرلەنگەن خەلقئارالىق دوستلار جۇڭگو خەلقىنىڭ قەدىناس دوستى. ئۇلار ئۇزاق مۇددەت جۇڭگو- چەت ئەل ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسىگە چوڭقۇر قاتنىشىپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنى قوللاشقا كۆرۈنەرلىك تۆھپىلەرنى قوشتى.

نۆۋەتتە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىرىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى. ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ روھنى چاقىرىق قىلىدۇ، ئۇلۇغۋار ئىشلار ئاۋانگارتلارنىڭ يېتەكلىشىگە ئېھتىياجلىق. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، بۇ قېتىم تەقدىرلەنگەن ئىلغار شەخسلەرنى ئۈلگە قىلىپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئەسلىي مەقسىتىنى ئۇنتۇماي، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش بايرىقىنى داۋاملىق ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە قايتا ئاتلىنىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى چىڭىتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى توپلاپ، يېڭى دەۋر، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشى كېرەك!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 18- كۈنى تېلېگراممىسى)