يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەرئارقىلىق يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر ئەزاسى، ئۇزاق سىناقلاردىن ئۆتكەن سادىق كوممۇنىزم جەڭچىسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن سىياسىي خىزمەت رەھبىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سابىق باش سىياسىي بۇسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ سابىق شۇجىسى يولداش ۋاڭ رۈيلىن كېسەل سەۋەبىدىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي، 2018- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى سائەت 8دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 89 يېشىدا ۋاپات بولدى. 12- ئاينىڭ 12- كۈنى يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ جەسىتى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.
يولداش ۋاڭ رۈيلىن 1946- يىلى 7- ئايدا شەندۇڭ جاۋيۈەندە ھەربىي سەپكە قاتناشقان، 1947- يىلى 2- ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە ئەزا بولغان. جياۋدۇڭ جاۋيۈەن ناھىيەلىك مۇستەقىل يىڭنىڭ جەڭچىسى، شەرقىي شىمال ھەربىي رايونى سىلىڭبۇسى مەخپىيەت باشقارمىسىنىڭ كود تەرجىمە قىلغۇچىسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەمۇرىي ئىشلار كېڭىشى مەخپىيەت باشقارمىسىنىڭ مەلۇمات خادىمى، مۇئاۋىن بۆلۈمچە باشلىقى، دېڭ شياۋپىڭ مۇئاۋىن زۇڭلى باشقارمىسىنىڭ مەخپىيەت كاتىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دېڭ شياۋپىڭ باش شۇجى باشقارمىسىنىڭ كاتىپى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى دېڭ شياۋپىڭ مۇئاۋىن رەئىس باشقارمىسىنىڭ كاتىپى، ئىشخانا مۇدىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەئىس ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى بولغان. 1990- يىلى 4- ئايدىن كېيىن مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، باش سىياسىي بۇنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى بولغان. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 13- نۆۋەتلىك، 14- نۆۋەتلىك، 15- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى. 1988- يىلى 9- ئايدا جۇڭجياڭلىق ئۇنۋانى بېرىلگەن، 1994- يىلى 5- ئايدا شاڭجياڭلىققا ئۆستۈرۈلگەن.
يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ كېسىلى ئېغىرلاشقان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ، ۋاڭ ياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، جاۋ لېجى، خەن جېڭ، ۋاڭ چىشەن، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ ۋاپاتىغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
12- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ زالى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك تۈسكە كىرگەنىدى، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇلىغا «يولداش ۋاڭ رۈيلىنغا قايغۇلۇق تەزىيە بىلدۈرىمىز» دېگەن قارا تەگلىك ئاق خەتلىك پىلاكات، پىلاكاتنىڭ ئاستىغا يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچىلار ئارىسىغا قويۇلغان بولۇپ، ئۈستىگە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى يېپىلغانىدى.
چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، لى جەنشۇ قاتارلىقلار ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەم بىلەن يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈردى، يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى.
پارتىيە، دۆلەت، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلار بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى ياكى تۈرلۈك شەكىلدە تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، يولداش ۋاڭ رۈيلىننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە يۇرتداشلىرىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى.
مەسئۇل مۇھەررىر:راھىلە