دۆلىتىمىز دەسلەپكى قەدەمدە تۈزگەن زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى

日期:2019年09月29日
来源:新疆日报
【字体:

1964- يىلى 12- ئاينىڭ 21- كۈنىدىن 1965- يىلى 1- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە، 3- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1- قېتىم رەسمىي ۋە مۇكەممەل ھالدا پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» ۋەزىپىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

زۇڭلى جوۋ ئېنلەي «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: خەلق ئىگىلىكىنى تەڭشەش ۋەزىپىسى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملاندى، پۈتكۈل خەلق ئىگىلىكى ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاندى. بۇنىڭدىن كېيىن خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىسى «ئانچە ئۇزاق بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە، دۆلىتىمىزنى زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى، زامانىۋى سانائەت، زامانىۋى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە زامانىۋى پەن - تېخنىكىغا ئىگە سوتسىيالىستىك كۈچلۈك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىشىۋېلىش ۋە ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش». «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 3 - بەش يىللىق پىلاندىن باشلاپ، «بىرىنچى قەدەمدە مۇستەقىل، بىرقەدەر مۇكەممەل سانائەت سىستېمىسى ۋە خەلق ئىگىلىكى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش؛ ئىككىنچى قەدەمدە يېزا ئىگىلىكى، سانائەت، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە پەن - تېخنىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنى دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدا ماڭدۇرۇش كېرەك».

جۇڭگو كوممۇنىستلىرى سوتسىيالىزم قۇرۇش يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانىدا، قايتا - قايتا ئويلىنىش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى بېكىتتى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ كۈرەش نىشانىغا ئايلاندى. كېيىن ئوڭۇشسىزلىق يۈزبەرگەن جاپالىق يىللاردىمۇ، بۇ ئۇلۇغۋار نىشان يەنىلا يۈزمىليونلىغان خەلقنى ئۇيۇشتۇرۇپ ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش، دۆلەت قۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى مەنبەسى بولدى. 1975- يىلى 1- ئايدا، جوۋ ئېنلەي 4- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنىدا «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش» نىشانى ۋە ئىككى قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش تەسەۋۋۇرىنى تەكىتلىدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، پارتىيە پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش» ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى ئېچىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىدى.