گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن دۇنيا» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

日期:2019年09月29日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن دۇنيا» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى شۈ لىن مۇنداق بىلدۈردى: خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا بولغان بىلىشى ۋە چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ئاق تاشلىق كىتابتا «جۇڭگو قەيەردىن كەلگەن، قەيەرگە بارىدۇ» «جۇڭگو قانداق دۇنيا قۇرۇشقا تۈرتكە بولىدۇ» «تەرەققىي قىلغان جۇڭگو دۇنيا بىلەن قانداق ئۆتىدۇ» قاتارلىق مەسىلىلەر چۆرىدىلىپ، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرى، تەرەققىيات يولى، تەرەققىيات يۆنىلىشى سىستېمىلىق تونۇشتۇرۇلۇپ، جۇڭگو بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇر شەرھلەندى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىنسانىيەت تارىخىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىيات مۆجىزىلىرى يارىتىلدى، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر بولدى. جۇڭگونىڭ دۇنياغا بولغان تەسىرى ئەزەلدىن بۈگۈنكىدەك بۇنداق ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، ئۇزاق بولۇپ باقمىغان؛ دۇنيانىڭ جۇڭگوغا بولغان دىققىتىمۇ بۈگۈنكىدەك بۇنداق كەڭ، چوڭقۇر، مەركەزلىك بولۇپ باقمىغان.

ئاق تاشلىق كىتابتا نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات ۋە پاكىتلار ئارقىلىق، 70 يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرى، مۇھىم، زور ئەھمىيىتى، دۇنياغا قوشقان تۆھپىسى تونۇشتۇرۇلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو نەچچە ئون يىلدا، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىلدا بېسىپ ئۆتكەن تەرەققىيات مۇساپىسىنى تاماملىدى، ئىقتىسادنىڭ ئومۇمىي مىقدارى دۇنيا بويىچە ئىككىنچى ئورۇنغا ئۆتتى، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن خەلق ماددىي ئەشيا كەمچىل بولۇشتىن قۇتۇلۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ھاللىق سەۋىيەگە يېتىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىززەت - ھۆرمەت ۋە ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولدى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلەپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، بىر يېڭى دۇنيانى ياراتتى؛ 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو دۇنيا بىلەن ئالاقە باغلاپ ھەمتۈرتكە بولۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، دۇنياغا قۇچاق ئاچتى، دۇنيادىن ئۆگەندى، دۇنياغا تۆھپە قوشتى؛ 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىلەن بىللە، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ تۈپ سەۋەبى شۇكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدىن ئىبارەت بۇ توغرا تەرەققىيات يولىنى تاپتى ھەم مۇشۇ يولنى بويلاپ قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭدى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالى چىقىش قىلىنىپ بېكىتىلگەن يول، خەلقنىڭ مەنپەئىتى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان يول، ئىسلاھات قىلىدىغان، يېڭىلىق يارىتىدىغان يول، ئېچىۋېتىش داۋامىدا ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى كۆزلەيدىغان يول، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىدىغان يول. جۇڭگونىڭ بۇ تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ، دەۋرنىڭ تەلىپىگە ماس كېلىدۇ، دەۋرنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ پارلاق تەرەققىيات ئىستىقبالىنى بارغانسېرى نامايان قىلىدۇ.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىغا قارىتا، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ھەم جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭمۇ ئورتاق ئارزۇسى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيا ئۈچۈن پۇرسەت بولۇپ، تەھدىت ۋە خىرىس ئەمەس. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: جۇڭگو دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى، ھەر تەرەپلىمە سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىدۇ، جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنى تېخىمۇ كۆپ ئاممىۋى مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى تەرەققىي قىلىۋاتقان باشقا دۆلەتلەرنى تەجرىبە ۋە ئۆرنەك بىلەن تەمىنلەيدۇ، جۇڭگو ھەرگىز «قۇدرەت تاپسىلا زومىگەرلىك قىلىدىغان» يولدا ماڭمايدۇ.

«دۇنياغا نېمە بولدى، ئىنسانلار قانداق قىلىشى كېرەك» دېگەن دەۋر سوئالىغا قارىتا، ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى ھەم ئۈمىدكە تولدى، ھەم خىرىسقا تولدى. جۇڭگو ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان، ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان تەرەققىيات يېڭى يولىنى ئېچىپ، ئىنسانلارنىڭ تەرەققىياتىنى يېڭى تاللاش بىلەن تەمىنلىدى. ئاق تاشلىق كىتابتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىپ، يېڭىچە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېمىنى قوغداپ، مەدەنىيلىك جەھەتتە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى قۇرۇشقا ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيانى قۇرۇپ چىقىشى مۇراجىئەت قىلىندى.

جۇڭگونىڭ كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خەلقئارا جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن قانداق ئۆتىدىغانلىقىغا ئومۇميۈزلۈك دىققەت قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى دۇنيادىن ئايرىلالمايدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى، مۇقىملىقى جۇڭگودىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى ئىنسانىيەت تەرەققىيات كوردىنات سىستېمىسىغا قويۇپ، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوللاپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، باشتىن - ئاخىر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى، يەرشارىۋى تەرەققىياتنىڭ تۆھپە قوشقۇچىسى، خەلقئارا تەرتىپنىڭ قوغدىغۇچىسى بولىدۇ.

ھازىر، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە كىردى. ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ، دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەش ئىرادىسى ئۆزگەرمەيدۇ. كەلگۈسىدىكى جۇڭگو تېخىمۇ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان قىياپەت بىلەن دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ياخشى سۈپەتلىك ھەمتۈرتكە بولۇش ھالىتىدە بولۇپ، تېخىمۇ تەرەققىي قىلغان ۋە گۈللەنگەن جۇڭگو ۋە دۇنيانى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى دۇنيادا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى ئەزەلدىن ھازىرقىدەك بۇنداق زىچ باغلانمىغان. ھەربىر دۆلەت بىلەن دۇنيانىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرى بىر - بىرىگە زىچ باغلانغان، پەقەت نىشان بىردەك بولۇپ، ئىتتىپاقلىشپ، پۇرسەتتىن ھەمبەھرىلىنىپ، خىرىسنى ئورتاق كۈتۈۋالغاندىلا، ئاندىن ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىپ، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇپ، تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلەنگىلى بولىدۇ.

«يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن دۇنيا» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، تېكىست ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش سۆزىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تولۇق تېكىستى 29 مىڭ خەتتىن ئاشىدۇ. ئاق تاشلىق كىتاب خەنزۇچە، ئىنگلىزچە، فىرانسۇزچە، رۇسچە، نېمىسچە، ئىسپانچە، ئەرەبچە، ياپونچىدىن ئىبارەت سەككىز خىل يېزىقتا ئېلان قىلىنغان بولۇپ، خەلق نەشرىياتى، چەت ئەل يېزىقى نەشرىياتى تەرىپىدىن ئايرىم - ئايرىم نەشر قىلىندى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى شىنخۇا كىتابخانىلىرىدا تارقىتىلىدۇ.