جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنى بويلاپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش

− پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت رەھبەرلىرىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى توغرىسىدا خاتىرە

日期:2019年09月29日
来源:新疆日报
【字体:

70 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق تەرەققىيات مۇساپىسى، 70 يىللىق بوران - چاپقۇنلۇق سەپەر. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەھرىمان خەلق ئارمىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىن بېيىش، قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋېلىش مۇساپىسىدە، يول بويى توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، غايەت زور قۇربان بېرىپ، ئۆچمەس تارىخىي تۆھپە ياراتتى −

سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب ۋە قۇرۇلۇشقا پائال ئاتلىنىپ، ۋەتەننى قوغداش، خەلقنىڭ تىنچ ئەمگەك قىلىشىنى قوغداش فۇنكسىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىش − يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن خەلق ھاكىمىيىتىنى مۇستەھكەملەش، جۇڭگونىڭ چوڭ دۆلەتلىك ئورنىنى شەكىللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىززەت - ھۆرمىتىنى قوغداشنى مۇستەھكەم يۆلەنچۈك بىلەن تەمىنلىدى؛ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ ئىنقىلابقا پائال ئاتلىنىپ، دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە كۈچلۈك مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنى قوغداشنى، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغداشنى، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلىنى قوغداشنى، رايون ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قوغداشنى قۇدرەتلىك كۈچ تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

70 يىللىق جاپالىق ئىزدىنىش، 70 يىللىق بوشاشماي كۈرەش قىلىش. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەھرىمان خەلق ئارمىيەسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ماڭغان تارىخىي قەدىمىگە ئەگىشىپ، ئۇرۇش داۋامىدا ئۆسۈپ يېتىلىپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، قۇرۇلۇش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى −

ئىنقىلابىيلىشىش، زامانىۋىلىشىش، مۇنتىزىملىشىش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ھەيۋە كۆرسىتىش ۋە ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئىلگىرىكى يەككە ئارمىيە تۈرى بولغان ئارمىيەدىن تەرەققىي قىلىپ كۆپ خىل ئارمىيە - قىسىم تۈرى بىرلەشكەن قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ئايلاندى، ئىلگىرىكى «سۆك ۋە مىلتىق» بىلەن قوراللانغان ئارمىيەدىن تەرەققىي قىلىپ ماشىنىلىشىشنى ئاساسەن ئىشقا ئاشۇرغان، تېزلىكتە ئۇچۇرلىشىشقا يۈزلەنگەن قۇدرەتلىك ئارمىيەگە ئايلىنىپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىنى بويلاپ، پارتىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، خەلق ئارمىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ھالدا دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

دەۋر ئېقىمى ھەيۋەتلىك ئۆركەشلىمەكتە. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، قەھرىمان خەلق ئارمىيەسى جەزمەن غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىلەرگە قاراپ ئۈزلۈكسىز يۈرۈش قىلىدۇ.