خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

توختىماي ئۆركەشلەيدىغان ۋاقىت ئېقىمى

日期:2019年09月28日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 28- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ يۈرۈشلۈك ئىمزالىق ماقالىسىنىڭ 3- پارچىسى «توختىماي ئۆركەشلەيدىغان ۋاقىت ئېقىمى» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: قاينام - تاشقىنلىققا تولغان 70 يىل بىلەن خوشلىشىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسى يۈكلەنگەن يەنە بىر 70 يىلغا نەزەر سالساق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئىشەنچكە تولغان ھەم قەتئىي بولۇپ، «يېڭى مۇساپىدە، مەيلى بوران - چاپقۇندا بولسۇن، بىز ھەممىمىز خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇيۇل تاشتەك چىڭ ئىشەنچ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان جاسارەت، قەتئىي بوشاشمايدىغان ئىرادە بىلەن قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىشلارنى ئالغا سىلجىتىشىمىز كېرەك».

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن جۇڭخۇا مىللىتى بارلىق قىيىنچىلىقلارغا قارشى ئاداققىچە كۈرەش قىلىش جاسارىتىگە ئىگە، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، قولدىن كەتكەن زېمىننى قايتۇرۇۋېلىش ئىرادىسىگە ئىگە، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇش غەيرىتىگە ئىگە. ئۇ نۇرغۇن - نۇرغۇن ئارزۇ - ئارمانلارنى كۆڭلىگە پۈكتى، نۇرغۇن - نۇرغۇن ئېنېرگىيەلەرنى توپلىدى، توسۇپ قالغىلى بولمايدىغان بىر قۇدرەتلىك كۈچ تولۇق پارتلاپ چىقماقتا، يەتكىچە قويۇپ بېرىلمەكتە.

ماقالىدە مۇنداق چاقىرىق قىلىندى: بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس بۇرچى بولىدۇ، بىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ. «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى يېڭى ئۇزۇن سەپەر، يېڭى بۇرچ تارىخىي ھالدا بىز بىر ئەۋلاد كىشىلىرىنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. پەقەت جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتىپ، ھەربىر بۈگۈننى تۇتقاندىلا، ئاندىن گۈزەل كەلگۈسىنى ياراتقىلى بولىدۇ. پەقەت كۈرەش قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۈرەش قىلىش ماھارىتىنى يېتىلدۈرۈپ، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىدىغان، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىدىغان، مەڭگۈ كۈرەش قىلىدىغان روھنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلىغىلى، دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.