ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولايلى

− يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللەتلەر خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى توغرىسىدا خاتىرە

日期:2019年09月28日
来源:新疆日报
【字体:

جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇپ، بىر نىيەتتە جۇڭگو ئارزۇسىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرايلى.

مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش باشتىن - ئاخىر دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى ئىنتايىن مۇھىم مەزمۇن بولۇپ كەلدى. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ۋە مىللىي رايونلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، مىللەتلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇش»نى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈپ، دۆلىتىمىز مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى دەۋرگە كىرىشىگە تۈرتكە بولدى.

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى ۋە سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتۈپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلماقتا.

بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەش −

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى دەۋردىكى دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىسىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى

دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، كۆپ مىللەتلىك بولۇش دۆلىتىمىزنىڭ بىر چوڭ ئالاھىدىلىكى، شۇنداقلا دۆلىتىمىز تەرەققىياتىدىكى بىر چوڭ پايدىلىق ئامىل. كۆپ مىللەتنىڭ بۈيۈك بىرلىكى، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك بىر گەۋدە بولۇشى ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان بىر مۇھىم بايلىق، شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ بىر مۇھىم ئەۋزەللىكى. ھەرقايسى مىللەتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىنى، بىپايان زېمىنىنى ئورتاق ئاچتى، جۇڭگونىڭ ئۇزاق تارىخىنى، پارلاق جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئورتاق ياراتتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھى، ئۇلۇغ كۈرەش روھى، ئۇلۇغ ئىتتىپاقلىق روھى، ئۇلۇغ ئارزۇ روھىنى ھەرقايسى مىللەتلەر ئۇزاق مۇددەت كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئورتاق يېتىلدۈرگەن، ۋارىسلىق قىلغان، راۋاجلاندۇرغان.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، بولۇپمۇ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلارنىڭ قىياپىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ قىياپىتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىدە ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈزبېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىدىغان ۋەزىيەت شەكىللەندى.

ھازىر، دۇنيا 100 يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرۈۋاتىدۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، مىللەتلەر خىزمىتى نۇرغۇن يېڭى باسقۇچ خاراكتېرلىك ئالاھىدىلىكلەرگە دۇچ كېلىۋاتىدۇ، بۇ، يېڭى دەۋردە مىللەتلەر خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش ۋەزىپىسىنىڭ تېخىمۇ ئېغىر، تەلىپىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى، قىيىنلىق دەرىجىسىنىڭ تېخىمۇ زور ئىكەنلىكىنى بەلگىلىدى.

يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە ئالدىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەپ، دەۋرنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇنلىشىپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى پىلانلاپ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەپ، مىللەتلەر خىزمىتىدىكى بىر قاتار مۇھىم، زور مەسىلىلەرنى سىستېمىلىق شەرھلەپ، يېڭى ۋەزىيەتتە مىللەتلەر خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش ئۈچۈن يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى −

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش توغرا يولىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.

مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىشتىكى توغرا يول جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ئىدىيەۋى ئاساسىنى پۇختىلاشتا چىڭ تۇرۇش، دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش بولۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئېجىل - ئىناق ئۆتۈپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، ئىناق راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق بولغان سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. «ئاياغنىڭ پۇتقا دەل كەلگەن - كەلمىگەنلىكىنى پەقەت ئاياغنى كىيگەن ئادەملا بىلىدۇ.» دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيىتى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، مىللىي مەسىلىنى جۇڭگوچە ھەل قىلىش يولى توغرا، دۇنيادىكى باشقا دۆلەتلەر بىلەن سېلىشتۇرغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەندى.

بۇ يىل 7- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى موڭغۇل دۆلىتىمىزنىڭ مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمى تۇنجى يولغا قويۇلغان جاي بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدا شەرەپلىك ئەنئەنىگە ئىگە. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەر مىللەت خەلقنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىپ، يېڭى دەۋردە نەمۇنىلىك ئاپتونوم رايوننىڭ يۈكسەك شان - شەرىپىنى داۋاملىق ساقلاش كېرەك. باش شۇجى چىفېڭ شەھىرى خېنەن كوچا باشقارمىسى مائەنشەن كەنتىگە كېلىپ، تۆت ئەۋلاد بىرگە ياشايدىغان «كۆپ مىللەتلىك ئائىلە»گە كىرىپ، شۇ جايدىكى ئون كادىر، ئامما ۋەكىلى بىلەن سۆھبەتلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسىنىڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىسىنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، بۇ تۈزۈمدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىدىن ئىبارەت ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۇ جان تومۇرىنى ياخشى قوغداش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخى ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ ئۇيۇشقان، جاسارەت بىلەن ئورتاق ئىلگىرىلىگەن بىر تارىختۇر.

«خەلق ۋەكىللىرىنى خەلق سايلايدۇ، خەلق داھىيسىنى خەلق سۆيىدۇ.» مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشلەش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى سايلاشقا قاتناشتى ھەم مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ۋەتەننىڭ چېگرا رايونىنى ئورتاق قوغداپ، گۈزەل تۇرمۇشنى ئورتاق يارىتىش كېرەك».

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى»، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- يىغىنىدا شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا، خىزمەتتە، ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپ تەربىيەسى، ئائىلە تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى دائىم پورەكلىتىپ ئېچىلدۇرۇش كېرەك.» مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر مىللەت ئامما بىللە ئولتۇراقلىشىدىغان، بىللە ئۆگىنىدىغان، بىللە ئىشلەيدىغان، بىللە كۆڭۈل ئاچىدىغان جەمئىيەت شارائىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىدە ئۇرۇق - تۇغقاندەك يېقىن ئۆتىدىغان، ئۆزئارا ھەمدەم بولىدىغان قىلىش كېرەك.

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، مىللىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىش كېرەك.

مىللىي رايونلار نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ئومۇميۈزلۈك غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى ھەل قىلىش ئەڭ تەس بولغان ئەڭ قىيىن مەسىلە: پۈتۈن مەملىكەتتىكى 14 توپ تۇتاش ئالاھىدە نامرات رايوننىڭ 11ى مىللىي رايونلارغا جايلاشقان ياكى مىللىي ئاپتونوم جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى 120 ئاپتونوم ناھىيە (خوشۇن)نىڭ 85ى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە؛ مەركەز بېكىتكەن ئېغىر نامرات «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»نىڭ ھەممىسى مىللىي رايونلاردا.

باش شۇجى شى جىنپىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى، ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىرمۇ مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ؛ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، بىرمۇ مىللەت كەم قالسا بولمايدۇ.» سىچۇەن لياڭشەن يىزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدا يوقلىغان، ھال سورىغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: «مەيلى بۇ مەسىلە قانچىلىك قىيىن بولسۇن جەزمەن ھەل قىلىش كېرەك، مەيلى بۇ مەيدان ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قىلىش قانچىلىك قىيىن بولسۇن جەزمەن غەلىبە قىلىش كېرەك».

بۇ مەيدان قاتتىق جەڭدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

دالياڭشەن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات يىزۇ ئاھالىلەرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، كەنت ئاھالىلىرى ۋەكىللىرى، كەنتتە تۇرۇشلۇق نامراتلارنى يۆلەش خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بىلەن مەشنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، كەڭ كەنت ئاھالىلىرىنى مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، ماھارەت ئۆگىنىپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈپ، يەنە ناچار ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىپ تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشقا يېتەكلەش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. چىڭخەي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مىللىي رايونلارنىڭ خاس ئەۋزەل بايلىقىنى تەرتىپلىك ئېچىپ، مىللىي رايونلارنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسى دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، مىللىي رايونلارنىڭ ئۆزىنى ئۆزى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك.

مىللەتلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيەدە، ئاچقۇچى ئادەمدە.

تارىخ شۇنى قايتا - قايتا ئىسپاتلىدىكى، پەقەت جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىلا ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئازاد قىلالايدۇ، ھەرقايسى مىللەتلەرنى گۈللەندۈرەلەيدۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مىسلىسىز بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.

دەل پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بولغاچقا، مىللىي رايونلار ئىلگىرىكى نامراتلىق، قالاقلىق بىلەن خوشلىشالىدى. پەقەت پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، ھېچقانداق ئادەم، ھېچقانداق كۈچ دۆلىتىمىزنىڭ ئىناق مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تەۋرىتەلمەيدۇ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى سىياسەت جەھەتتە تولۇق كاپالەتكە ئىگە بولالايدۇ.

مەركەز مىللەتلەر خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر مىللەتلەر خىزمىتىنى مۇھىم ئىشلار كۈنتەرتىپىگە قويۇپ، سىياسىي جەھەتتە مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەش، مىللەتلەر مەسىلىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك».

پارتىيەنىڭ مىللەتلەر سىياسىتى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈلگەندە چۈشىنىدىغان ئادەم بولۇش، مىللەتلەر خىزمىتىنى ئاساسىي قاتلامدا تۇتىدىغان ئادەم بولۇش ئۈچۈن، مىللىي رايونلاردا زور بىر تۈركۈم ياخشى كادىرلار بولۇشى كېرەك. «زور ھەق - زور ناھەقنى پەرقلەندۈرۈشتە مەيدان ئالاھىدە روشەن بولۇشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ھەرىكەت ئالاھىدە قەتئىي بولۇشى، ھەر مىللەت ئاممىنى قىزغىن سۆيۈشتە ھېسسىيات ئالاھىدە سەمىمىي بولۇشى كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللىي رايونلاردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىللە مۇنداق تەكىتلىدى: ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى زور كۈچ بىلەن يېتىشتۈرۈپ، تاللاپ ئۆستۈرۈپ، مۇنەۋۋەرلىرىنى مۇھىم رەھبەرلىك ئىش ئورنىغا قويۇش كېرەك.

ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىندى، بايراق كۆتۈرۈلۈپ يۆنىلىش بەلگىلەندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللەتلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىدا دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىدىكى مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىشنى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

باھار شامىلى بىلەن ئىللىتىش −

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا رىشتە باغلاپ، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرىنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، ھاللىق سەۋىيەگە ئورتاق ئاتلىنىشقا ئىلھاملاندۇردى

سوتسىيالىستىك جۇڭگودىن ئىبارەت ئىللىق چوڭ ئائىلىدە، ھەرقايسى مىللەتلەر نوپۇسى جەھەتتە ئاز - كۆپ دەپ ئايرىلمايدۇ، ھەممىسى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىنى ھېس قىلالايدۇ.

ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىغا كۆپ قېتىم چوڭقۇر چۆكۈپ، تەرەققىيات ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق ھەر مىللەت، ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئاز سانلىق مىللەت ئامما بىلەن سەمىمىي دوستلاشتى... باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ھال - ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، باشلامچىلىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھېسسىياتنى يېتىلدۈرۈش، يۇغۇرۇش خىزمىتىنى ئىشلەپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلىشىگە ئېرىشتى.

ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە ئاتلىنىشىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

بۇلتۇر چاغاننىڭ ئالدىنقى كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دالياڭشەننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان سىچۇەن جاۋجۆ ناھىيەسىنىڭ سەنچاخې يېزىسى سەنخې كەنتىگە بېرىپ، نامرات ئائىلىلەرگە كىرىپ ئۆي ئىگىلىرى بىلەن سەمىمىي مۇڭداشتى، ئۇلاردىن تۇرمۇشىنىڭ قانداق ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، قانداق كەسىپنى راۋاجلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، كىرىمىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى، بالىلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇيالىغان - ئوقۇيالمىغانلىقىنى سورىدى...

ئاھالىلەرنى كۆچۈرۈش نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىكى بىر خىل ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. باش شۇجى شى جىنپىڭ چىڭخەيدە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، خەيدۇڭ شەھىرىنىڭ خۇجۇ تۇزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، نامرات تۇزۇ ئاھالىسى لۈ يوۋجىننىڭ ئۆيىگە كىرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى كەنت قۇرۇلۇشىنى ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈش بىلەن بىرلەشتۈرۈش، مىللەت، رايون، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكى ۋە قىياپىتىنى قوغداش بىلەن بىرلەشتۈرۈش كېرەك.

گۇاڭشىدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ دىيالېكتىكىلىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتى ياخشى ئىشلەنسە، چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ؛ چېگرا قۇرۇلۇشى ياخشى ئىشلەنسە، مىللەتلەر ئىشلىرى يۈكسەلسە، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشمۇ زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. بۇ بىرقانچە تۈرلۈك خىزمەت بىر ئورگانىك ئومۇمىي گەۋدە، بىرلىكتە تەتقىق قىلىش، ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇشقا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى.

«بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولىمىز»، قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىغا يازغان جاۋاب خېتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ قۇربان تاغىنىڭ ئەۋلادلىرىنى يۇرتداشلار بىلەن بىرلىكتە پارتىيەنى قىزغىن سۆيۈش، ۋەتەننى قىزغىن سۆيۈش، جۇڭخۇا مىللىتى چوڭ ئائىلىسىنى قىزغىن سۆيۈشنىڭ ئۈلگىلىرىدىن بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشقا رىغبەتلەندۈردى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى ئىشلەشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سىردىشىشتا، بۇنىڭ ئۈچۈن بىر - بىرىنىڭ ھالىغا يېتىش، كۆڭۈل ئارقىلىق كۆڭۈلنى ئۇتۇش كېرەك». شىزاڭ لىنجىدىن كەلگەن گېساڭ ۋاڭجيۇ ئاساسىي قاتلام مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىدە نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان.

گېساڭ ۋاڭجيۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «قەدىناس دوستى». 2011- يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بولغان يولداش شى جىنپىڭ ئۇنىڭ ئۆيىگە كېلىپ بىر ئائىلە كىشىلىرى بىلەن بىللە سېرىق ماي چېيى ئىچىپ مۇڭداشتى، گېساڭ ۋاڭجيۇنىڭ ئانىسىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي سورىدى. «ئۇ خۇددى مېھرىبان قېرىندىشىمىزغا ئوخشاش، بىزگە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى، ئۇنىڭ كۆڭلىگە ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىمىزنى ھېس قىلدۇردى» دېدى گېساڭ ۋاڭجيۇ ئەينى چاغدىكى مەنزىرىنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇ كۆرۈنۈشلەر ھازىرمۇ ئۇنىڭ كۆز ئالدىدىن كەتمىگەنىدى.

مىللىي رايونلارنىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مىللىي رايونلارنىڭ قاتناش تەرەققىياتى توغرىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مىللىي رايونلاردىن كەلگەن ۋەكىللەر بىلەن تەسىرلىك سۆھبەت ئېلىپ باردى.

3- ئاينىڭ 5- كۈنى، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكى.

«باش شۇجى، چارۋىچىلار سىزنىڭ كەنتىمىزگە كېلىشىڭىزنى چىن كۆڭلىدىن قارشى ئالىدۇ!» دېدى تۇڭلياۋ شەھىرى زارود خوشۇنى شەرقىي سالا كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ يۈنبو باش شۇجىنى تەكلىپ قىلىپ.

«سىلەرنىڭ كەنتكە بېرىش ئۈچۈن قانداق ماڭىدۇ؟» دەپ سورىدى باش شۇجى گەپكە جاۋابەن قىزىقارلىق قىلىپ.

«ئايروپىلان، يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىزنىڭ ھەممىسى بولىدۇ» دېدى ۋۇ يۈنبو ئوچۇق كۆڭۈللۈك بىلەن تۈزلا قىلىپ.

«بېيجىڭدىن قانداق بارىمىز؟ ماڭا يول كۆرسىتىپ بېقىڭ» باش شۇجى يەنە سورىدى.

«ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بىزنىڭ تۇڭلياۋ ئايرودۇرۇمىغا بارىسىز، بىز ئاپتوموبىللىق سىزنى ئالغىلى چىقىمىز، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسالدى، ھازىر يول بەك ياخشى». ۋۇ يۈنبونىڭ گېپى تۈگىمەيلا يىغىن مەيدانىنى خۇشال كۈلكە ساداسى بىر ئالدى.

3- ئاينىڭ 7- كۈنى، گەنسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى.

«مېنىڭ ھېلىھەم ئېسىمدە، 2013- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى، سىز تىك تاغ يولىنى بويلاپ، بۇلېڭگوۋ كەنتىگە كەلگەنىدىڭىز» دېدى گەنسۇ ئۆلكىسى لىنشيا خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى چۈيماتەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىن كەلگەن ۋەكىل دۇڭ سەييۈن باش شۇجىغا، «يۇرتۇمدا تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسالمىدى، بىزمۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسىلىپ، يۇرتىمىزنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش قەدىمىنى تېزلىتىشنى ئارزۇ قىلىمىز».

«گەنسۇدا تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسالمىغان ناھىيەدىن قانچىسى بار؟» دەپ سورىدى باش شۇجى يېنىدا ئولتۇرغان گەنسۇ ئۆلكىسىدىكى مەسئۇل يولداشتىن.

«گەنسۇدىكى جەمئىي 86 ناھىيە، رايوندىن 31 ناھىيەدە تېخى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول ياسالمىدى، 40 نەچچە ناھىيەدە تېخى تۆمۈريول ياسالمىدى. ھازىر يىرىك پىلان تۈزۈپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى بۇ مەسئۇل يولداش.

سەمىمىي ئىنتوناتسىيە، تەپسىلىي سورالغان سوئاللار چوڭ دۆلەت، چوڭ پارتىيەنىڭ بىر داھىيسىنىڭ مىللىي رايونلارنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى.

مىللىي رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشقا باش شۇجى شى جىنپىڭ ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى.

«ساڭشەن سىياھ بىلەن سىزىلمىسىمۇ سۈرەتتەك گۈزەل، ئېرخەي تارىسى بولمىسىمۇ قالۇن كۈيىدەك گۈزەل». يۈننەندە تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېرخەي كۆلى بويىغا كېلىپ، ئېكولوگىيەسى قوغدىلىدىغان سۇلۇق يەرنى ئىنچىكە كۆزەتتى، ئېرخەي كۆلىنىڭ قوغدىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، ئېرخەي كۆلى بويىدا شۇ جايدىكى كادىرلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشكەندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «بۇ گۈزەل مەنزىرىنى ساقلاپ قېلىڭلار، يەنە بىر قانچە يىلدىن كېيىن قايتا كەلگىنىمدە، سۇنىڭ تېخىمۇ پاكىز، سۈزۈك بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن».

بۇ يىل ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چىفېڭ شەھىرى كالاچىن خوشۇنى مائەنشەن ئورمانچىلىق مەيدانىغا كېلىپ، پىژغىرىم ئىسسىققا قارىماي، ئېگىز - پەس ئورمان مۇھاپىزەت چىغىر يولىنى بويلاپ، ئورمان رايونىغا كىرىپ، دەل - دەرەخلەرنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى كۆزەتتى. باش شۇجى ئورمان مۇھاپىزەتچىلىرىگە مۇنداق تاپىلىدى: ۋەتەننىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەپ، بۇ ياپيېشىللىقنى، بۇ كۆپكۆكلۈكنى، بۇ ساپلىقنى ياخشى ساقلاڭلار.

چىڭخەينىڭ ئېكولوگىيەلىك ئورنى مۇھىم ھەم ئالاھىدە. تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شۇ جايدىن جەزمەن ئۈچ دەريا مەنبەسىنى قوغداش، «جۇڭخۇا سۇ مۇنارى»نى قوغداشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، جەزمەن چىڭخەي كۆلى بويىدىكى رايونلارنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، قۇملىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئېگىز سوغۇق ئوتلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، چارۋىچىلىقتىن ئوتلاققا قايتۇرۇش، تېرىلغۇدىن ئورمانغا قايتۇرۇش، ئوتلاققا قايتۇرۇش، ئۈچ شىمال ئىھاتە ئورمىنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېنېرگىيە تېجەش، بۇلغىما ئازايتىش ۋە مۇھىتنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، «سۈزۈك دەريا سۈيى شەرققە قاراپ ئېقىش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداشقا ۋە مائارىپ ئىشلىرىغا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلدى.

ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت، جۇڭخۇا مىللىتى كۆپ مىللەتنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالماشتۇرۇشى، ئالاقىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىدىن شەكىللەنگەن. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ئوخشاش بولمىغان كۆپ مىللەت مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتقان، تارىخىي ئۇزاق بولۇپ، دۇنيادىكى بىردىنبىر ئۈزۈلۈپ قالماي، بۈگۈنگىچە تەرەققىي قىلغان مەدەنىيلىك. ئاز سانلىق مىللەتلەر مەدەنىيىتىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، «گېسار» قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوللاپ ۋە يۆلەپ، ۋارىسلارنى ياخشى يېتىلدۈرۈپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. كىشىلەرنى توغرا تارىخ قارىشى، دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، مەدەنىيەت قارىشىنى تۇرغۇزۇشقا يېتەكلەپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۇلۇغ ۋەتەننى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، جۇڭخۇا مىللىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. خېيلۇڭجياڭنىڭ توڭجياڭ شەھىرى باچا خېجېزۇ مىللىي يېزىسىنىڭ باچا كەنتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خېجېزۇ مىللىتىنىڭ تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى مول، بولۇپمۇ بېلىق تۇتۇش ماھارىتى يۇقىرى، نەقىش سەنئىتى نەپىس، يىماكەن نەزمىسى ناھايىتى يېقىملىق دەپ تەرىپلىدى. يۈننەننىڭ ئېرخەي كۆلى بويىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بەيزۇ مىللىتىنىڭ ئەنئەنىۋى ئۆيلىرىگە كىرىپ: «بۇ يەرنىڭ مۇھىتى رەتلىك - پاكىز ئىكەن يەنە تېخى قەدىمىي، ئاددىي ھالىتىنى ساقلاپتۇ، بۇنداق ھويلا - ئاران غەربچە ئۆيدىن ياخشى، يۇرت سېغىنىشىنى ئەستە ساقلىغىلى بولىدۇ» دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ئىچكى موڭغۇل داشۆسىدە، ساۋاقداشلارنى ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، بىلىمنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئاساسنى ياخشى سېلىپ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشكە ئىلھاملاندۇردى؛ شىزاڭ مىللەتلەر داشۆسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىدا خەت ئەۋەتىپ تەبرىكلىدى. مەكتەپنىڭ شىزاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

قىزغىن غەمخورلۇق، سەمىمىي ئۈمىد.

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مىللىي رايونلارغا، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ئۇلاردىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتكەنلىكى ئاز سانلىق مىللەت ئاممىنى غايەت زور ئىلھامغا ئىگە قىلدى، ئۇلار قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، دۆلىتىمىز مىللەتلەر ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتمەكتە.

چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلەش −

ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، زور تەرەققىيات بايرىقىنى ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى

يۈننەننىڭ گۇڭشەن ناھىيەسىدىن يولغا چىقىپ، دۇلۇڭجياڭ يېزىسىغا بېرىشتا، ئېگىز تاغلارنى ئايلىنىپ تۆۋەنگە چۈشكەندە، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىدا دەريا بويىدىكى بىر چىرايلىق، زامانىۋى كىچىك بازار نامايان بولىدۇ.

مەيىن شامالدا جەۋلان قىلىۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق، ئۆگزىسى كۈل رەڭ، تېمى سېرىق رەڭدىكى دۇلۇڭ تۇرالغۇلىرى، رەتلىك - پاكىز كوچىلار خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشايتتى، بۇ يەرنىڭ ئىلگىرى دۇنيادىن خالىي «نامرات يېگانە ئارال» ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ناھايىتى تەس ئىدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن دۇلۇڭجياڭ يېزىسىدىكى 1000دىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ھەممىسى يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، بۆلجۈرگەن، دۇلۇڭ ھەرىسى، دۇلۇڭ كالىسى، دۇلۇڭ توخۇسى قاتارلىق خاس تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق كەسىپلىرى ھەممىلا يەردە گۈللەندى.

يەنە بىر ئاز سانلىق مىللەت يېتىشىۋالدى! بۇ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى شارائىتىدا چېگرا رايوندىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ «بىر قەدەمدە مىڭ يىل ھالقىغانلىقى»نىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى بولدى.

مىللەتلەرنىڭ ھەممىسى بىر ئائىلە كىشىلىرى، بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشى كېرەك. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش پەقەت بىرىنچى قەدەم، تېخىمۇ ياخشى كۈنلەر ئالدىمىزدا. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا بىر مىللەتمۇ كەم قالسا بولمايدۇ» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمى مىللىي رايونلاردىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى زور دەرىجىدە ئىلھاملاندۇردى، ئۇلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، سىياسەت شەرق شامىلىدىن پايدىلىنىپ، گۈزەل تۇرمۇشقا قاراپ تېز ئالغا ئىلگىرىلىمەكتە.

تەرەققىيات تېزلىتىلىپ، مىللىي رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا مۇھىم باسقۇچلۇق مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى.

جىخاۋ يېچيۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ دالياڭشەنگە بارغاندا يوقلىغان يىزۇ نامرات ئاممىسىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ بۇرۇنقى ئۆيىدە، ئۆيلەر بىلەن قوتانلار ئارىلاش جايلاشقان بولۇپ، تۆت تەرەپتىن شامال كىرىپ تۇراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، جىخاۋ يېچيۇ كۆچۈپ كىرگەن يېڭى ئۆيدە ئايرىم ئاشخانا ۋە تازىلىق ئۆيى بار، ھەر كۈنى يۈز يۇيۇش، چىش چوتكىلاش ئۆيدىكىلەرنىڭ ياخشى ئادىتىگە ئايلاندى. كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىن كېيىن، جىخاۋ يېچيۇ ئۇنىڭدا ئىشلىدى، ئائىلىسىدىكىلەر يەنە ياڭيۇ تېرىپ ۋە كالا بېقىپ كىرىمىنى خېلىلا كۆپەيتتى.

جىخاۋ يېچيۇدىكى ئۆزگىرىش دەل مىللىي رايونلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشىدۇر. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، سەككىز مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايوندىكى نامرات نوپۇس 2012- يىلىدىكى 31 مىليون 210 مىڭدىن 2018- يىلىدىكى 6 مىليون 30 مىڭغا چۈشۈپ، نامراتلىق يۈزبېرىش نىسبىتى %20.8تىن %4كە تۆۋەنلىگەن.

شۇنىڭ بىلەن بىللە، مىللىي رايونلار قاتناش، خەۋەرلىشىش، ئېلېكتىر، ئىچىدىغان سۇ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارنى قولغا كەلتۈردى. قاتناشنى مىسالغا ئالساق، سەككىز مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايوننىڭ تاشيول مۇساپىسى 1 مىليون 180 مىڭ كىلومېتىردىن ئاشتى، تۆمۈريول مۇساپىسى 36 مىڭ كىلومېتىرغا يەتتى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول مۇساپىسى 5000 كىلومېتىرنى بۆسۈپ ئۆتتى. لەنجوۋ - شىنجاڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولى، موتو تاشيولى، دۇلۇڭجياڭ تونېلى قاتارلىقلار ھەم تەرەققىيات قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قۇرۇلۇشىدۇر.

مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كېلىشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىشى ۋە زور كۈچ بىلەن مەبلەغ سېلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2013- يىلىدىن باشلاپ، سەككىز مىللىي ئۆلكە، ئاپتونوم رايونغا سېلىنغان مەركەز مالىيەسىنىڭ نامراتلارنى يۆلەش مەبلىغى جەمئىي 227 مىليارد 930 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەبلەغ ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %44.3ىنى ئىگىلىگەن. 2018- يىلى، مەركەز مالىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈردىكى نامراتلارنى يۆلەش بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەبلىغىدىن 12 مىليارد يۈەن مەخسۇس «ئۈچ رايون، ئۈچ ئوبلاست»قا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن مەبلەغنىڭ %60ىنى ئىگىلىگەن.

ئىتتىپاقلىشىپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، ھەرقايسى مىللەتلەر ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

قۇربان تاغىنىڭ قىزى توختىخان قۇربان بۇ يىل 90 ياشقا كىردى. بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكى «ئەڭگۈشتەر»گە ئايلاندى. موماي مۇنداق دېدى: قىزىل ئائىلە ئىستىلىغا ۋارىسلىق قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇرۇقىنى چېچىش باش شۇجى شى جىنپىڭغا بولغان ئەڭ ياخشى مىننەتدارلىقتۇر.

توختىخان قۇربان موماينىڭ كىچىك ئوغلى ئىمىنجان ئەيسا بىر كەنتنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى. «كەنت ئاھالىلىرى مېنىڭ قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىسى ئىكەنلىكىمنى بىلىدۇ، ھەممىسى ماڭا بەك ئىشىنىدۇ، باش شۇجى جاۋاب خەت يېزىپ، بىزدىن شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشىمىزنى تەلەپ قىلدى، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتداشلارنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشكە يېتەكلەيمەن» دېدى ئۇ.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش چوڭقۇرلۇققا، كەڭلىككە قاراپ ئالغا سىلجىتىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش چىڭ تۇتۇلۇپ، ساھە ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلىپ، ۋاسىتە بېيىتىلىپ، مېخانىزم مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئادىمىيەتلەشتۈرۈش، ئاممىۋىلاشتۇرۇش، ئەمەلىي گەۋدىلەشتۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلدى... يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكلىشىدە، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ بىللە ياشاش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش شارائىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىلدى.

ئېكولوگىيە ياخشىلاندى، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» ئىدىيەسى مىللىي رايونلاردا كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى.

دالى بەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دالى شەھىرى ۋەنچياۋ بازىرى گۇشېڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لى دېچاڭنىڭ ئۆيى دەل ئېرخەي كۆلىنىڭ بويىدا. تۆت يىلدىن بۇيان، ئۇ ئىزچىل باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئېسىدە چىڭ ساقلاپ، ھەر كۈنى ئېرخەي كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىپ كەلدى. «پەقەت ۋاقتىم بولسىلا، ساھىلدىكى تۇرمۇش ئەخلەتلىرىنى تازىلاپ، قىرغاققا يېقىن جايلاردىكى ئۆلگەن سۇ ئۆسۈملۈكلىرى ۋە سۇ يۈسۈنلىرىنى سۈزىمەن» دېدى لى دېچاڭ.

يېقىنقى بىرقانچە يىلدا، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان ئېرخەي كۆلىنى قوغداش، تۈزەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ بىر مەيدان جېڭى باشلاندى. تۈزەش ئۈنۈمىگە يېتىش ئۈچۈن، دالى يەنە شاڭخەي قاتناش داشۆسى يۈننەن (دالى) تەتقىقات يۇرتى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئېرخەي كۆلىنىڭ «تومۇرىنى تۇتۇش»قا تەكلىپ قىلدى.

بۈگۈنكى ئېرخەي كۆلى سۈزۈكلەشتى، گۈزەللەشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى بەش ئېيىدا، پۈتۈن ئېرخەي كۆلىنىڭ سۇ سۈپىتى ئوتتۇرىچە Ⅱ دەرىجىدە بولدى.

«مەن باش شۇجىنىڭ دالىغا يەنە كېلىشىنى، گۇشېڭ كەنتىگە يەنە كېلىشىنى، بىزنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىمىزنى كۆرۈپ بېقىشىنى، ئېرخەي كۆلىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى لى دېچاڭ ئىنتىزارلىق بىلەن.

مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىندى، مائارىپ ئىشلىرى تېز تەرەققىي قىلدى، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئاممىسىنىڭ مەنىۋى ئېرىشىش تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

«بىر ئەپكەش، ھوييو ھوي، يىۋەن ھوي. ئوھوي، يوبا يىۋەن بولسا لېشۆ، ئوھوي، يوبا يىۋەن بولسا لېشۆ، ئوھوي يىۋەن ھوي.» خەنزۇ، چياڭزۇ ئىككى مىللەتنىڭ تىلى يۇغۇرۇلۇپ كەتكەن بۇ «بىر ئەپكەش» دېگەن خەلق ناخشىسى سىچۇەن ئۆلكىسى بېيچۇەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىدىكى ھەر مىللەت ئەمگەكچى خەلق ئارىسىدا ئېغىزدىن - ئېغىزغا تارقىلىپ كەلمەكتە.

2008- يىلى «12- ماي» ۋېنچۇەندىكى پەۋقۇلئاددە زور يەر تەۋرەشتىن كېيىن باشقا جايدا قايتا قۇرۇلغان بېيچۇەن يېڭى ناھىيە بازىرىدا، يەر تەۋرەشتىن كېيىن كۆچۈپ كەلگەن ھەر مىللەت ئامما ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللىي ئۆرپ - ئادەت، تۇرمۇش شەكلى ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەنىدى. كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان چياڭزۇ ناخشىلىرى، نەپىس، شادىيانە چياڭزۇ ئۇسسۇللىرى ئارقىلىق، پۈتۈن ناھىيەدىكى ھەر مىللەت ئامما ئۆزئارا چۈشىنىشتى، ئۆزئارا سىڭىشىشتى، بىللە تۇرمۇش كەچۈردى، ئۆزئارا بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈردى، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش تۇيغۇسى ۋە تەۋەلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، ئەسلىدە ناتونۇش بولغان قەلبلەر تەدرىجىي يېقىنلىشىپ تۇتىشىپ كەتتى. «ھازىرقى بېيچۈەندە، بەزى خەنزۇ ئامما چياڭزۇچە ناخشىلارنى ئاز سانلىق مىللەتلەردىنمۇ ياخشى ئېيتالايدۇ، كۆپچىلىك مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئالماشتۇرۇلۇشى داۋامىدا ھېسسىياتنى ئىلگىرى سۈردى» دېدى بېيچۇەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ناھىيەلىك پارتكوم شۇجىسى لەي جۈن تونۇشتۇرۇپ.

بۈگۈنكى كۈندە، خانى پەلەمپەي ئېتىزلىرى، خۇاشەن قىيا رەسىملىرى قاتارلىق 14 تۈرلۈك ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە مىللىي رايونلاردىكى تارىخىي قەدىمىي يادىكارلىقلار دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقامى، موڭغۇللارنىڭ ئۇزۇن ئاھاڭلىق خەلق ناخشىسى، خۇيزۇلارنىڭ خۇائېرى قاتارلىق 15 تۈرلۈك ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت سەنئەت مىراسى دۇنيا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈپ، پۈتۈن مەملىكەت ئومۇمىي سانىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئۈچتىن بىر قىسىمدىن ئېشىپ كەتتى.

مائارىپ ئىشلىرى مىللىي رايونلارنىڭ يىراق كەلگۈسى تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەربىر ئاز سانلىق مىللەت ئائىلىسىنىڭ ئۈمىدى ۋە كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك. 2018- يىلىنىڭ ئاخىرى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە مەكتەپتىكى ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى 30 مىليون 94 مىڭ كىشىگە يېتىپ، مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار ئومۇمىي سانىنىڭ %10.9ىنى ئىگىلىدى؛ ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلارنىڭ ئۈچ يىللىق يەسلىگە كىرىش ئومۇمىي نىسبىتى، مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ مۇستەھكەملىنىش نىسبىتى، تولۇق ئوتتۇرا باسقۇچىدىكى ئومۇمىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ۋە ئالىي مائارىپ ئومۇمىي مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى ئايرىم - ئايرىم ھالدا 2015- يىلىدىكىدىن 6.7، 1.2، 1.8 ۋە 8.1 پىرسەنت پوئېنت ئۆستى.

...

چوڭقۇر ئۈمىد جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش شىجائىتىنى مۇجەسسەملىدى؛ سەمىمىي غەمخورلۇق ھەر مىللەت خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.

«ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، چوقۇم 56 مىللەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە كۈچىگە تايىنىش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلىرى يەڭنى تۈرۈپ غەيرەت بىلەن ئىشلەپ، قول تۇتۇشۇپ يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش داغدام يولىدا چوڭ قەدەملەر بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.