بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە

− جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا بېغىشلايمىز

日期:2019年09月28日
来源:新疆日报
【字体:

شىنجاڭ گېزىتى تەھرىر بۆلۈمى

(1)

ھامان بەزى پەيتلەرگە جاھاننى ئۆزگەرتىدىغان كۈچ يوشۇرۇنغان بولىدۇ.

1949- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت قۇرۇلۇش مۇراسىمى بېيجىڭ تيەنئەنمېن راۋىقىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو تارىخىدىكى بىر يېپيېڭى دەۋر شۇنىڭدىن ئېتىبارەن باشلاندى. جۇڭخۇا مىللىتى 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيانقى تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچراش، قۇل قىلىنىش، ئېزىلىشتەك ھاقارەتلىك تارىختىن قۇتۇلدى، ئازاب - ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن يۈز مىليونلىغان خەلق شاد - خۇراملىققا چۆمۈپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەت، جەمئىيەت ۋە ئۆز تەقدىرىنىڭ ئىگىلىرىگە ئايلاندى.

«پىدائىيلار مارشى» ھەيۋەتلىك ياڭرىغاندا، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق ئاسمان گۈمبىزىنى قىزارتقاندا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررىتورىيەسىنىڭ ئەڭ غەربىدە، تىيانشان شادلىققا چۆمۈپ، تارىم دەرياسى ناخشا ئېيتىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئۇلۇغ ۋەتەن بىلەن بىرلىكتە نۇرلۇق يېڭى ھاياتنى كۈتۈۋالدى. شۇ كۈندىن باشلاپ، 70 يىلدىن بۇيان، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراق قارلىق تاغ، ئېگىزلىكتە نۇر چېچىپ، «پىدائىيلار مارشى» قۇملۇق، بوستانلىقنى لەرزىگە كەلتۈرۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار ئۇلۇغ ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولدى.

ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئۇزۇن ئېقىنىدا، 70 يىل پەقەت كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ئۆتۈپ كېتىدىغان قىسقا ۋاقىت، ئەزەلدىن ھېچقانداق دۆلەت يېڭى جۇڭگوغا ئوخشاش، مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىتتا يەر - جاھاننى زىلزىلىگە كەلتۈرۈپ، دۇنيانى ئۆزگەرتكەن ئەمەس. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭخۇا مىللىتى ئالەمشۇمۇل تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى.

70 يىلدىن بۇيان، يېڭى جۇڭگونىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، شىنجاڭ زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا قاراپ مېڭىپ، قالاقلىقتىن ئىلگىرىلەشكە قاراپ مېڭىپ، نامراتلىقتىن بېيىشقا قاراپ مېڭىپ، بېكىنمىلىكتىن ئېچىۋېتىشكە قاراپ مېڭىپ، «جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغان، جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان» دۇنياۋى مۆجىزىنى ياراتتى.

70 يىلدا، يول بويى زەپەر مارشى ياڭرىتىپ، جاسارىتىمىز پەلەككە يەتتى؛ 70 يىلدا، ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ياساپ، ئىسسىق قېنىمىز قايناپ - تاشتى. يىللار ئەينەك، تاغ - دەريالار گۇۋاھ، كومپارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى، ۋەتەننىڭ قوينىدا گۈللەپ ياشنىغان گۈزەل شىنجاڭ تېخىمۇ بولمايتتى.

«خوراز چىللاپ يورۇپ ئالەم ئاتتى تاڭ، بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە.» يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، يولداش ماۋ زېدۇڭنىڭ كۈچلۈك ھېسسىياتقا باي شېئىرلىرىغا شىنجاڭغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇق ۋە ئۈمىد سىڭگەنىدى؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە»گە يەنە ئۈزلۈكسىز يېڭى مەزمۇن قوشۇلدى، ئۇ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلارنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە، ئۇلۇغ ۋەتەنگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن ياخشى پۈتۈشتىكى جاراڭلىق قەسىمى.

(2)

بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىغا ئېگىزدىن نەزەر سالساق، چۆل - باياۋان، قۇملۇق قانداق قىلىپ 10 مىڭ گېكتارلىق بوستانلىققا ئايلاندى؟ چۆل - باياۋاندا قانداق قىلىپ قاتار - قاتار يېڭى شەھەرلەر بىنا قىلىندى؟ چەت، يىراقتىكى قەھرىتان سوغۇق بولىدىغان جايلار قانداق قىلىپ ئاسىيا، ياۋروپاغا تۇتاشقان، دۇنيانى قۇچاقلىغان يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىغا ئايلاندى؟

جاۋابى تاغ - دەريالار ئارىسىغا يېزىلغان.

70 يىل ناخشىدەك تېز ئۆتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەربىر سۇڭ تۇپراققا قۇياش نۇرى ۋە بەخت تىلىكى چېچىلدى.

1949- يىلى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش مۇراسىمىنىڭ ئالدىدا، شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنىپ، ئۈچ تاغ، ئىككى ئويمانلىق ئارىسىدىكى بىپايان زېمىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان قۇياش نۇرىغا چۆمۈلدى.

ئۇرۇش تىنچلىققا ئايلاندى! شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد قىلىنىشى جۇڭگونىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى زور ئىش، ئۇ جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى بۇ 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان دۆلەت زېمىنىنى تاغ - دەريالار پارچىلىنىش، خەلق ئازاب - ئوقۇبەتكە دۇچار بولۇشتىن ساقلاپ، ۋەتەننىڭ بىرلىكى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى قوغداپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدە بۇ تۇپراققا ۋە ھەر مىللەت خەلققە قىلغان چوڭقۇر غەمخورلۇقىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى.

70 يىلدىن بۇيان، ۋەتەننىڭ شىنجاڭىغا پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى باشتىن - ئاخىر ئەڭ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن كۆڭۈل بۆلدى.

1958- يىلى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدە، ماۋجۇشى كېرىيە ناھىيەسىدىن كەلگەن ئۇيغۇر دېھقان قۇربان تۇلۇم بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشقان كۆرۈنۈش تارىخ بولۇپ ساقلاندى ھەم قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچكە ئايلىنىپ، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرىنى پارتىيەنى سۆيۈش، دۆلەتنى سۆيۈش قىزىل گېنىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت قېرىنداشلار ئارىسىغا كېلىپ، خەلق تۇرمۇشىنى سوراپ، ئىتتىپاقلىقنى سۆزلەپ، تەرەققىيات ئۈستىدە توختىلىپ، سەمىمىي غەمخورلۇق قىلىپ، قەلبلەرنى ئىللىتىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇش يولىدا تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە تولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى. بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ تەكشۈردى، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى ئاچتى، 12- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5- يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرنى ئېلان قىلدى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بەردى، ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەتتىن شىنجاڭ خىزمىتىگە تەپسىلىي قاراپ چىقتى، ئۇنى پىلانلىدى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى بېكىتتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ مىزان بىلەن تەمىنلىدى.

70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇش، ياخشى راۋاجلاندۇرۇشنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ چىقىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرقى مەقسىتى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، جان - دىلى بىلەن ھەر مىللەت خەلقنىڭ بەختىنى كۆزلىدى، ھەربىر مۇھىم، زور تارىخىي مەزگىل ۋە مۇھىم تارىخىي پەيتتە، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقىرىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تارىخىي خاراكتېرلىك ھالقىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنىپ، زۇلمەت، قالاق كونا تۈزۈم ئۈزۈل - كېسىل بىكار قىلىنىپ، يەتكۈچە زۇلۇمغا ئۇچرىغان ھەر مىللەت خەلق دۆلەتنىڭ ئىگىسىگە ھەقىقىي ئايلاندى. 1955- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قۇرۇلۇشى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ھوقۇقىنى تولۇق كاپالەتلەندۈردى. شۇنىڭدىن كېيىن، بوران - چاپقۇنلۇق يېرىم ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىتتا باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك مىللەتلەر مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر شىنجاڭنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئىلگىرىلىشىدىكى مۇستەھكەم ئۇل تاش بولدى.

1978- يىلى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشنى مەركەز قىلىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى يولغا قويۇشنى بېكىتتى. شىنجاڭ ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ ئىلگىرىلەش قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ھەيۋەتلىك دولقۇندا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىدى. ئەسىر ئالماشقان پەيتتىكى دۆلەتنىڭ غەربىي رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش ئىستراتېگىيەسى بۇ تۇپراقنىڭ تەقدىرىنى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش مۇساپىسى بىلەن زىچ باغلاپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىي قىسمىدىكى «ئازگال»نى بىر سەكرەپلا غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئەڭ ئالدىنقى سەپكە ئايلاندۇردى.

يىراقنى كۆزلىمىگەنلەر بىر مەزگىللىك ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ؛ پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلىمىگەنلەر كونكرېت ساھەدىكى ئىشنىمۇ ياخشى قىلالمايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت تارىخىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ شىنجاڭ خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار ئېتىبار سىياسەت ۋە تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن دۆلەتنىڭ كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى قوغدىدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى شىنجاڭغا تېخىمۇ تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز تەرەققىياتىنى دۆلەتنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭ ۋەزىيىتىگە چوڭقۇر سىڭدۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بولۇشتەك شان - شەرەپنى زىممىسىگە ئالغان جۇڭگو شىنجاڭ دۇنيا سەھنىسىدە لەرزان غۇلاچ تاشلاپ، ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا ئۇسسۇلغا چۈشتى.

70 يىللىق بوران - چاپقۇننى باشتىن كەچۈرۈپ، شىنجاڭ يول بويى ئالغا ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم تاشلىدى. بۇ ئىشەنچ ۋە تەمكىنلىك پارتىيەنىڭ قۇياش نۇرى ۋە مېھىر - شەپقىتىدىن كەلگەن، شۇنداقلا ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقى، غەمخورلۇقىدىن ئايرىلالمايدۇ. 20- ئەسىرنىڭ 50-، 60- يىللىرىدا، تۈركۈم - تۈركۈم ئوت يۈرەك ياشلار «بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي»نى ئېيتىپ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىن تىيانشان ئېتىكىگە يىغىلىپ، شىنجاڭنىڭ سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشىدىكى جەڭگىۋار قوشۇنغا ئايلاندى، ئۇلار شىنجاڭنى قىزغىن سۆيۈپ، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارىنى بۇ قاينام - تاشقىنلىق تۇپراققا بېغىشلىدى. 1997- يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بەرگۈچى تۈركۈم - تۈركۈم كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭغا كېلىپ، ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەرىنى شىنجاڭ تۇپرىقىغا سىڭدۈردى، شۇنداقلا «ئۇزاققىچە شىنجاڭلىقلاردىن بولۇشتىن باش تارتماسلىق»تەك چىن مۇھەببىتىنى ھەر مىللەت خەلققە بېغىشلىدى.

سان ئۈنسىز بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ قۇدرەتلىك قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە. 70 يىلدىن بۇيان، مەركەز مالىيەسى شىنجاڭغا جەمئىي 2 تىرىليون 350 مىليارد يۈەن ياردەم پۇل بەردى، 2018- يىلىلا 302 مىليارد 200 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2010- يىلىدىن بۇيان، پۈتۈن مەملىكەتتىكى 19 ئۆلكە، شەھەر شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىپ، جەمئىي 103 مىليارد 500 مىليون يۈەن ياردەم مەبلىغى سالدى، 1 تىرىليون 800 مىليارد يۈەنگە يېقىن ھەمكارلىق مەبلىغى كىرگۈزدى.

باھار زېمىنغا ئۈمىد چاچتى، بارچە مەۋجۇدات جانلاندى. 70 يىلدىن كېيىن، نامرات، ئاجىز، خاراب شىنجاڭ تارىخ تەرىپىدىن چوڭ قەدەم بىلەن ئارقىغا چۆرۈۋېتىلىپ، ھاياتىي كۈچكە تولغان شىنجاڭ بارغانسېرى دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتتى، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت ئوغۇل - قىزلار تېخىمۇ يۇقىرى ئاۋازدا «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» دېگەن كۈينى ياڭراتتى. بۇ، مىننەتدارلىق قەلب ساداسى، شۇنداقلا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى.

(3)

2019- يىلى ئالتۇن كۈزدە، چىراغ نۇرلىرى ئۆزگىرىپ تۇرىدىغان، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان باش تېمىلىق چىراغ نۇرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان تۈسكە كىرگۈزدى. چاقناپ تۇرغان چىراغلار كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىم بولغان، ئاي - يىللار تىنچ بولغان گۈزەل شىنجاڭنى يورۇتتى.

كېچە مەنزىرىسىگە ئوخشاش كىشىنى خۇشال قىلىدىغىنى يەنە شىنجاڭنىڭ ئاۋاتلىقى. 2018- يىلى، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى ساياھەتچى 150 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، 2019- يىلى 200 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ھەر تەرەپتىن كەلگەن مېھمانلار ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ئالقىشلىدى!

تەرەققىيات ئىناقلىققا، مۇقىملىققا موھتاج، خەلق بەختكە، خاتىرجەملىككە موھتاج. مۇقىملىق ئەڭ چوڭ خەلق تۇرمۇشى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش بولدى، ئاممىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى مىسلىسىز ئۆستى. تارىخ شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، شىنجاڭدا جەمئىيەت مۇقىملىقىنى ساقلىغاندىلا، ئاندىن كىشىلەر قەلبىنى ئەڭ زور دەرىجىدە مۇجەسسەملىگىلى، تۈرلۈك ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىغا پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ، ھەر مىللەت ئاممىمۇ خاتىرجەم ياشاپ، خۇشال - خۇرام ئىشلەپ بەختلىك تۇرمۇشتىن بەھرىمەن بولالايدۇ. جەمئىيەت مۇقىملىقىدىن ئىبارەت تۈپ ئالدىنقى شەرتنى يوقىتىپ قويساق، قالغانلىرىنىڭ ھەممىسى مەنبەسىز سۇ، يىلتىزسىز دەرەخ بولۇپ قالىدۇ.

قەدىمدىن تارتىپ چېگرا رايون مۇقىم بولسا، دۆلەت تىنچ بولغان؛ چېگرا رايون مالىمان بولسا، دۆلەت تىنچ بولمىغان. تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنىدا، شىنجاڭ تاشقى خەۋپكە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئون مىڭ چاقىرىملىق چېگرا ئۆتكىلى، تارىختىن بۇيانقى سۇلالە، دەۋرلەردە تېررىتورىيەنىڭ كېڭىيىشى - تارىيىشىدىكى ئاچقۇچلۇق بەلباغ، يېڭى جۇڭگونىڭ يۇرتنى مۇھاپىزەت قىلىپ، ۋەتەننى قوغداشتىكى كۈچلۈك ئارقا سېپى بولغان. يېڭى ۋەزىيەتتە، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق چوڭ ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك، ۋەتەننىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە مۇناسىۋەتلىك، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇناسىۋەتلىك. دەل شۇنداق بولغاچقا، مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باش نىشانى قىلىپ بېكىتىلدى.

ئاساسىي زىددىيەتنى تۇتقاندىلا، ئاندىن پۈتۈن ۋەزىيەتنىڭ تەشەببۇسكارلىقىنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ «يىلتىزى» ۋە «جېنى» بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەممەيلەننىڭ يېڭى ۋەزىيەتتىكى شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان پىكىر يولى ۋە تونۇشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇردى ۋە بىرلىككە كەلتۈردى.

باش نىشان − تۇتقا، تۇتقا تۇتۇلسا ھەممە ئىش يۈرۈشىدۇ. مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، باش نىشان بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا شىنجاڭنىڭ بارلىق خىزمەتلىرىنى پىلانلاپ، ئالغا سىلجىتىپ، مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈپ، مۇھىم ھالقىنى تۇتۇپ، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلىدى؛ قاتتىق زەربە بېرىش مەخسۇس كۈرىشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش «بىرىكمە مۇشت»ىنى ياخشى ئېتىپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنىڭ پولات سېپىلىنى بەرپا قىلدى؛ بىر قولدا قانۇن بويىچە زوراۋان - تېررورچى ئۇنسۇرلارغا زەربە بېرىشنى تۇتۇپ، بىر قولدا ئەڭ زور چەكتە كىشىلەر قەلبىنى مايىل قىلىش ۋە مۇجەسسەملەشنى تۇتۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغانلار روناق تاپىدۇ، ھەمنەپەس بولغانلار غەلىبە قىلىدۇ. بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاپاغا چىداپ تىرىشىش ئارقىلىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداش كۈرىشىنىڭ مول نەتىجىلىرى قولغا كەلتۈرۈلدى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭنىڭ چوڭ ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولدى، ۋەزىيەت سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلەندى، شەھەر - يېزىلاردا جەمئىيەت تىنچ بولدى، باش نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى. مۇقىم جەمئىيەت مۇھىتى ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئەڭ مۇھىم شارائىت، ئەڭ كۈچلۈك مەدەتكە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى تېخىمۇ تۈپتىن ھەل قىلىش ئۈچۈن، ۋاقىتنى قولغا كەلتۈردى، تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈردى.

شىنجاڭنىڭ كۈز پەسلىدە، تاغ - دەريالار كىمخاب كىيىپ، كەڭ زېمىندا ئالتۇن ئاقىدۇ. شىنجاڭ تىنچ ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى ۋە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىدىن ئىبارەت خۇشال كۈنلەر ئارقا - ئارقىدىن يېتىپ كەلدى، «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» دېگەن كۈي قۇلاق تۈۋىمىزدە يەنە ياڭرىغاندا، تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى دۆلەتنىڭ بىرلىكى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەت مۇقىملىقىغا قارىتا جەزمەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچە ۋە تەسىراتقا ئىگە بولىدۇ.

(4)

ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتا تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئۈچ بۇلۇڭلۇق پۇختا ئۇل ھاسىل قىلىندى. بۇنىڭ ئىچىدە، مۇقىملىق ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتنىڭ مۇستەھكەم توسمىسى. بۇ تارىخىي چوڭ لوگىكىنى ئىگىلىگەندىلا، ئاندىن شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

نامرات، قالاق قىياپەتنى ئۆزگەرتىپ، گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ نەچچە مىڭ يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ سەمىمىي ئارزۇسى، شۇنداقلا «جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باشتىن - ئاخىر قەتئىي تەۋرەنمەس ئىستىكى.

«ئېغىر سانائەت» ئات تاقىلاش، «يېنىك سانائەت» پاختا ئېتىش، «3- كەسىپ» كاۋاپ پىشۇرۇش، بىر قاپ سەرەڭگىگە ئىككى جىڭ قوي يۇڭى تېگىشىش... بۇ، شىنجاڭ ئەمدىلا ئازاد قىلىنغان چاغدىكى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى ئىدى. مۇشۇنداق ھەم نامرات، ھەم قالاق ئاساستا، چولاق كەتمەندە ئىش باشلاپ، تاغ - ئورمانلارنى ئېچىش تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىدىغان قايناق ھېسسىيات، ئېگىلمەس - سۇنماس ئىرادىگە موھتاج، باش چۆكۈرۈپ جاپالىق ئىشلەيدىغان، قان تۆكۈپ قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان جاسارەتكە تېخىمۇ موھتاج ئىدى. 70 يىلدىن بۇيان، دەل مۇشۇنداق جۇشقۇن روھ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىنى يېتەكلەپ، قەدىمىي چۆللۈكتە ھەيۋەتلىك، كۆركەم تەرەققىيات داستانىنى پۈتتى.

«ئوتلاقتىكى كۈچلۈك كۈز شامىلىدا، زەپەر مارشىنى ياڭرىتىپ شىنجاڭغا كىرىش» ناخشىسىنى ياڭراتقان 100 نەچچە مىڭ كىشىلىك چوڭ قوشۇن «مىسلىسىز جۈرئەت بىلەن يېڭى بىر دۇنيا يارىتىش»تەك ئىنقىلابىي ئۈمىدۋارلىق روھى بىلەن، بىپايان چۆللۈككە بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ بىرىنچى ساپىنىنى سالدى؛ «چۆللۈكتە گۈلباغ بەرپا قىلىش»تەك ياڭراق ناخشا ساداسىغا ئەگىشىپ، ئۆكتەبىر تىراكتور زاۋۇتى، 1- ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتى، 1- ئىيۇل پاختا توقۇمىچىلىق زاۋۇتى قاتارلىق بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى زاۋۇتلار ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى؛ ئۈرۈمچى، شىخەنزە، قاراماي قاتارلىق شەھەرلەر كۈندىن - كۈنگە يېڭىلىنىشتەك تەرەققىيات، ئۆزگىرىشلىرى ئارقىلىق، بوستانلىقتا چاقنىغان مەرۋايىتقا ئايلاندى... 1000 يىللار سۈكۈتتە ياتقان شىنجاڭ سوتسىيالىزمنىڭ داغدام يولىغا قاراپ چوڭ قەدەم بىلەن ئاتلاندى.

پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، بولۇپمۇ پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش شەرق شامىلىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭ گويا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان «گۈللىنىش» ناملىق پويىزغا ئوخشاش كۈچەپ ئىلگىرىلەش داۋامىدا ئارقا - ئارقىدىن ئىللىق باھارنى كۈتۈۋالدى، جاپالىق ئىشلەش، ئەمەلىي ئىشلەش داۋامىدا ھەربىر ئىمتىھان قەغىزىگە قالتىس جاۋاب بەردى.

بۇ ئىمتىھان قەغىزى كۆتۈرەڭگۈ روھنى مېلودىيە قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نۇرى كۆزنى قاماشتۇرىدۇ. شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدا، ئالاھىدە تىرانسفورموتور شىركىتى تەتقىق قىلىپ ياسىغان دۇنيا بويىچە تۇنجى 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك ئالماشتۇرۇش تىرانسفورموتورى غەربىي قىسىمدىكى مول بايلىقنى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇپ ئىچكىرى رايونلارغا يەتكۈزمەكتە؛ شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونىنىڭ كۆز يەتكۈسىز پاختىزارلىقىدا، قاتار - قاتار پاختا تېرىش ماشىنىلىرى ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىپ، پاختا يىغىش، تايلاش، توشۇش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن مەشغۇلاتنى ئىشقا ئاشۇرماقتا؛ قورغاس پورتىدا، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرى گۈركىرەپ يولغا چىقىپ، ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىغا قاراپ چاپماقتا... بۈگۈنكى شىنجاڭ تۇپرىقىدا، «ھەممە يەر جانلىق ئىجادىيەت بىلەن تولدى، ھەممە يەردە كۈنسايىن يېڭىلىنىۋاتقان ئىلگىرىلەش بولدى»، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى تېخىمۇ روشەنلەشتى، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ئۇچقاندەك ئىلگىرىلەپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ قىياپىتى يېپيېڭى تۈس ئالدى. «يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول دەۋرى» «مېترو دەۋرى»نىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، «شىنجاڭ ئىچىنى ھالقىسىمان تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭغا كىرىپ چىقىشنى تېزلىتىش» ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسى تېز شەكىللىنىپ، «ئاشۇ يىراق جاي» ئەمدى يىراق بىلىنمەيدىغان بولدى.

بۇ ئىمتىھان قەغىزى خەلقنى كۆزلەشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى ئىللىقلىققا تولغانىدى. ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلىلەر ھەرىكەتچان نۆللەشتۈرۈلۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش سىجىل ئالغا سىلجىتىلدى، يېزىلاردا ئۈچ يىللىق ھەقسىز يەسلى مائارىپى يولغا قويۇلدى، چوڭ كېسەل سۇغۇرتىسى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، شەھەر - يېزا ئاھالىلىرى ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بويىچە كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرى تولۇق كاپالەتلەندۈرۈلدى، ئېگىز، سوغۇق، چەت، يىراق تاغلىق رايونلاردىكى دېھقان - چارۋىچىلار توك بولماسلىق، تۇرۇبا سۈيى بولماسلىق، قاتناش راۋان بولماسلىق تارىخىغا خاتىمە بەردى... ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىپ بېرىۋاتقان گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى زىچ چۆرىدەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈك، ئاجىز تۈرلەرنى نىشانلاپ، خەلق تۇرمۇشىدىكى «كىچىك ئىش»لارنى ياخشى بېجىرىپ، ئەلرايىدىكى «چوڭ ئىش»لاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا يېقىنلىشىپ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىدە قەتئىي غەلىبە قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشلىرىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، ئاممىۋى خامچوت چىقىمىنىڭ %70تىن كۆپرەكىنى ئۇدا كۆپ يىل خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، تەرەققىياتنى ھەقىقىي تۈردە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىيلەشتۈردى، يەرلىككە نەپ يەتكۈزۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئەمەلىيلەشتۈردى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 1952- يىلىدىكى 791 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، 2018- يىلىدىكى 1 تىرىليون 200 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 1952- يىلىدىكى 166 يۈەندىن ئېشىپ، 2018- يىلىدىكى 49 مىڭ يۈەنگە يەتتى...كەينى - كەينىدىن ئۇچقاندەك ئۆرلەۋاتقان ئىسترېلكا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىڭ بەلگىسى.

«ئەگەر يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى بەرپا قىلىنسا، شىنجاڭ ئاۋات مەركەزگە ئايلىنىشى مۇمكىن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ گۈزەل شىنجاڭنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى سۈرەتلەپ بەردى.

«بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە.» ھەممە كەسكىن رىقابەتلىشىپ، باتۇرلارچە ئىلگىرىلەۋاتقان يېڭى دەۋردە، شىنجاڭ چوقۇم ئۆزىگە تەۋە قېنىق، رەڭدار ئېسىل سەھىپىلەرنى پۈتۈپ چىقىدۇ.

(5)

«شىنجاڭغا دائىر بىر قانچە تارىخىي مەسىلە» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تىلغا ئېلىنغان: «نۆۋەتتە، شىنجاڭدا جەمئىي 56 مىللەت ياشىماقتا، ئۇ جۇڭگودىكى مىللەتلەر تەركىبى ئەڭ تولۇق ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنىڭ بىرى».

تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا 56 مىللەتنىڭ سىيماسىنى تاپقىلى بولىدۇ، بۇ، ئادەمنى نەقەدەر پەخىرلەندۈرىدىغان ئىش - ھە! بىز بۇنىڭدىن «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش»نىڭ ئىللىق يۆگىمە رەسىمىنى كۆردۇق. بۇ، بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى مىللەتلەر بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنىڭ ئەينەن كارتىنىسى.

ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىق − بەخت، بۆلگۈنچىلىك، مالىمانچىلىق − ئاپەت. ئازادلىقتىن ئىلگىرىكى ئۇزاق تۈنلەرنى ئەسلىسەك، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق يەتكىچە ئېكسپلاتاتسىيە ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

تۈزۈم مەسىلىسى تۈپ خاراكتېرلىك، پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، مۇقىم خاراكتېرلىك، ئۇزاق مەزگىللىك مەسىلە. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخ ۋە رېئاللىق، سىياسىي ۋە ئىقتىساد، مىللەت ۋە رايون قاتارلىق ئامىللارنى تولۇق ئويلىشىش ئاساسىدا، شىنجاڭدا مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مىللىي مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى بۇ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشى، ئورتاق گۈللىنىشى، راۋاجلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى.

ئىتتىپاقلىق كۈچ، ئىتتىپاقلىق يېنىمىزدا. 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر خىل ھاياتلىق ئېڭىغا ئايلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تومۇرىدا ئاقماقتا. «ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولغان» قۇربان تۇلۇم تاغىدىن قاتمۇقات قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، دۆلەت ئورتاق تىلى باشلانغۇچ مەكتىپى قۇرغان «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» قۇربان نىيازغىچە؛ چېگرا رايوندا يىلتىز تارتىپ ھەر مىللەت خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى قوغدىغان «زامانىمىزدىكى لېي فېڭ» جۇاڭ شىخۇادىن ئون نەچچە يىل ئايرىلماي، ۋاز كەچمەي ئۇيغۇر قېرىندىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىشىغا ياردەم بەرگەن مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىسى يوۋ لياڭيىڭغىچە... پارتىيەنىڭ تۈرلۈك مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ پارلاق نۇرى ئاستىدا، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ ھىمايىسىدە، بۈگۈنكى شىنجاڭدىكى ھەربىر پارچە تۇپراقتا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن نامايان قىلىنماقتا.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىشتە، ئۇزاق مۇددەتلىك ۋە نېگىزلىك بولغىنى مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش. ئەگەر تۈزۈم، قانۇنچىللىق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مۇھىم كاپالىتى دېيىلسە، ئۇنداقتا مەدەنىيەت ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنىڭ قۇدرەتلىك مەنىۋى رىشتىسى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى گېنىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مىللەتلەرنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلغاندىلا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولىدۇ، ئاندىن بوران - چاپقۇندىن بۆسۈپ ئۆتكۈدەك كۈچ بولىدۇ.

مەركەزنىڭ 2- قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە ھۆكۈمەت كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىدا دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزدى. ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى ياخشى تۇتۇش ئارقىلىق، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش كۈچەيتىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى كەڭ قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئۈچ ئايرىلالماسلىق»، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، «دۆلەت ياخشى بولسا، مىللەت ياخشى بولسا، كۆپچىلىك ئاندىن ياخشى بولىدۇ» ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ ئورتاق قەلب ساداسىغا ئايلىنىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش، جۇڭگو ئارزۇسىنى بىر نىيەتتە ئورتاق ئىشقا ئاشۇرۇش»نىڭ قۇدرەتلىك ئاكتىپ كۈچى شىنجاڭ تۇپرىقىدا مەۋج ئۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇش»تىن ئىبارەت سەمىمىي ئۈمىدى رېئاللىققا ئايلانماقتا.

ئۇيغۇرلاردا مۇنداق بىر ماقال - تەمسىل بار: تامچە سۇ دېڭىزغا قوشۇلغاندىلا چەكسىز ھاياتلىققا ئېرىشىدۇ. بۇ، «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە»نىڭ يەنە بىر خىل ئىزاھاتىغا تېخىمۇ ئوخشايدۇ. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ چوڭقۇر يولغا قويۇلۇشىغا ئەگىشىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرى تېخىمۇ رەڭدار ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنىڭ ئاساسى تېخىمۇ مۇستەھكەملىنىدۇ، بۇ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ كۈچى، ئۈمىدى.

(6)

مۇساپە قانچە ھەيۋەتلىك بولغانسېرى، يول باشلىغۇچىنىڭ كۈچىگە شۇنچە موھتاج بولىدۇ.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىلا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى زور بىر تۈركۈم كوممۇنىستلارنى شىنجاڭغا ئەۋەتىپ ماركسىزم - لېنىنىزمنى تارقىتىپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ يورۇقلۇققا ئىنتىلىش يولىنى يورۇتقان.

70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەمەلىيىتى قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئىسپاتلىدىكى، كومپارتىيە بولمىسا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم داغدام يولىدا چوڭ قەدەم بىلەن ئىلگىرىلىگەن شىنجاڭ بولمايتتى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ بۈگۈنكى بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى بولمايتتى. پارتىيە رەھبەرلىكى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا يۈزبەرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك غايەت زور ئۆزگىرىشنىڭ ھەل قىلغۇچ ئامىلى، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈشنىڭ كۈچلۈك كاپالىتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇشتەك رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا.» ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرغىدەك ئىرادىسى ۋە چىدامچانلىقى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدىكى ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى ۋە مەركەزگە ئىنتىلدۈرۈش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلىدى.

شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ئالاھىدە، دۇچ كەلگەن مەسىلىلىرى ئالاھىدە. شىنجاڭدا كادىرلارغا قاراشتا، ئاچقۇچ سىياسىيدا كۈچلۈك - كۈچلۈك ئەمەسلىكىگە قاراش كېرەك، بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىي قۇرۇلۇشنى كۈچەيتىش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ نېگىزى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭ پايتەخت بېيجىڭدىن يىراق بولسىمۇ، ئەمما ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ قەلبى باشتىن - ئاخىر يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن زىچ تۇتاشقان بولۇش، چەمبەرچاس باغلانغان بولۇشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇردى.

ئىستىل قۇرۇلۇشى ئەلرايىنى مايىل قىلىش - قىلالماسلىققا مۇناسىۋەتلىك. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئىستىل قۇرۇلۇشىنى سىجىل چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىر قولدا بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇش، بىر قولدا پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنى چىن قەلبىدىن پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرىدىغان، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلايدىغان، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىدىغان قىلدى.

ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە ئىختىساسلىقلارنى تاللاش مۇھىم. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ياخشى كادىر ئۆلچىمىدە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىيدا قەتئىي بولۇش، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئىدىيەۋى تونۇشى ۋە ئەمەلىي ئىپادىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭ تۇپرىقىدا كوممۇنىستلارنىڭ ئېتىقادى مۇستەھكەم، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئالىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلاشقا جۈرئەت قىلىدىغان، خەلققە بەخت يارىتىدىغان شانلىق ئوبرازىنى تىكلىدى.

ئاساسىي قاتلام گۈللەنسە شىنجاڭ گۈللىنىدۇ، ئاساسىي قاتلام مۇقىم بولسا شىنجاڭ مۇقىم بولىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، باش نىشاننى زىچ چۆرىدەپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئاجىز، چېچىلاڭغۇ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى تەرتىپكە سېلىشنى ياخشى تۇتۇپ، تىرىشىپ ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىدىغان، مۇقىملىقنى قوغدايدىغان، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغان قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيە بايرىقىنى ھەربىر ئاساسىي قاتلام بازىسىدا ئېگىز جەۋلان قىلدۇردى.

جەم بولسا ئوت بولىدۇ، چېچىلسا ئۇچقۇن. ھازىر، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى - كادىرلار تىرىشىپ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرى ئارقىلىق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى مەسىلە - زىددىيەتلەرنى بىخ ھالىتىدە ھەل قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى - ھۆكۈمەت ئىستىلىنى ساپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى كۈنسېرى گەۋدىلەندۈردى. پارتىيەنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى، جەڭگىۋارلىقى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچىيىپ، پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى، تەرەققىيات ئاساسى، مۇقىملىق ئاساسى «ھەرقانداق بوران - چاپقۇندا تەۋرەنمەيدىغان تاغ»دەك مۇستەھكەم قۇرۇلماقتا.

يېڭى دەۋرگە كىرىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش گۈزەل كېلەچىكىنى كۈتۈۋېلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى چوڭ قەدەمدە ئىلگىرىلەپ ئىشقا ئاشۇرۇش سەلتەنەتلىك مۇساپىسىدە، بىز پارتىيە رەھبەرلىكىدە باشتىن - ئاخىر ئېغىشماي چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ گۈزەل ئەتىسىنى يارىتىپ، «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» كۈيىنى شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقىدا تېخىمۇ جۇشقۇن، ھەيۋەتلىك ياڭرىتىشىمىز كېرەك.

(7)

كەچ كىرگەندە، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى خوتەن بىر كۈندىكى ئەڭ ئاۋات ۋاقىتنى كۈتۈۋالدى. داڭقى ھەممە يەرگە تارالغان خوتەن كەچلىك بازىرىنىڭ چىراغلىرى چاقناپ تۇراتتى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر ھەر خىل مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، مىللىي ئۆرپ - ئادەتتىن ھۇزۇرلىنىپ، تىنچ، ئاسايىشلىق تۇرمۇشنى قەدەھ كۆتۈرۈپ بىرلىكتە كۈيلىدى. «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە»، بۇ، بۈگۈنكى شىنجاڭنىڭ ئەينەن ھەم جانلىق تۇرمۇش كارتىنىسى! بۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ مول نەتىجىسى!

«بېسىپ ئۆتكەن يوللارغا قايتا نەزەر سالغاندا، ئاندىن بۇ يوللارنىڭ نەقەدەر جاپالىق ۋە ئەگرى - توقاي ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ.» 70 يىلدىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەقىشلەنگەن شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدىن بولغان، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ غايەت زور ئەۋزەللىكىدىن بولغان، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنىڭ تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىدىن بولغان، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە خالىس ياردىمىدىن بولغان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىدىن بولغان − بۇ تارىخنىڭ بەرگەن جاۋابى، شۇنداقلا كەلگۈسىگە دادىل يۈزلىنىشىمىزدىكى ئىشەنچ.

قاتمۇقات ھەيۋەتلىك تاغلارنىڭمۇ جەزمەن بىر ئاساسىي چوققىسى بولىدۇ، توققۇز باشلىق ئەجدىھانىڭمۇ بىر ئاساسىي بېشى بولىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، شىنجاڭدىكى 25 مىليون ھەر مىللەت ئوغۇل - قىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا «بارچە خەلق چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە» دېگەن يېپيېڭى كۈينى ياڭرىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى كۈتۈۋالىدۇ!