خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى بۈگۈن

日期:2019年09月28日
来源:新疆日报
【字体:

9- ئاينىڭ 27- كۈنى نەشردىن چىققان خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى «جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى بۈگۈن» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر مەيدان جەمئىيەت ئىنقىلابىدا ئەڭ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەمىشە بىر ئۇزاق تارىخىي جەريانغا ئېھتىياجلىق بولۇپ، چوقۇم ئىزچىل ھالدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. 70 يىللىق زامان - ماكاننى كېسىپ ئۆتۈپ، 70 يىللىق كۈرەشنى باشتىن كەچۈرۈپ، بۇ دۇنيادىكى توغرا يول تارىخ ئاسمىنىدا كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇرۇپ، دۇنيادىكى ئىشلارنىڭ ئۆزگىرىشى داۋامىدا تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: بۈگۈنكى جۇڭگو سۇن جۇڭشەن ئەپەندى ئۈمىد قىلغان «باي - قۇدرەتلىك جۇڭگو، خاتىرجەم جۇڭگو»غا، لى داجاۋ تەلپۈنگەن «دۇنيا ئۈچۈن مەدەنىيلىك قوشىدىغان، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىدىغان» «ياشلىق باھاردىكى جۇڭگو»غا، فاڭ جىمىن تولىمۇ ئىنتىلگەن «شادلىق ناخشىلىرى ھەسرەت - نادامەتنىڭ ئورنىنى ئالغان، كۈلكە يىغىنىڭ ئورنىنى ئالغان، باياشاتلىق نامراتلىقنىڭ ئورنىنى ئالغان، ساغلاملىق كېسەللىك ئازابىنىڭ ئورنىنى ئالغان» «سۆيۈملۈك جۇڭگو»غا ئايلانماقتا. پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىدا تەنتەنىلىك جاكارلانغان: «بۈگۈن، بىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانىغا تارىختىكى ھەرقانداق مەزگىلگە قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇق، تېخىمۇ ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار بولدى.» ھېلىھەم قۇلاق تۈۋىمىزدە جاراڭلاپ تۇرماقتا. بۇ خىل ئىشەنچ تۈپتىن بىزنىڭ داغدام يولدا مېڭىش ئىشەنچىمىز ۋە جاسارىتىمىز − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدىن كەلگەن، بۇ دەل ئەمەلىيەتنىڭ سىنىقىدىن ئۆتكەن بۇ دۇنيادىكى توغرا يول، دەل جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر يولى.

ماقالىدە جۇڭگو يولىنى شەكىللەندۈرگەن ئەڭ مۇھىم بىرقانچە ئامىل ئېچىپ بېرىلدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى، سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇش. ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىرادە تىكلەپ، 100 يىلدا كامالەتكە يەتتى.» بۇ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۇلۇغ ئىشلارغا ئىنتىلىشكە، ياشلىق روھىنى ئۇرغۇتۇشقا جۈرئەت قىلالىشىدىكى سەۋەب شۇكى، باشتىن - ئاخىر كۈچلۈك «ئىمتىھان بېرىش» ئېڭىدا چىڭ تۇرۇپ، «ئىمتىھان بەرگۈچى»لىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىدىغان جاسارەت، مەسئۇلىيەتچانلىقنى ساقلاپ، ئوپېراتسىيە پىچىقىنى قايتا - قايتا ئېلىپ ئۆزىدىكى كېسەل مەنبەسىنى تۈگەتكەنلىكىدە، ئوتتا قايتا - قايتا تاۋلىنىپ سۇمۇرغ كەبى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشكەنلىكىدە. جەمئىيەت ئىنقىلابىدىكى جاپا - مۇشەققەت ئارقىلىق ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشتىكى ئۈزۈل - كېسىللىك ئارقىلىق جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىش، ھازىرقىغا مەمنۇن بولىدىغان «ئالدىنقىلارنىڭ ئۇتۇقلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدىغان پارتىيە» بولۇشقا قانائەت قىلماي، مەڭگۈ لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتتا تاۋلىنىدىغان، بۇرچ چاقىرىدىغان «ئىنقىلابىي پارتىيە» بولۇش كېرەك. بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز كىتابقا يېزىلغان ئۇقۇم ئەمەس، بەلكى نەچچە ئەۋلاد جۇڭگولۇقلار ھاياتى ۋە تەرى ئارقىلىق سۇغارغان ئوتتەك قىزىق ئەمەلىيەت. بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز كۆچۈرۈپ كېلىپ ئۇلانغان «فېيلەيفېڭ» ئەمەس، بەلكى جۇڭگو مەسىلىسىنى ھەل قىلغان، جۇڭخۇا مىللىتىگە بەخت ۋە مېھرىبانلىق ئېلىپ كەلگەن داغدام يول، توغرا يول؛ جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى چەكسىز مۇستەھكەم تىرەك، چەكسىز مول ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلىدى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىگە دەۋر قېنى قوشتى، تارىخىي يېڭى سەھىپە يېزىپ چىقتى.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: تاغ قانچە ئېگىز بولسىمۇ، يۇقىرىغا ياماشقاندا ھامان چوققىغا چىققىلى بولىدۇ؛ يول قانچە ئۇزۇن بولسىمۇ، مېڭىۋەرگەندە چوقۇم مەنزىلگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز، كېيىنكى ئىشلار ئالدىنقىلار ئۈمىد قىلغان ئىشلار؛ بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز، تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق بىلەن قۇياشقا يۈزلىنىۋاتىمىز؛ بىز داغدام يولدا مېڭىۋاتىمىز، مېڭىۋاتقىنىمىز بۇ دۇنيادىكى توغرا يول، دۇنيادىكى كۈرمىڭ ئۆزگىرىشلەردىن قورقۇپ قالامتۇق!