شى جىنپىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى

خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى

日期:2019年09月26日
来源:新疆日报
【字体:

9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى، ئايروپورتنىڭ رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەم ئاۋىياتسىيە بىناسىنى كۆزدىن كەچۈردى.(شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جۈ پېڭ فوتوسى)


سۇمۇرغ قانات قېقىپ، كۆك ئاسمانغا ئىنتىلدى. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى 9- ئاينىڭ 25- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇراسىمغا قاتناشتى، ئايروپورتنىڭ رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى ھەم ئاۋىياتسىيە بىناسىنى كۆزدىن كەچۈردى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن ئايروپورت قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈشكە قاتناشقان كەڭ كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەرگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ بەش يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە ئالدىن بەلگىلەنگەن قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاپ، ئوڭۇشلۇق ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى جۇڭگو بىناكارلىق قۇرۇلۇشىنىڭ مول ئەمەلىي كۈچىنى تولۇق نامايان قىلدى، جۇڭگو روھى ۋە جۇڭگو كۈچىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكى ۋە دۆلىتىمىز سوتسىيالىستىك تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ زور ئىشلارنى قىلالايدىغان سىياسىي ئەۋزەللىكىنى تولۇق گەۋدىلەندۈردى. يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىلى نېمىدېگەن شانلىق - ھە! جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، «مۇمكىن بولمايدىغان» ئىشلارنى بىر - بىرلەپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان مۆجىزىلەرنى بىر - بىرلەپ ياراتتى. مۆجىزە ئىشلەش ئارقىلىق يارىتىلغان، سوتسىيالىزم قۇرۇش ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈرەش قىلىپ، «ئىككى 100 يىل»لىق كۈرەش نىشانىغا يېتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يولىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەشتەك يۈكسەك ئىرادىسى، ئىشەنچىسى بار. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگو خەلقى چوقۇم قىلالايدۇ، جۇڭگو چوقۇم قىلالايدۇ.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ مۇراسىمغا قاتناشتى ھەم تەبرىك سۆزى قىلدى.

سائەت 9دىن 45 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونىغا جايلاشقان رېلىسلىق قاتناش داشىڭ ئايروپورت لىنىيەسىنىڭ ساۋچياۋ بېكىتىگە كېلىپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە داشىڭ ئايروپورت لىنىيەسىنى ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش تەييارلىق ئەھۋالىنى تەكشۈردى. بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى بىلەن مەركىزىي شەھەر رايونىنى تۇتاشتۇرىدىغان رېلىسلىق قاتناش مەخسۇس لىنىيەسىنىڭ 41 كىلومېتىر كېلىدىغان 1 - قارارلىق قۇرۇلۇشى پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنىدى. ساۋچياۋ بېكىتى مېترو بېكەت ئىقتىدارى ۋە ئايروپورتتىكى ئايروپىلانغا ئولتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىش ئىقتىدارىنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرگەن بولۇپ، يولۇچىلار مېترو بېكىتى ئىچىدە دۆلەت ئىچى، خەلقئارا ئايروپىلانلارغا ئولتۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى، يۈك - تاقلىرىنى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈش ۋە ھاۋالىلىك توشۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرەلەيدۇ، شەھەر قاتنىشى بىلەن ئايروپورت قاتنىشىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولۇپ، كەڭ يولۇچىلارغا ئىنتايىن زور قولايلىق يارىتىپ بېرىلگەن.

ساۋچياۋ بېكىتىنىڭ بېكەتكە كىرىش زالىدا، شى جىنپىڭ كۆرگەزمە تاختىسىغا بىرلەشتۈرۈپ ئەھۋال تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر رېلىسلىق قاتنىشى زامانىۋى چوڭ شەھەر قاتنىشىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى. رېلىسلىق قاتناشنى راۋاجلاندۇرۇش چوڭ شەھەر كېسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى، شۇنداقلا يېشىل شەھەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر قۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك يولى. بېيجىڭ رېلىسلىق قاتناشنى داۋاملىق زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئۇنىۋېرسال، يېشىل، بىخەتەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىستېرېئولۇق زامانىۋىلاشقان شەھەر قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارادىكى ئەڭ ئىلغار سەۋىيەنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، زامانىۋىلاشقان خەلقئارا چوڭ مەركىزىي شەھەر بەرپا قىلىشى كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ رېلىسلىق پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا ماڭدى، يول ئۈستىدە رېلىسلىق پويىزنىڭ لايىھەلىنىشى، ياسىلىشى ۋە بېلەت باھاسى، يۈك - تاقلارنى ھاۋالىلىك توشۇش، باشقا قاتناش لىنىيەلىرى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شەھەرنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا قاتناشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇنى بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېي دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى، بېيجىڭدىكى «تۆت مەركەز»، شيۇڭئەن يېڭى رايونى قۇرۇلۇشى بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

ئالتۇن كۈزدىكى بېيجىڭنىڭ ھاۋاسى ساپ ۋە سالقىن بولۇپ، ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمگەنىدى، قۇياش نۇرى مىس رەڭلىك ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئۆگزىسىگە چۈشۈپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى خۇددى قانات قېقىپ ئۇچماقچى بولۇۋاتقان ئالتۇن سۇمۇرغقا ئوخشايتتى.

بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بېرىپ، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزىدە ئايروپورتنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى زامانىۋى ئىستېرېئولۇق قاتناش سىستېمىسىنى يانداش قۇرۇپ، ئايروپورتنىڭ ئىچكى قىسمىدا تاشيول، رېلىسلىق قاتناش، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول، شەھەرلار ئارا تۆمۈريول قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان تىرانسپورت شەكلىدىكى ئىستېرېئولۇق ئالمىشىش، يوچۇقسىز جىپسىلىشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە تاشقى قىسمىدا ئۇزۇنىسىغا بەش، توغرىسىغا ئىككى قاتناش تورىنى يانداش قۇردى. نۆۋەتتە، داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك، رېلىسلىق قاتناش يېڭى ئايروپورت لىنىيەسى، بېيجىڭ - شيۇڭئەن شەھەرلەر ئارا تۆمۈريولى بېيجىڭ بۆلىكى قاتارلىقلار ماس قەدەمدە ئېچىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى ئايروپورتنىڭ يانداش قاتناش ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىچكى - تاشقى قىسمىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال قاتناش سىستېمىسى بەرپا قىلىش ئايرودۇرۇمنىڭ يۈرۈشۈش ئۈنۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاچقۇچى. ئىلغار باشقۇرۇش ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، زامانىۋى ئۇچۇر تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

داشىڭ خەلقئارا ئايروپورت بىناسى نۆۋەتتە پۈتۈن يەرشارىدىكى كۆلىمى ئەڭ زور يەككە ئايروپورت بىناسى بولۇپ، ئۆزىنىڭ ئالاھىدە ئوبراز يارىتىش لايىھەسى، كامالەتكە يەتكەن قۇرۇلۇش ھۈنىرى، قولاي قاتناش تەشكىللەش، ئىلغار تېخنىكىنى قوللىنىش ئارقىلىق، دۇنيا بويىچە نۇرغۇن «ئەڭ»نى ياراتتى. ئايروپورت بىناسى ئىچىدىكى، ئېقىم سىزىقلىق بوشلۇق قۇرۇلمىسى ئىنتايىن ئازادە، يورۇق ئىدى. شى جىنپىڭ ئايروپورت سۇپىسى زالى ۋە ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش زالىنى پىيادە كۆزدىن كەچۈردى، ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش، ئايروپىلانغا چىقىش ۋە مېيىپلەر توسالغۇسىز ئەسلىھەسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى ھەم قۇم مودېل ۋە مودېل بىرلەشتۈرۈلگەن ئايروپورت ئومۇمىي گەۋدە پىلانى، ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى پايتەختنىڭ مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تايانچ قۇرۇلۇش. بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېيدىن ئىبارەت ئۈچ جاي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ماسلىشىش - ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. خەلق ئاۋىياتسىيە ئىشلىرى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك كەسپى. تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئىلغار ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسى قۇرۇپ، قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك.

ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پوكىيى ئالدىدا، شى جىنپىڭ ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسى، پۈتۈن ئاپتوماتىك قەغەزسىز ئاقىل ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئايروپورتنىڭ زامانىۋى ئەسلىھەلەردىن پايدىلىنىپ يولۇچىلارنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۇسۇلىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى يۇقىرى سۈپەتتە قۇرۇش، تېخىمۇ مۇھىمى، داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش كېرەك. داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى خەلقئارادىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىنچ ئايروپورت، يېشىل ئايروپورت، ئاقىل ئايروپورت، ئادىمىيەت ئايروپورتى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، دۇنيا دەرىجىلىك ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، دۇنياغا جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى نامايان قىلىش، جۇڭگونىڭ ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، تىنچ ھەمكارلىشىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىش كېرەك.

ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ئايروپورت بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا ئۆتكۈزۈلدى. سائەت 11دە، شادىيانە مەرھابا مۇزىكىسى ئىچىدە، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار مۇراسىم نەق مەيدانىغا كىردى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر ئورنىدىن تۇرۇپ ئالقىش ياڭراتتى.

جۇڭگو پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسىدىكى مەسئۇل يولداش پايتەخت ئايروپورت گۇرۇھ شىركىتىگە بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى ئىشلىتىشكە ئىجازەت قىلىش كىنىشكىسىنى تارقاتتى.

سائەت 11دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ: «بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى رەسمىي ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلدى!» دەپ جاكارلىدى، پۈتۈن مەيداندا قىزغىن ئالقىش ساداسى ياڭرىدى.

ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ئايروپورتنىڭ خەلقئارا يولغا چىقىش زالىغا كېلىپ، ئايروپورت قۇرۇلۇشىغا ۋە ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈشكە قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار ۋەكىللىرىنى يوقلىدى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىك بىلەن بىر - بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن كۆپچىلىكنى ھەم ئايروپورت يىرىك پىلانى، قۇرۇلۇشى، ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈشكە قاتناشقان بارلىق يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلاردىن بايراملىق ھال سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ قۇرۇلۇش ئۆلچىمى يۇقىرى، قۇرۇلۇش ئىش مۇددىتى جىددىي، قۇرۇلۇش قىلىش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ، بارلىق قۇرۇلۇش قىلغۇچىلار جاپالىق ئەمگەك قىلىپ، ئورتاق تىرىشىپ، يۇقىرى سۈپەتتە ۋەزىپىنى تاماملىدى، داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى نادىر قۇرۇلۇش، ئۈلگە قۇرۇلۇشى، ئامانلىق قۇرۇلۇشى، پاكلىق قۇرۇلۇشى قىلىپ قۇرۇپ، پارتىيە ۋە خەلققە كىشىنى رازى قىلغۇدەك ئىمتىھان قەغىزى تاپشۇردى!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇمھۇرىيەت بىناسى پارچە - پارچە خىش بىلەن قوپۇرۇلغان، خەلق ھەقىقىي قەھرىمان. داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۇلۇغۋار غايىسى، جەسۇرانە ئىرادىسى ۋە دۇنياۋى نەزەر دائىرىسى، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلدى، مىللىي روھ ۋە زامانىۋى سەۋىيەدىكى چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرىنىڭ خىسلىتىنى نامايان قىلدى. ئۇ كەڭ قۇرۇلۇش قىلغۇچىلارنىڭ يېڭى مۇساپىدە غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قىلىپ، يەنە يېڭى تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

خەن جېڭ تەبرىك سۆزىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن، ئۆزى تۈرتكە بولغان پايتەختتىكى مۇھىم، زور بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش. بۇ مۇھىم، زور قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈپ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلۈشى دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالار ئاۋىياتسىيەسىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈشكە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يۈرۈشۈشى راۋان بولغان، تەشكىللىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان توپلاش - تارقاقلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى كۈچەپ قۇرۇپ، يۈرۈشۈش ئۈنۈمى ۋە باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەسىر كۆرسىتىپ تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتىنى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈشتىكى يېڭى بەلگە، دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردىكى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېڭى دۆلەت دەرۋازىسى، بېيجىڭ - تيەنجىن - خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىدىكى يېڭى موتور قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې يۇقىرىقى پائالىيەتكە قاتناشتى. خې لىفېڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

سەي چى، فېڭ جېڭلىن، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلارمۇ مۇراسىمدا سۆز قىلدى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، بېيجىڭ شەھىرى، خېبېي ئۆلكىسى، تيەنجىن شەھىرى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە سەنمۇبۇسى، ھاۋا ئارمىيەسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، ئايروپورت قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈش ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

ئىگىلىنىشىچە، 2014 - يىلى 12 - ئايدا، بېيجىڭ داشىڭ خەلقئارا ئايروپورتى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلانغان. بۇ قۇرۇلۇشتا ئاساسلىقى «ئۇزۇنىسىغا ئۈچ، توغرىسىغا بىر» تۆت ئۇچۇش يولى، 700 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى، 268 ئايروپىلان ئورۇن سۇپىسى ھەمدە ئالاقىدار يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر قۇرۇلغان. 2018 - يىلى 12 - ئايدا، ئۇچۇش رايونىدىكى تۆت ئۇچۇش يولى ئومۇميۈزلۈك تۇتاشتۇرۇلغان، ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش خىزمىتى 2019 - يىلى 2 - ئايدا تولۇق تاماملانغان. ئايروپورت قۇرۇلۇشىدا يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىلىپ، مەۋقە ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىشقا قويۇلۇپ، كۆپ تۈرلۈك يېڭى پاتېنت، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر - سەنئەت، يېڭى قۇرۇلۇش ئۇسۇلى ئېچىپ قوللىنىلغان، قۇرۇلۇش كۆرسەتكۈچى دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا يەتكۈزۈلگەن.