يېڭى جۇڭگونىڭ كۈرەش سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ،يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

日期:2019年09月26日
来源:新疆日报
【字体:

شى جىنپىڭ «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى باھالاش - تەقدىرلەش ۋە ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

يېڭى جۇڭگونىڭ كۈرەش سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ،يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» بولۇپ تەقدىرلەنگەنلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى باھالاش - تەقدىرلەش ۋە ئۆگىنىش - تەشۋىق قىلىش پائالىيىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، ۋاپات بولغان «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى چوڭقۇر ياد ئېتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، تەقدىرلەنگەن يولداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نىڭ ئائىلە تەۋەلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىقلار «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن بۇيان بارلىققا كەلگەن قەھرىمان نەمۇنىچىلارنى باھالاپ تەقدىرلىدى. بۇ، قەھرىمانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىش، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈش، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھاتىنىڭ ئاجايىپ مۇساپىسىدە، ئەۋلادمۇئەۋلاد كۈرەش قىلغۇچىلار قەيسەرلىك بىلەن ئېلىشىپ بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، يەر - جاھاننى لەرزىگە سالغان سانسىزلىغان قەھرىمان نەمۇنىچىلار بارلىققا كەلدى. ئۇلار ئەقىل - پاراسىتى ۋە تەرى، ھەتتا ئىسسىق قېنى ۋە ھاياتى ئارقىلىق، دۆلەتنىڭ قۇدرەت تېپىشى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى، خەلقنىڭ بەختى ئۈچۈن تىللاردا داستان بولغۇدەك سەلتەنەتلىك سەھىپىلەرنى پۈتتى. ھەرقايسى تارىخىي مەزگىلدىكى قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ ھۆرمەتلىشىمىزگە ۋە ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدۇ. «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كۈرەش قىلىش روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگونىڭ كۈرەش قىلىش سىمفونىيەسىنى ياڭرىتىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلار ناخشىسىنى ئېيتىپ، قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ تەسىرلىك ھېكايىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى قەتئىي ساقلاش، كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى چىڭىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ مۇجەسسەملەش كېرەك.

«ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»نى تەقدىرلەش يىغىنى 9 - ئاينىڭ 25 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ تەقدىرلەنگەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى خۇاڭ كۇنمىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەم تەقدىرلەش يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئوقۇدى. ئارقىدىن، ئۇ سۆزىدە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار»دىن ئۆگىنىش ۋە ئۇلارنى تەشۋىق قىلىشنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، سانسىزلىغان كۈرەش قىلغۇچىلار پۈتكەن يېڭى جۇڭگونىڭ 70 يىللىق شانلىق تارىخىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلاپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك، كۈرەش قىلىش، ئۆزىنى بېغىشلاشتەك ئالىيجاناب روھنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇزۇن سەپەر يولىنى ياخشى مېڭىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

تەقدىرلەش يىغىنىدا تەقدىرلەش قارارى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، جاڭ فۇچىڭ قاتارلىق 278 شەخس، شىئەن قاتناش داشۆسى «غەربكە كۆچكەنلەر» ۋەتەننى سۆيۈپ كۈرەش قىلغان ئىلغارلار توپى قاتارلىق 22 كوللېكتىپقا «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» نامى بېرىلدى. جۇڭگو بوشلۇق تېخنىكىسى تەتقىقات يۇرتىنىڭ تېخنىكا مەسلىھەتچىسى، تەتقىقاتچى يې پېيجيەن، شەندۇڭ ئۆلكىسى چىڭداۋ چيەنۋەن كونتېينېر پىرېستانى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇرۇلۇش تېخنىكىسى بۆلۈمىنىڭ مۇقىم ماشىنا ئالىي دىرېكتورى شۈ جېنچاۋ، گۈيجوۋ ئۆلكىسى پەنجوۋ شەھىرى يۈنى يېزىسى يەنبوليەن كەنتى پارتكومىنىڭ شۇجىسى يۈ ليۇفېن، جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى شىركىتى سىچۇەن ئۆلكىسى گەنزى ناھىيەلىك شۆبە شىركىتى قوغداپ توشۇش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقى چىمېي دوجى، ھاۋا ئارمىيەسى پاراشۇتچى ئەسكەرلەر مەلۇم قىسمىنىڭ قىسىم باشلىقى جياڭ جياجى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 79 - جىتۇەنجۈنى لېي فېڭ بەنىنىڭ 26 - قارارلىق بەنجاڭى، لېي فېڭ ھايات ۋاقتىدا تۇرغان قىسىمنىڭ ۋەكىلى جاڭ ياڭ، لەنكاۋ ناھىيەلىك يولداش جياۋ يۈلۇ خاتىرە سارىيىنىڭ پەخرىي ساراي باشلىقى، يولداش جياۋ يۈلۇنىڭ قىزى جياۋ شوۋيۈن، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى شىركىتى بېيجىڭ ئىدارىسى فېڭتەي پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى «ماۋ زېدۇڭ ناملىق» پاراۋۇز گۇرۇپپىسىنىڭ شوپۇرلار باشلىقى، «ماۋ زېدۇڭ ناملىق» پاراۋۇز گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىلى ليۇ يۈفېڭ قاتارلىق تەقدىرلەنگەن خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۇنلەن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى چېن شى ھەمدە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى مياۋ خۇا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

«ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» بولۇپ باھالانغان خادىملار ۋە ۋاپات بولغان «ئەڭ گۈزەل كۈرەش قىلغۇچىلار» بولۇپ باھالانغان خادىملارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، مەركەز تەشۋىقات - ئىدىيە خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلاردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقلىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھەدىكى كادىرلار، ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.