تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى

日期:2019年09月26日
来源:新疆日报
【字体:

خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ

تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى

9- ئاينىڭ 26- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان خەلق گېزىتىدە «شۈەنيەن»نىڭ ئىمزالىق ماقالىسى «تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى» ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: 2019- يىلى يېڭى يىل كىرىشى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى جۇڭگونىڭ شانلىق تارىخىنى ئەسلىگەندە مۇنداق كۆرسەتتى: «بۇ 70 يىلدا مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى يەڭدۇق، 70 يىللىق بوران - چاپقۇنلاردىن ئۆتۈپ ئالغا ئىلگىرىلىدۇق.» «باسقان ھەربىر قەدىمىمىزدە، جۇڭگو خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان جۇڭگو مۆجىزىسىنى ياراتتى.» تارىخنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن قايتا نەزەر سېلىشقا ئۇلۇغ مۇساپىنى چەكسىز قەدىرلەش مۇجەسسەملەنگەن، ئۇنىڭدا ئۇلۇغۋار ئىشلارغا بولغان ئۇلۇغۋار ئىرادە تولۇپ - تاشقان بولۇپ، كىشىلەرنى رىغبەتلەندۈرىدۇ، كەلگۈسىدىن خەۋەرلەندۈرىدۇ.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: 70 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو جۇڭگو زېمىنىنىڭ خارابىلىشىشى ئىچىدە غەيرەتكە كېلىپ، ھەم نامرات، ھەم قالاقلىق ئىچىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، «يەر شارى تەۋەلىكىدىن ھەيدىلىش» گىردابىدا كۈرەش قىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كۈرەش تارىخى، سوتسىيالىستىك جۇڭگونىڭ ئىگىلىك تىكلەش تارىخىغا قايتا نەزەر سالغاندا، بىز قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ تەستە قولغا كەلگەنلىكى، يېڭى جۇڭگونىڭ تەستە قۇرۇلغانلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تەستە بەرپا قىلىنغانلىقىنى بارغانسېرى ھېس قىلىمىز.

ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلىدە، ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل بىزدە تۆمۈردىنمۇ قاتتىق روھنىڭ بولغانلىقىدا، خەلقنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولى بىلەن جۇمھۇرىيەت تارىخىنى ياراتقانلىقىدا، خەلقنىڭ جۇمھۇرىيەتنىڭ شان - شەرىپىنى مەزمۇت يەلكىسىگە ئالغانلىقىدا؛ ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل بىزنىڭ ئىرادىنى ئۆزگەرتمەيدىغان، يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان قەتئىيلىككە ئىگە بولۇپ، ماركسىزمنىڭ ئومۇمىي ھەقىقىتىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى نەزەرىيە يارىتىپ، يېڭى سەھىپىلەرنى پۈتكەنلىكىمىزدە؛ ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلىدىن ھالقىپ ئۆتۈشىمىزنىڭ سەۋەبى دەل بىزنىڭ ئومۇمنىڭ مەنپەئىتىنى كۆزلەيدىغان، كۈچلۈك، باتۇر، قەيسەر يول باشلىغۇچىلىرىمىزنىڭ بولغانلىقىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەيدىغان غايە - ئېتىقاد، دېيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي روھ، مەن قىلمىسام كىم قىلىدۇ دەيدىغان بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، جۇڭگو ئىنقىلابى، قۇرۇلۇشى، ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولۇپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنى يېتەكلەپ ھۇجۇم بىلەن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئۆتكەلنى ئىگىلەپ، غەلىبىدىن غەلىبىگە قاراپ ماڭغانلىقىدا.

ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: 70 يىللىق شانلىق نەتىجە جۇڭگونىڭ يېقىنقى زامان تارىخىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىر ئۈندەش بەلگىسى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا نىسبەتەن ئېيتقاندا بولسا بىر پەش. تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلىدە، بۈگۈنكى كۈندىكى قەدەم ئېلىش باشتىن باشلاپ ھالقىشتىن باشلىنىدۇ. تۆمۈرنىڭ قاتتىقلىقى ئېتىقادنىڭ پولاتتەك، ئىرادىنىڭ پولاتتەك قاتتىق بولۇشىغا يەتمەيدۇ؛ باشتىن باشلاپ ھالقىشتا يەنە تاغۇ - دەريالار، چەكسىز مەنزىرىلەرنى كۆزدە تۇتۇش كېرەك.