جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

日期:2019年09月25日
来源:新疆党员教育中心
【字体:

«يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

■ ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جەزمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك

■پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېڭى دەۋردە پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ بولۇش، مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇش، سۈپەتلىك مەكتەپ قۇرۇشتا

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9- ئاينىڭ 24- كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 9- ئاينىڭ 24- كۈنى يىغىن ئېچىپ، «يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى» ۋە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى نىزامى»نى قاراپ چىقتى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ۋەتەنپەرۋەرلىك جۇڭخۇا مىللىتى روھىنىڭ يادروسى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جەزمەن ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى خەلق مائارىپى ۋە مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈش كېرەك. يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پەيتىدە «يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»نى تۈزۈپ بېسىپ تارقىتىش پۈتكۈل خەلقنى ئۇلۇغ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشقا يېتەكلەپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر، ئۇزاق تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى دەۋردە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىشتە، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىكنى پۈتكۈل جۇڭگو خەلقىنىڭ قەتئىي ئېتىقادى، مەنىۋى كۈچى ۋە ئاڭلىق ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرۇش كېرەك. دەۋر باش تېمىسىنى ئىگىلەپ، كىشىلەرنى جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ ماھىيىتى - دۆلەتنى بېيىتىش، قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇشقا يېتەكلەپ، پۈتكۈل خەلقنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، ۋەتەننى سۆيۈش، سوتسىيالىزمنى سۆيۈش غايەت زور قىزغىنلىقىنى قوزغاپ، يېڭى دەۋردە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەش كېرەك. بارلىق خادىملارنى پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە تەربىيەلەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەڭ ياشلار، ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇر، ئۇزاققىچە، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىنى پۇختا يىلتىز تارتقۇزۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېڭى دەۋردە پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ بولۇش، مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇش، سۈپەتلىك مەكتەپ قۇرۇشتا. شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە تەربىيەسى ۋە پارتىيەۋىلىك تەربىيەسىنىڭ ئاساسىي كەسىپ، ئاساسىي دەرسلىك ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كەسىپلەشكەن كادىرلار قوشۇنىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنى ئاساسىي نىشان قىلىپ، كادىر تەربىيەلەش، ئىدىيە جەھەتتىن يېتەكلەش، نەزەرىيە قۇرۇلۇشى، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۇرسانتلارنى «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىش، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىش، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تەربىيەلەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتكوم (پارتگۇرۇپپا)لار پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ مۇھىملىقىنى تولۇق تونۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش، مەكتەپنى ئىدارە قىلىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «نىزام»نى يولغا قويۇشقا بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى «نىزام»نى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپى پارتىيەنىڭ بولۇشتەك مەكتەپ باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئوقۇتۇش پەن تەتقىقاتى ۋە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى كۈچەيتىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك.

يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار تەتقىق قىلىندى.