ئىنقىلابىيلاشقان، زامانىۋىلاشقان، مۇنتىزىملاشقان دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسى قۇرۇش

日期:2019年09月14日
来源:新疆日报
【字体:

1955-يىلى 9- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ ئۇنۋان بېرىش، ئوردېن بېرىش مۇراسىمى بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمىنى رەسمىي يولغا قويدى.

9-ئاينىڭ 27-كۈنى چۈشتىن كېيىن، رەئىس ماۋ زېدۇڭ يۈەنشۇەي ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقنامىسىنى تەرتىپ بويىچە جۇ دې، پېڭ دېخۇەي قاتارلىق ئۇرۇش تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولغان يۇقىرى دەرىجىلىك جاڭلىڭلارغا بەردى. ئارقىدىن، ماۋ زېدۇڭ يەنە بىرىنچى دەرىجىلىك 1- ئاۋغۇست ئوردېنى، بىرىنچى دەرىجىلىك مۇستەقىللىق - ئەركىنلىك ئوردېنى، بىرىنچى دەرىجىلىك ئازادلىق ئوردېنىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا خەلق ئىنقىلابىي ئۇرۇشىنىڭ ھەرقايسى مەزگىللىرىدىكى تۆھپىكار خادىملارغا بەردى. شۇ كۈنى، گوۋۇيۈەنمۇ جياڭگۇەن ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى، جوۋ ئېنلەي داجياڭلىق، شاڭجياڭلىق، جۇڭجياڭلىق، شاۋجياڭلىق ھەربىي ئۇنۋانى بېرىش بۇيرۇقنامىسىنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا سۇ يۈ قاتارلىق بېيجىڭدىكى جياڭگۇەنلەرگە بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن، ھەرقايسى چوڭ ھەربىي رايونلارمۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۇنۋان بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

1949- يىلىلا ماۋ زېدۇڭ مۇنداق جاكارلىغان: «باتۇرلۇق بىلەن سىناقتىن ئۆتكەن خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ئاساسىدا، بىزنىڭ خەلق قوراللىق كۈچىمىز جەزمەن ساقلاپ قېلىنىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشى كېرەك. بىزنىڭ بىر قۇدرەتلىك قۇرۇقلۇق ئارمىيەمىز بولۇپلا قالماي، يەنە بىر قۇدرەتلىك ھاۋا ئارمىيەمىز ۋە بىر قۇدرەتلىك دېڭىز ئارمىيەمىز بولۇشى كېرەك.» 1949- يىلى 11- ئايدا، ھاۋا ئارمىيەسى رەھبەرلىك ئورگىنى رەسمىي قۇرۇلدى؛ كېيىنكى يىلى 4- ئايدا يەنە دېڭىز ئارمىيەسى رەھبەرلىك ئورگىنى قۇرۇلدى. ھاۋا ئارمىيەسى، دېڭىز ئارمىيەسى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ئارمىيە تۈرىگە رەسمىي ئايلاندى. 1950- يىلى، توپچى قىسىم، بىرونېۋىك قىسمى، قۇرۇلۇش قىسمى، ھاۋا مۇداپىئە قىسمى، جامائەت خەۋپسىزلىكى قىسىملىرىنىڭ رەھبەرلىك ئورگانلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلدى. شۇنىڭدىن كېيىن يەنە تۆمۈريول قىسمىنىڭ رەھبەرلىك ئورگىنى قۇرۇلدى.

بىرنەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق، ھاۋا ئارمىيەسىدە ئاۋىياتسىيە ئەسكەرلەر شىسى ۋە باشقا ۋەزىپە ئۆتىگۈچى قىسىملار قۇرۇلدى، دېڭىز ئارمىيەسىدە سۇ ئۈستى پاراخوتى ۋە ئاۋىياتسىيە قىسمى قۇرۇلدى، قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىدىكى ھەرقايسى تېخنىكىلىق قىسىم تۈرلىرىمۇ بەلگىلىك كۆلەمگە يەتتى. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى بىرلا خىل قىسىم تۈرىدىن كۆپ خىل ئارمىيە تۈرى بىرىككەن ئارمىيەگە ئۆزگىرىشنى تاماملىدى. راكېتا ۋە رېئاكتىپ تېخنىكىسى، ئاتوم ئېنېرگىيەسى تېخنىكىسى قاتارلىق دۆلەت مۇداپىئەسىدىكى ئۆتكۈر پەن - تېخنىكىلار تەتقىق قىلىنىشقا باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھەربىي ئىشلار شۆيۈەنى، ئارقا سەپ شۆيۈەنى، باش يۇقىرى دەرىجىلىك پىيادە ئەسكەرلەر مەكتىپى ۋە ھەربىي ئىشلار قۇرۇلۇش شۆيۈەنى، جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سىياسىي شۆيۈەنى قاتارلىق زامانىۋى ئۇرۇش قىلىش ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ماس كېلىدىغان تۈرلۈك مەكتەپلەر ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل بولغان مەكتەپ سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندى.

شۇنىڭ بىلەن، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنى ئىنقىلابىيلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يېڭى باسقۇچقا قەدەم قويدى.