تۈپ سىياسىي تۈزۈم ئورنىتىلدى

日期:2019年09月12日
来源:新疆日报
【字体:

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىنكى 1- قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1954- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى بېيجىڭ جۇڭنەنخەيدىكى خۇەيرېنتاڭ زالىدا داغدۇغىلىق ئېچىلغان. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسىنى ئىزچىل ۋاكالىتەن يۈرگۈزگەنىدى.

1- قېتىملىق مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان 1226 نەپەر ۋەكىل (ئەمەلىي قاتناشقىنى 1210 نەپەر) جۇڭگودا تارىختىن بۇيان بىرىنچى قېتىم ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن. 1953- يىلى 2- ئايدا، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى كومىتېتى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ سايلام قانۇنى»نى قاراپ چىقىپ ماقۇللىغان، ليۇ شاۋچى رەئىسلىكىدىكى مەركىزىي سايلام كومىتېتى قۇرۇلغان. 1953- يىلى 4- ئايدا، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى باشلانغان. ھەرقايسى جايلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا نامسىز بېلەت تاشلاش، قول كۆتۈرۈش، پۇرچاق تاشلاپ سايلاش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ سايلام ئۆتكۈزگەن. ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلار 1953- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى كەچتە، بېيجىڭ شەھىرى شىدەن رايونى جۇڭنەنخەي بېلەت تاشلاش پونكىتىدا بېلەت تاشلاشقا قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى ئومۇمىي سايلامدا ھەر مىللەت، ھەرقايسى قاتلام، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار ۋە خەلق تەشكىلاتلىرىدىن ۋەكىللىك زاتلار سايلاپ چىقىلغان، بۇلار سانائەت سېپىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋاڭ چۇڭلۇن، يېزا ئىگىلىك سېپىدىكى ئەمگەك نەمۇنىچىسى لى شۈندا، 90 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بوۋاي چى بەيشى، ئەمدىلا سايلام يېشىغا توشقان ياش ئايال ئىشچى خاۋ جيەنشيۇ ھەمدە ئاز سانلىق مىللەت ۋەكىللىرى، ۋەتەنگە قايتقان خۇاچياۋلار ۋەكىللىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

1954- يىلى 9- ئاينىڭ 15- كۈنى، 1- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 1- يىغىنى ئوڭۇشلۇق ئېچىلغان. يىغىندا ليۇ شاۋچى بەرگەن «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇن لايىھەسى توغرىسىدىكى دوكلات»، جوۋ ئېنلەي بەرگەن «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات» ھەمدە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئاساسىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى گوۋۇيۈەنىنىڭ تەشكىلىي قانۇنى» قاتارلىق بىر قاتار قانۇنلار ماقۇللانغان. قۇرۇلتايدا ماۋ زېدۇڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە، جۇ دې جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىكىگە، ليۇ شاۋچى مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقلىقىغا سايلانغان؛ ماۋ زېدۇڭنىڭ نامزاتلىققا كۆرسىتىشى بىلەن، قۇرۇلتاي جوۋ ئېنلەينىڭ گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى بولۇشىنى قارار قىلغان.

9- ئاينىڭ 28- كۈنى، يىغىن غەلىبىلىك يېپىلغان. بۇ قېتىمقى يىغىن دۆلىتىمىز خەلق دېموكراتىك قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئابىدە. 1- نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنى بەلگە قىلىپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى يېڭى جۇڭگونىڭ تۈپ سىياسىي تۈزۈمى سۈپىتىدە رەسمىي ئورنىتىلغان.