گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «جۇڭگونىڭ يادرو بىخەتەرلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى

日期:2019年09月05日
来源:新疆日报
【字体:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى «جۇڭگونىڭ يادرو بىخەتەرلىكى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. بۇ جۇڭگو ئېلان قىلغان تۇنجى يادرو بىخەتەرلىكى ئاق تاشلىق كىتابى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: ئاتومنىڭ بايقىلىشى ۋە يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئېچىپ پايدىلىنىش ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كېلىپ، ئىنسانلارنىڭ دۇنيانى تونۇش ۋە دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يادرو ئېنېرگىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ بىخەتەرلىك خەۋپ - خەتىرى ۋە خىرىس ھەمراھ بولۇپ كەلدى. ئىنسانلار يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىش، تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن تۈرلۈك يادرو بىخەتەرلىكى خىرىسىغا ياخشى تاقابىل تۇرۇپ، يادرو بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىلدە، دۆلەتنى گۈللەندۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئېھتىياجى ئالدىدا، جۇڭگو ھۆكۈمىتى يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتەك مۇھىم، زور قارارنى چىقاردى، جۇڭگونىڭ يادرو ئىشلىرى رەسمىي باشلاندى. 70 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان، جۇڭگونىڭ يادرو ئىشلىرى يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، سىجىل تەرەققىي قىلىپ، مۇكەممەل يادرو سانائىتى سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئاسراش، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو باشتىن - ئاخىر يادرو بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى مۇھىم دۆلەت مەسئۇلىيىتى قىلىپ، ئۇنى يادرو ئېنېرگىيەسىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر بىخەتەرلىكنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ يادرو ئىشلىرىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئەڭ قاتتىق ئۆلچەم بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، باشتىن - ئاخىر يادرو ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى تەلىپىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، يادرو بىخەتەرلىكىنىڭ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشىگە، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇپ، ياخشى بىخەتەرلىك رېكورتىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە يادرو بىخەتەرلىكى يولىدا ماڭدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق دېيىلدى: پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، جۇڭگونىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ئىشلىرى بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەرەققىيات يېڭى مەزگىلىگە كىردى. يادرو بىخەتەرلىكى قارىشىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو پەيدىنپەي قانۇن - قائىدە، مەمۇرىي نازارەتچىلىك - باشقۇرۇش، ساھە تەلەپچانلىقى، تېخنىكا كاپالىتى، ئىختىساسلىقلار تىرىكى، مەدەنىيەت يېتەكچىلىكى، جەمئىيەت قاتنىشىش، خەلقئارا ھەمكارلىق قاتارلىقلار سۇبيېكت قىلىنغان يادرو بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، يادرو بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىدى.

ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تەكىتلەندى: باراۋەر بولغان، ھەمكارلىشىدىغان، ئورتاق پايدا ئالىدىغان خەلقئارا يادرو بىخەتەرلىكى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم تەشەببۇسچىسى، تۈرتكە بولغۇچىسى ۋە قاتناشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو ئۆزىنىڭ يادرو بىخەتەرلىكى ئىشلىرىنى ياخشى قىلىش بىلەن بىللە، يادرو بىخەتەرلىكى خەلقئارا مەجبۇرىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، يادرو بىخەتەرلىكى بويىچە ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىققا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ پايدىلىنىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، يەر شارىۋى يادرو بىخەتەرلىكىنى ئىدارە قىلىش ئۈچۈن جۇڭگو ئەقىل - پاراسىتى، جۇڭگو كۈچىنى قوشتى.