يېڭى دەۋردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش لازىم

日期:2019年08月16日
来源:人民网
【字体:

خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 15- ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «يېڭى دەۋردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

«يېڭى دەۋردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە پىكىر»نىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 19- قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مائارىپ توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى، بولۇپمۇ مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتقۇچىلىرى سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانداق ئادەم تەربىيەلەش، ئادەمنى قانداق تەربىيەلەش، كىم ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق روھنى ئۇرغۇتۇش، ئادەم تەربىيەلەشتە قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇرۇش ئۈچۈن، يېڭى دەۋردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئىدىيەۋى- سىياسىي نەزەرىيە دەرسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ ئىدىيەۋى-سىياسىي دەرسى دېيىلىدۇ) ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا تۆۋەندىكى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. (بۇ يەرنى بېسىپ تولۇق تېكىستىنى كۆرۈڭ)