«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
يېڭى دەۋر ياشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 30 - كۈنى تېلېگراممىسى5 - ئاينىڭ 1 - كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 9 - سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «يېڭى دەۋر ياشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنىڭ ياشلار خىزمىتىدە زور نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، چوڭقۇر ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى، پارتىيەنىڭ كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ياشلار خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلدى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى ۋە سىياسىي روھى تېخىمۇ مۇستەھكەملەندى، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى خىزمىتىنىڭ يۆنىلىشى ۋە ۋەزىپىسى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقى تېخىمۇ روشەنلەشتى، ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ ئىدىيەۋى ئىستىلى، خىزمەت ئىستىلى، تۇرمۇش ئىستىلى تېخىمۇ ئاكتىپ، ساغلام يۈكسەلدى، كەڭ ياشلار توپىدىكى ئوبرازى يېپيېڭى تۈسكە كىردى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى چۆرىدەپ، كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى پائال قاتنىشىشقا، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىشقا، ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىشقا تەشكىللەپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلىرىنىڭ جاسارىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە كەڭ ياشلارغا تولۇق ئىشىنىدۇ، ئۇلاردىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ!
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى ۋە ھەر دەرىجىلىك ئىتتىپاق تەشكىلاتلىرى يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيە تاپشۇرغان بۇرچ، ۋەزىپىنى ھەقىقىي زىممىگە ئېلىشى كېرەك. يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتىنىڭ باش تېمىسىنى پۇختا ئىگىلىشى كېرەك. پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ باش تېمىسى ۋە يۆنىلىشى قىلىش 100 نەچچە يىلدىن بۇيانقى جۇڭگو ياشلار ھەرىكىتى ۋە ياشلار خىزمىتىنىڭ بىر تۈرلۈك ئاساسىي تەجرىبىسى. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى جەزمەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا بېكىتىلگەن يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى كېرەك. ياشلارنى ئەڭ كەڭ دائىرىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، كەڭ ياشلارنى تارىخىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار دېگەن ياشلىق قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىدا باتۇرلۇق بىلەن ئاۋانگارت ئەترەت، زەربىدار ئەترەت بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تىرىشىپ كەڭ ياشلارغا بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ياشلار غايىلىك بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، جاپاغا چىداپ، كۈرەش قىلىشقا ئىرادە باغلىغاندىلا، جۇڭگو ياشلىرى ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈمىدكە تولىدۇ. كەڭ ياشلارغا بولغان غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش سىياسىي ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش تارىخىي ئېقىمىدا توغرا كىشىلىك ھايات نىشانىنى تۇرغۇزۇش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ياشلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان سىياسىي مەكتەپ، سىياسىيلىق كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ بىرىنچى خۇسۇسىيىتى. كەڭ ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى كۈچەيتىشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سوتسىيالىزمنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە ئىزباسارلىرىنى تىرىشىپ يېتىشتۈرۈپ، پارتىيەگە ئۈزلۈكسىز تۈردە ساغلام، ھاياتىي كۈچكە ئىگە يېڭى قان يەتكۈزۈپ بېرىش كېرەك. ئىتتىپاق ئەزالىرى ۋە ياشلارنى يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىلمىي ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى تىرىشىپ ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى تەتبىقلاپ مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەش كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: يېڭى دەۋر ياشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشقا تولۇق قوزغىتىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى بىردىنبىر توغرا يول، بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىيەتكە مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇدۇللىشىپ، كەڭ ياشلارنى مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىغا قويۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا پائال ئاتلىنىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل تەرەققىي قىلىش، جەمئىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، ۋەتەننى قوغداپ چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى خىزمەتلەردە تىرىشىپ باشلامچى ۋە جەڭگىۋار قوشۇن بولۇشقا تەشكىللىشى ۋە سەپەرۋەر قىلىشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ۋە ئىتتىپاق كادىرلىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇپ ۋە ئىدارە قىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئاممىۋى تەشكىلات تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى مېڭىپ، سىياسىيلىقى، ئىلغارلىقى، ئاممىۋىلىقىنى ئۈزلۈكسىز ساقلاپ ۋە كۈچەيتىپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ يېتەكلەش كۈچى، تەشكىللەش كۈچى، مۇلازىمەت كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى مۇستەھكەملەش روشەن يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاق تەشكىلاتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ياشلارنىڭ ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى - تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن ئىتتىپاق تەشكىلاتى ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇشتىن ئىبارەت ئومۇمىي بىرىكمە كۈچنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئىتتىپاق كادىرلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلىيىتى ياشلار خىزمىتىنى ئىشلەش بولۇپ، سىياسىي ئىقتىدارى، نەزەرىيە ساپاسى، ئاممىۋى خىزمەت قابىلىيىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەمەلىي نەتىجىسى ئارقىلىق پارتىيەنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىشى، جەمئىيەتنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىشى، ياشلارنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيە ياشلار خىزمىتىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدە ھەرقايسى تارماقلار ياشلار تەرەققىيات ئىشلىرىنى تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرىدىغان خىزمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقىنىڭ خىزمەتلەرنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇشىنى قوللىشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار قىزغىنلىق بىلەن ياش دوستلارنىڭ سىردىشى، ياشلار ئاممىسىنىڭ يول باشلىغۇچىسى بولۇشى كېرەك.
ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ ئۈمىدى ياشلاردا. كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېسىل ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ياش ئەۋلادلارنى پارتىيەنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ ياخشى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە ئۇيۇشتۇرۇپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.