导航切换

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى دېموينىستا ئۆتكۈزۈلدى

日期:2025年04月30日
来源:天山网
【字体:

4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، ئامېرىكا ئىئوۋا ئىشتاتى دوستلۇق كومىتېتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىئوۋا ئىشتاتىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى دېموينىس شەھىرىدە داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى، خېبېي ئۆلكىلىك ۋە شىجياجۇاڭ شەھەرلىك، جېڭدىڭ ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ۋەكىللىرى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى قەدىناس دوستلىرى ھەم ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستانە زاتلاردىن بولۇپ تەخمىنەن 150 كىشى پائالىيەتكە قاتناشتى. پائالىيەت نەق مەيدانىدا كەيپىيات قىزغىن، دوستانە بولدى.

يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر رەئىس شى جىنپىڭ بۇ ئىشتاتتا ئىككى قېتىم زىيارەتتە بولغان چاغدىكى ئىللىق كۆرۈنۈشلەرنى چوڭقۇر ھېسسىيات بىلەن ئەسلەپ ئۆتۈپ، بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ 40 يىل ئىلگىرى ئىئوۋا ئىشتاتىدا تۇنجى قېتىم زىيارەتتە بولۇپ، دوستلۇق ئۇرۇقىنى چاچقانىدى. 40 يىلدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇزاق مەزگىل بىۋاسىتە يېتىشتۈرۈشى ۋە تۈرتكىسىدە، خېبېي ئۆلكىسى بىلەن ئىئوۋا ئىشتاتى ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو ـ ئامېرىكا يەرلىكلەر ۋە خەلق ئىچى ئالاقىسىدە مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، ئىككى تەرەپ دوست شەھەر، ياشلار، ئادىمىيەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا خەلقى دوستلۇق ئىشلىرىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق تۈردە ئورتاق پۈتۈپ چىقىشى كېرەك.

پائالىيەت مەزگىلىدە، خېبېي ئۆلكىسى ئىئوۋا ئىشتاتىدىكى ياش ـ ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى بىلەن بىللە نادىر ئەدەبىيات ـ سەنئەت نومۇرلىرىنى تەقدىم قىلدى، ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئالماشتۇرۇش فوتو سۈرەت كۆرگەزمىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق مول مەزمۇنلۇق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.