شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىرلارشيې شىياۋ، ۋاڭ يۈشياۋ) گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر پاكىتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان سىياسەت مەيدانىنى چۈشەندۈردى.
ئاق تاشلىق كىتاب كىرىش سۆز، خاتىمىدىن باشقا جەمئىي ئالتە قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش؛ جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى؛ ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىدىكى ئالاقىدار مەجبۇرىيەتلەرگە خىلاپلىق قىلدى؛ جۇڭگو ئەركىن سودا ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلدى؛ يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ؛ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا باراۋەر سۆھبەتلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلسا بولىدۇ قاتارلىقلاردىن ئىبارەت.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق تونۇشتۇرۇلدى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى سىجىل تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو - ئامېرىكا سودا سوممىسى 1979 - يىلىدىكى 2 مىليارد 500 مىليون دوللارغا يەتمەيدىغان ھالەتتىن تېز ئېشىپ 2024 - يىلى 688 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى. بىراق، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىدا يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ نورمال ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا ئېغىر كاشىلا پەيدا قىلدى. 2018 - يىلىدىكى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا سۈركىلىشىدىن بۇيان، ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگودىن ئامېرىكىغا چىقىرىلىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ 500 مىليارد دوللاردىن ئاشقان قىسمىغا يۇقىرى سوممىلىق تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىپ، جۇڭگوغا قارىتا چەكلەش، بېسىش سىياسىتىنى سىجىل ئوتتۇرىغا قويدى. جۇڭگو تەرەپ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇر بولۇپ، دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەپ تالاش - تارتىشنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىدىغان ئاساسىي مەيداندا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپ بىلەن كۆپ قېتىم ئىقتىساد - سودا كېڭىشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا تىرىشتى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئامېرىكا تەرەپ يېقىنقى مەزگىلدە ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ «ئامېرىكا بىرىنچى» سودا، مەبلەغ سېلىش سىياسىتى ئەسلەتمىسى ۋە «ئامېرىكا بىرىنچى» سودا سىياسىتى دوكلاتىنى ئىجرا قىلىش مۇھىم مەزمۇنىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگونىڭ مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا نورمىدىن سىرت تاموژنا بېجىنى ئومۇميۈزلۈك قوشۇپ ئالدى، بۇ، فېنتانىل مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەرنى باھانە قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش، «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا %50 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، يەنە جۇڭگونىڭ دېڭىز ئىشلىرى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە كېمىسازلىق كەسپىگە قارىتا پورت ھەققى ئېلىش قاتارلىق «301 - ماددا» بويىچە تەكشۈرۈش - چەكلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. تاموژنا بېجى قاتارلىقلار ئارقىلىق تەھدىت سالىدىغان، بىسىم ئىشلىتىدىغان بۇنداق چەكلەش تەدبىرلىرى خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىك بولۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ تىپىك يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك ماھىيىتىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى، بۇ ھەم بازار ئىگىلىكى قانۇنىيىتىگە خىلاپ، شۇنداقلا كۆپ تەرەپچىلىككە زىت بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ خەلقئارا قانۇن ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە قانۇن - نىزاملىرىغا ئاساسەن، زۆرۈر بولغان قارشى جازا تەدبىرلىرىنى قوللاندى.
ئاق تاشلىق كىتابتا مۇنداق بىلدۈرۈلدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش، دەپ قارايدۇ. تەرەققىيات باسقۇچى، ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدا ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئەھۋال، ئاچقۇچ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق مەسىلىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشتا. سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، قورۇقچىلىقنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى بىر - بىرىگە نىسبەتەن تەھدىت بولماستىن، بەلكى پۇرسەت. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندا ئېنىق كۆرسەتكەن يۆنىلىش بويىچە، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى باراۋەر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىغا ئورتاق تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.