导航切换

مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

日期:2025年04月11日
来源:天山网
【字体:

​شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى، لى چياڭ رىياسەتچىلىك قىلدى، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى


4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە، مەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

■دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇن، ئەتراپ − تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم نۇقتا، دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىنى پىلانلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ. ئەتراپنى دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆزىتىپ، ئەتراپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك

■پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەتراپ خىزمىتى رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەتراپ خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ شەكىللەنگەن تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك

■ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئەتراپ ئەندىزىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم باسقۇچقا كىردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىنچ، خاتىرجەم، ئاۋات، گۈزەل، دوستانە «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇشنى ئورتاق مەنزىل قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، تەقدىرداش بولۇشنى ئىدىيەۋى فاڭجېن قىلىپ، تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئاساسىي قوللانما قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي سۇپا قىلىپ، تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەردە بىللە بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتىن ئىبارەت ئاسىيا خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك

■ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەرەققىيات يولىدا مۇقىم مېڭىشىنى قوللاپ، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش كېرەك؛ تەرەققىياتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ رايون مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، خەۋپسىزلىك ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك؛ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك

■ئەتراپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىدار ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپ خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىمەركەزنىڭ ئەتراپ خىزمىتى يىغىنى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنىدىن 9 - كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى لى چياڭ، جاۋ لېجى، ۋاڭ خۇنىڭ، سەي چى، دىڭ شۆشياڭ، لى شى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىدە يېڭى دەۋردىن بۇيانقى دۆلىتىمىز ئەتراپ خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، ۋەزىيەتنى ئىلمىي تەھلىل قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئەتراپ خىزمىتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى، دىققەتنى ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئەتراپ خىزمىتىدە يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنى تەكىتلىدى. لى چياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەتراپ خىزمىتىگە دائىر تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي ياخشى تۇتۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ زېمىنى كەڭ، چېگرا لىنىيەسى ئۇزۇن، ئەتراپ − تەرەققىي قىلىش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم نۇقتا، دىپلوماتىيە ئومۇملۇقىنى پىلانلاشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئاچقۇچ. ئەتراپنى دۇنياۋى نەزەر بىلەن كۆزىتىپ، ئەتراپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق قارالدى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، بىز يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئەتراپ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ھەر تەرەپلىمە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تىنچلىق، مۇقىملىقنى ئورتاق قوغداپ، ئەمەلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەتراپ خىزمىتى رامكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئەتراپ خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدۇق. ئەمەلىيەت داۋامىدا ئىزدىنىپ شەكىللەنگەن تەجرىبىلەردە ياخشى چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئەتراپ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىنقى زاماندىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئەتراپ ئەندىزىسى بىلەن دۇنيانىڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى چوڭقۇر ھەمتۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم باسقۇچقا كىردى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى زىچ چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى ئومۇمىيەتنى، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، تىنچ، خاتىرجەم، ئاۋات، گۈزەل، دوستانە «بەش چوڭ ماكان» قۇرۇشنى ئورتاق مەنزىل قىلىپ، ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، تەقدىرداش بولۇشنى ئىدىيەۋى فاڭجېن قىلىپ، تىنچ ئۆتۈش، ھەمكارلىشىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتىن ئىبارەت ئاسىيا قىممەت قارىشىنى ئاساسىي قوللانما قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي سۇپا قىلىپ، تىنچ - ئامانلىق ۋە خەۋپ - خەتەردە بىللە بولۇش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش، سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشتىن ئىبارەت ئاسىيا خەۋپسىزلىك ئەندىزىسىنى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئەتراپ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتا، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى مۇستەھكەملەپ، رايوندىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆز تەرەققىيات يولىدا مۇقىم مېڭىشىنى قوللاپ، زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق باشقۇرۇش ۋە تىزگىنلەش كېرەك؛ تەرەققىياتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى بەرپا قىلىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ رايون مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، خەۋپسىزلىك ۋە قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇپ، تۈرلۈك خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش كېرەك؛ ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش - كېلىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەتراپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، چەت ئەلگە ئالاقىدار قانۇن - نىزام سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ئىقتىدار ۋە قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەتراپ خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ۋاڭ يى خۇلاسە سۆزى قىلدى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار رەھبىرىي يولداشلىرى، ئالاقىدار تەرەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.