سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى
دۆلەتنىڭ مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايمىز، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغدايمىز
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى تېلېگراممىسىگوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئاق تاشلىق كىتابنىڭ ئېلان قىلىنىش ئارقا كۆرۈنۈشى، ئاساسلىق مەزمۇنى، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە قارىتا تۇتقان مەيدانى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
سوئال: «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئۇنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى نېمە؟
جاۋاب: يېقىندا، ئامېرىكا تەرەپ فېنتانىلنى باھانە قىلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم جۇڭگودىن جەمئىي %20 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئاساسىدا، يەنە جۇڭگودىن %34 ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى»نى قوشۇپ ئالدى، ھەم يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا %50 تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئالدى، ئامېرىكا تەرەپ يەنە جۇڭگونىڭ مەڭگۈلۈك نورمال سودا مۇناسىۋىتى ئورنىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى مۇزاكىرە قىلىپ، جۇڭگوغا قارىتىلغان دېڭىز ئىشلىرى، ئەشيا ئوبوروتى ۋە كېمىسازلىق كەسپىنى «301 - ماددا» بويىچە تەكشۈرۈش توغرىسىدا پورت ھەققى ئېلىش تەكلىپىنى بېرىشتىن ئىبارەت چەكلەش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يەككە تەرەپچىلىك، زومىگەرلىك چەكلەش تەدبىرلىرىگە قارىتا جۇڭگو تەرەپ قەتئىي قارشى تۇردى، خەلقئارا قانۇن ئاساسىي پىرىنسىپى ۋە قانۇن - نىزاملارغا ئاساسەن قەتئىي قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىدى.
جۇڭگو تەرەپنىڭ مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر بىرقانچە مەسىلە توغرىسىدىكى جۇڭگو تەرەپنىڭ مەيدانى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلىشى جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە دائىر پاكىتلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بولغان سىياسەت مەيدانىنى سىستېمىلىق بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىقنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە بولغان زىيىنىنى چۈشەندۈرۈپ، جۇڭگونىڭ دۆلەت مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قەتئىي قوغداشتىكى جاسارىتى ۋە ئىرادىسىنى نامايان قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق تېكىستى 28 مىڭ خەت بولۇپ، كىرىش سۆز، تېكىست ۋە خاتىمىدىن ئىبارەت ئۈچ بۆلەكتىن تەركىب تاپقان. تېكىست ئالتە قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا «جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش» «جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىنى ئەستايىدىل ئادا قىلدى» «ئامېرىكا تەرەپ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىدىكى ئالاقىدار مەجبۇرىيەتلەرگە خىلاپلىق قىلدى» «جۇڭگو ئەركىن سودا ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىگە ئەستايىدىل رىئايە قىلدى» «يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زىيان يەتكۈزىدۇ» «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا باراۋەر سۆھبەتلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئىختىلاپلارنى ھەل قىلسا بولىدۇ».
سوئال: جۇڭگو تەرەپنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىگە قارىتا تۇتقان ئاساسىي مەيدانى نېمە؟
جاۋاب: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ۋە ئەڭ چوڭ تەرەققىي تاپقان دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت تەبىئىي ئۈستۈنلۈك، ئادەم كۈچى بايلىقى، بازار، مەبلەغ، تېخنىكا قاتارلىق ساھەلەردە ناھايىتى كۈچلۈك ئۆزئارا تولۇقلاشچانلىققا ئىگە بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى تامامەن ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ھەم ئىككى دۆلەتكە نىسبەتەن زور ئەھمىيەتكە ئىگە، ھەم يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ.
جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 46 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو - ئامېرىكا سودا سوممىسى 1979 - يىلىدىكى 2 مىليارد 500 مىليون دوللارغىمۇ يەتمەيدىغان ھالەتتىن ئۆرلەپ 2024 - يىلى 688 مىليارد 300 مىليون دوللارغا يېقىنلاشتى. ئىككى تەرەپلىك سېلىنمىنىڭ ساقلانما مىقدارى 260 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق ساھەسى ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ، سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشى بىر - بىرىگە نىسبەتەن خىرىس بولماستىن، بەلكى پۇرسەت.
لېكىن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئامېرىكىدا يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى، جۇڭگوغا قارىتا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش قاتارلىق ئىقتىساد - سودا چەكلەش تەدبىرلىرىنى ئۈزلۈكسىز يولغا قويۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ نورمال ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىغا ئېغىر كاشىلا قىلدى. جۇڭگو تەرەپ يوللۇق قارشى تۇرۇش تەدبىرى قوللىنىشقا مەجبۇر بولدى. مېنىڭ تەكىتلىمەكچى بولغىنىم، سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ، لېكىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىمۇ جۇڭگو خەلقىنىڭ يوللۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى ۋە زورلۇق بىلەن تارتىۋېلىنىشىغا ھەرگىز قاراپ تۇرمايدۇ، ئەگەر ئامېرىكا تەرەپ ئۆز پىكرىدە چىڭ تۇرۇپ ئىقتىساد - سودىنى چەكلەش تەدبىرىنىڭ دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە، جۇڭگو تەرەپنىڭ قەتئىي ئىرادىسى، مول ۋاسىتىسى بار، مۇقەررەر ھالدا قەتئىي قارشى جازا قوللىنىدۇ ھەم ئاخىرىغىچە تەڭ تۇرىدۇ.
تەرەققىيات باسقۇچى، ئىقتىسادىي تۈزۈمى ئوخشىمايدىغان ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدا ئىختىلاپ ۋە سۈركىلىشنىڭ كۆرۈلۈشى نورمال ئىش، مۇھىمى بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپلارنى مۇۋاپىق ھەل قىلىش كېرەك. ئامېرىكا تەرەپنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىر نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى تېلېفونلاشقاندا ئېنىق كۆرسىتىلگەن يۆنىلىشكە ئاساسەن، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى ئېلىش تەدبىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سۆھبەتلىشىشنى كۈچەيتىش، ئىختىلاپلارنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپ بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىكى مۇھىم مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، باراۋەر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپ ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ.
سوئال: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان سودا ھەمراھلىرىدىن تاموژنا بېجىنى يەككە تەرەپلىك قوشۇپ ئېلىش ئۇسۇلىغا قانداق قارايدۇ؟
جاۋاب: ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئالاقىدار ئۇسۇلى ئاساسىي ئىقتىسادىي قانۇنىيەت ۋە بازار پىرىنسىپىغا خىلاپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە خىلاپ بولۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە زەربە بەرگەنلىك، كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقى نەتىجىسىگە كۆز يۇمغانلىق، ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مەزگىل خەلقئارا سودىدا كۆپ مىقداردا پايدا ئالغانلىقىدەك پاكىتنى كۆرمەسكە سېلىۋالغانلىق. ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجىنى چېكىدىن ئاشقان ھالدا بېسىم ئىشلىتىش، ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىش قورالى قىلىۋالدى، بۇ، تىپىك يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق ۋە ئىقتىسادىي زومىگەرلىك قىلمىشى.
ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ بولۇش» «ئادىل بولۇش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ نۆل يىغىندىلىق ئېلىشىش بىلەن شۇغۇللىنىشى ماھىيەتتە «ئامېرىكا بىرىنچى» «ئامېرىكا ئالاھىدە» بولۇشنى قوغلاشقانلىق، تاموژنا بېجى ۋاسىتىسى ئارقىلىق ھازىرقى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى ئاغدۇرغانلىق، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويغانلىق، پۈتۈن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ يوللۇق مەنپەئىتىنى قۇربان قىلىشنى بەدەل قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ زومىگەرلىك قىلىپ مەنپەئەتكە ئېرىشىشىگە مۇلازىمەت قىلغانلىق، ئەسلىدىكى پىشىپ يېتىلگەن يەرشارىۋى تەمىنلەش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنى سۈنئىي ھالدا ئۈزۈپ تاشلىغانلىق، بازارنى يېتەكچى قىلغان ئەركىن سودا قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ئېغىر كاشىلا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم ئېشىشىغا تەسىر يەتكۈزگەنلىك بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى، ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىمۇ ناھايىتى زور قارشى سادا قوزغىدى.
تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا تەرەپ تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ، ئەكسىچە پۇل مۇئامىلە بازىرىدا كۈچلۈك داۋالغۇش پەيدا قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى بېسىمىنى ئاشۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ كەسىپ ئاساسىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ چېكىنىش خەتىرىنى زورايتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا پەقەت ئۆزى يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
سوئال: ئامېرىكا تەرەپ زور سوممىلىق سودا تەتۈر پەرقى ئامېرىكىنى «زىيان تارتقۇزىدۇ» دەپ قارايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟
جاۋاب: جۇڭگو - ئامېرىكا مال سودىسىنىڭ پەرق سوممىسى ھەم ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى قۇرۇلما خاراكتېرلىك مەسىلىلەرنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، ھەم ئىككى دۆلەتنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكى ۋە خەلقئارا ئىش تەقسىماتى ئەندىزىسى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن. جۇڭگو ھەرگىزمۇ باش قاتۇرۇپ ئوڭ پەرقنى قوغلىشىپ كەتمەيدۇ، ئەمەلىيەتتە، جۇڭگونىڭ دائىملىق ھېساباتىدىكى ئوڭ پەرق بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ نىسبىتى 2007 - يىلىدىكى %9.9تىن 2024 - يىلىدىكى %2.2كە تۆۋەنلىدى.
جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپلىك سودىسىنىڭ تەڭپۇڭ بولغان - بولمىغانلىقىنى ئوبيېكتىپ تونۇش ۋە ئۇنىڭغا باھا بېرىشتە، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا توغرا كېلىدۇ، مال سودىسىدىكى پەرق سوممىسىغىلا قاراشقا بولمايدۇ. ئامېرىكا مۇلازىمەت سودىسى جەھەتتە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. ئامېرىكا جۇڭگونىڭ مۇلازىمەت سودىسىدىكى ئەڭ چوڭ تەتۈر پەرق مەنبەسى بولۇپ، تەتۈر پەرق كۆلىمىدە ئومۇمىي جەھەتتىن كېڭىيىش يۈزلىنىشى نامايان بولدى، 2023 - يىلى 26 مىليارد 570 مىليون دوللار بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇلازىمەت سودىسىدىكى ئوڭ پەرق ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %9.5 ئەتراپىنى ئىگىلىدى. مال سودىسى، مۇلازىمەت سودىسى ۋە ئۆز دۆلىتىدىكى كارخانىلارنىڭ قارشى تەرەپ دۆلەتتىكى تارماق ئاپپاراتلىرىنىڭ شۇ جايدىكى سېتىش سوممىسىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئامىلنى ئۇنىۋېرسال ئويلاشقاندا، جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئىقتىساد - سودا ئالاقىسىدە ئېرىشكەن پايدىسى ئاساسەن تەڭپۇڭ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو بىلەن بولغان سودىدىكى تەتۈر پەرقىنىڭ ئومۇمىي سودا تەتۈر پەرقىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى تۆۋەنلەپ، يەرشارى بىلەن بولغان سودا تەتۈر پەرقىدىكى كۆلىمى ئاشتى. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوغا قارىتا تاموژنا بېجىنى قوشۇپ ئېلىش ئامېرىكىنىڭ ئومۇمىي سودا تەتۈر پەرقىنى كىچىكلىتەلمەيلا قالماستىن، ئەكسىچە ئامېرىكىنىڭ ئىمپورت تەننەرخىنى ئۆرلىتىۋېتىپ، تەتۈر پەرقنى يەنىمۇ كېڭەيتىۋېتىدۇ.
ئىمپورتنى پائال كېڭەيتىش جۇڭگونىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى مۇھىم مەزمۇن. 2018 - يىلى 11 - ئايدىن باشلاپ، جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى ھەر يىلى شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلۈپ كەلدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان دۆلەتلەر ۋە مۇددىئا پۈتۈشۈش سوممىسى يىلمۇيىل ئاشتى، جەمئىي مۇددىئا پۈتۈشۈش سوممىسى 500 مىليارد دوللاردىن ئاشتى. 2024 - يىلى، جۇڭگونىڭ ئىمپورت ئومۇمىي سوممىسى 18 تىرىليون 400 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.3 ئېشىپ، ئىمپورت كۆلىمىدە تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلىپ، ئۇدا 16 يىل يەرشارى بويىچە 2 - چوڭ ئىمپورت بازىرى بولۇش ئورنىدا مۇقىم تۇردى. جۇڭگو ئىمپورت يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قېزىپ، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازىرىنى دۇنيا ئورتاق بەھرىلىنىدىغان چوڭ بازار قىلىپ قۇرۇپ، يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.
سوئال: دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە قانداق رىئايە قىلدى ۋە ئەركىن سودا ئىدىيەسىنى قانداق ئەمەلدە كۆرسەتتى؟
جاۋاب: 2001 - يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندىن بۇيان، جۇڭگو ئەركىن سودا ئىدىيەسىنى پائال ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئەزا بولغاندا بەرگەن ۋەدىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە رىئايە قىلىپ ۋە ئۇنى ئىجرا قىلىپ، بازارنى زور دەرىجىدە ئېچىۋېتىپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنىڭ ئۈنۈمدارلىقى، نوپۇزىنى قوغداش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
بىرىنچى، قائىدىنى ئاساس قىلغان بازار ئىگىلىكىگە ئائىت قانۇن - نىزاملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن بولۇش بويىچە باھالاشنى سودا سىياسىتىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن بۇرۇنقى زۆرۈر ئالدىنقى ھالقا قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە سودا سىياسىتىنىڭ مۇقىملىقى، ئاشكارىلىق دەرىجىسى ۋە مۆلچەرلىگىلى بولۇش خاراكتېرىنى ئۆستۈرۈپ، كۆپ تەرەپلىك سودا قائىدىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان قانۇن سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى. ئىككىنچى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولغاندا بەرگەن باجنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسىنى ھەقىقىي ئادا قىلىپ، ئىمپورت قىلىشتىكى تاموژنا بېجى باج نىسبىتىنى كۆپ قېتىم زور دەرىجىدە ئۆز ئالدىغا تۆۋەنلەتتى. 2010 - يىلىغا كەلگەندە، جۇڭگو مال بېجىنى تۆۋەنلىتىش ۋەدىسىنى تولۇق ئادا قىلىشنى تاماملىدى، تاموژنا بېجى ئومۇمىي سەۋىيەسى 2001 - يىلىدىكى %15.3تىن %9.8كە تۆۋەنلەپ، تەرەققىي تاپقان ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئوتتۇرىچە چەكلىمىلىك باج نىسبىتى بولغان %9.4كە يېقىنلاشتى. ئۈچىنچى، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ تۈرلۈك ياردەم پۇل ئىنتىزامىغا قاتتىق رىئايە قىلىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ياردەم پۇل توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى ۋاقتىدا تاپشۇردى. 2023 - يىلى 6 - ئايدا، جۇڭگو 2021 - يىلىدىن 2022 - يىلىغىچە بولغان ياردەم پۇل سىياسىتى توغرىسىدىكى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇردى، بۇ، مەركەزنىڭ 69 تۈرلۈك ۋە يەرلىكنىڭ 385 تۈرلۈك ياردەم پۇل سىياسىتىگە چېتىلىدىغان بولۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايونلارنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. تۆتىنچى، خەلقئارا قائىدە بىلەن تۇتاشقان سىستېمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، يەرشارىدىكى كارخانىلارنى تېخىمۇ ئاشكارا، ئادىل، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلىدى.