导航切换

يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىمىز

日期:2025年04月09日
来源:天山网
【字体:

4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى سىرتقا جاكارلاپ، پۈتۈن يەرشارى مىقياسىدا سودا ئۇرۇشى پەيدا قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى، ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەرشارىۋى پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور داۋالغۇش كۆرۈلدى. جۇڭگو بىرىنچى ۋاقىتتا قەتئىي تۈردە زۆرۈر بولغان قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى زومىگەرلىك قىلمىشى، مۇتتەھەملىك قىلمىشىغا ئورتاق قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىشىنى قەتئىي قوغدىدى.

ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» سىياسىتىنىڭ لوگىكىسى قالايمىقان بولۇپ، ئاساسىي ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە خىلاپ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ باج نىسبىتىنى ھېسابلىشى ئاددىي، قوپال بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەت (رايون)لەرگە قارىتا بېكىتكەن ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» باج نىسبىتى ئامېرىكا تەرەپ ئېيتقاندەك «شۇ دۆلەت (رايون)نىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان تاموژنا بېجى باج نىسبىتى + غەيرىي تاموژنا بېجى قورغىنى» بويىچە ھېسابلاپ چىقىرىلمىغان، بەلكى ئامېرىكىنىڭ شۇ دۆلەت (رايون)كە قاراتقان تەتۈر پەرقنىڭ شۇ دۆلەت (رايون)نىڭ ئامېرىكىغا قاراتقان ئېكسپورت سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئاددىي ھالدا ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» باج نىسبىتىنى بېكىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى قىلىنغان، بۇ نىسبەت يېرىم چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن كۆپەيتىپ ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجى باج نىسبىتى قىلىنىدۇ، ھېسابلاش ئۇسۇلى زىيادە ئىختىيارى بولۇپ، مۇۋاپىق، يوللۇق بولۇش ئاساسى كەمچىل. ئامېرىكا تەرەپنىڭ «تەتۈر پەرقنى نۆلگە قايتۇرۇش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇددىئاسىنىڭ مۇمكىنچىلىكى يوق، ئامېرىكىنىڭ زور سوممىلىق سودا تەتۈر پەرقى ئارقىسىدا ماھىيەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى بار. خەلق ئىگىلىكى ھېساباتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بىر دۆلەتنىڭ دائىملىق تۈرىدە پايدا ياكى قىزىل رەقەم بولۇشى شۇ دۆلەتنىڭ پۇل ئامانىتى بىلەن مەبلەغ سېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىگە باغلىق. ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ تىپىك ئالاھىدىلىكى تۆۋەن پۇل ئامانەت، يۇقىرى ئىستېمال، ئامانەت پۇل ئۇزاق مۇددەت مەبلەغ سېلىشتىن تۆۋەن، شۇڭا سودا قىزىل رەقىمى شەكلى ئارقىلىق چەت ئەل ئامانەت پۇلىدىن كۆپلەپ پايدىلىنىشقا مەجبۇر بولىدۇ، بۇ، ئامېرىكا سودىسىدىكى تەتۈر پەرقنىڭ شەكىللىنىشى ھەم ئۇزاق مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدىكى تۈپ سەۋەب، ئامېرىكا ئىقتىسادىدىكى ئىچكى خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك، سىجىل خاراكتېرلىك ھادىسە. قورۇقچىلىقنىڭ ئامېرىكىنىڭ ياسىمىچىلىقىنى «تىرىلدۈرەلىشى» تەس، تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش سودىدىكى «تەتۈر پەرقنى نۆللەشتۈرۈش»نى تېخىمۇ ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ.

ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش»ى تىپىك تاموژنا بېجى زومىگەرلىك قىلمىشى بولۇپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قائىدىسىگە خىلاپ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش»ى ھازىرقى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپىنى ئاغدۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەنپەئىتىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. بۇنىڭدىكى ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ بولۇش» تەشەببۇسى ئالدامچىلىق ۋە قايمۇقتۇرۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، ماھىيەتتە دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ مەنپەئەتدار دۆلەت مۇئامىلىسى پىرىنسىپىغا خىلاپ، بۇنىڭدىكى پەرقلىق باج نىسبىتى دۇنيا سودا تەشكىلاتى ئەزالىرى ئارىسىدىكى بىر - بىرىنى كەمسىتمەسلىك ۋەدىسىگە خىلاپ بولۇپ، ئامېرىكا سودىسىدىكى تەتۈر پەرقنى ھەل قىلىش ۋە كەسىپ رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ئۆزىدىكى مەسىلىلەرگە پايدىسىز بولۇپلا قالماي، يەنە نورمال خەلقئارا ئىقتىساد - سودا تەرتىپى ۋە يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا ئېغىر بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ سىياسىتى ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا، دەرھال خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەنقىد قىلىشى ۋە قارشى تۇرۇشىغا ئۇچرىدى. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكىنىڭ «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» سىياسىتى ئۆزىنىڭ يەتمەكچى بولغان نىشانىغا زىت، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ قارشى جازا تەدبىرى قوللىنىدۇ. بىرازىلىيە پارلامېنتى ئىقتىساد جەھەتتە تەڭمۇتەڭ بولۇش قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللاپ، ھۆكۈمەتكە تەدبىر قوللىنىپ ئامېرىكا تەرەپنىڭ سودا توسۇقىغا تاقابىل تۇرۇش ھوقۇقى بەردى. چىلى زۇڭتۇڭى بورىچ مۇنداق بىلدۈردى: ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ يەككە تەرەپچىلىك قىلمىشى دۇنيا سودا تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدىكى بارلىق پىرىنسىپلارنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان بولۇپ، بۇ، «زوراۋانلىق ھەققانىيەت دېمەكتۇر» دېگەن ئىدىيەگە قۇچاق ئاچقانلىق. ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى ئالبانېس: ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتىنىڭ لوگىكىلىق ئاساسى يوق، ئىككى دۆلەت ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىغا خىلاپ، دەپ تەنقىد قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» سىياسىتى ئۆز دۆلىتى ئىچىدىمۇ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقمىدى، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى كاپىتال بازىرىدا ئۇدا بىرنەچچە كۈن بىردىنلا تۆۋەنلەش ئەھۋالى كۆرۈلدى، 4 - ئاينىڭ 4 - كۈنى نيۇ يوركتىكى ئۈچ چوڭ پاي كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى بىردەك %5تىن ئېشىپ كەتتى، ۋال كوچىسىدا ۋەھىمە كۆرسەتكۈچى بىر كۈندە بىردىنلا %46 ئۆرلەپ كەتتى، بازار ئۈمىدسىزلىنىش ۋە قارشىلىشىش كەيپىياتىغا تولۇپ، ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان يۈز ئۆرۈش تەسىرىگە قارىتا كۈچلۈك ئەندىشىسىنى ئىپادىلىدى.

جۇڭگو تەرەپنىڭ قارشى جازا ھەرىكىتى ئەقىلگە مۇۋاپىق، قانۇنلۇق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى توغرا يولغا قايتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئامېرىكىنىڭ ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» سىياسىتىگە قارىتا، جۇڭگو بىرىنچى ۋاقىتتا زۆرۈر قارشى جازا تەدبىرىنى قوللىنىپ، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتى ۋە تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدىدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ سودا ئۇرۇشىغا قاراتقان مەيدانى ئىزچىل ھەم ئېنىق، جۇڭگو تەرەپ سودا ئۇرۇشى قىلىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، لېكىن جۇڭگو تەرەپ سودا ئۇرۇشى قىلىشتىن ھەم قورقمايدۇ، ئامېرىكا تەرەپ ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» تەدبىرىنى يولغا قويدى، جۇڭگو تەرەپ جەزمەن ئۇنىڭغا قارىتا تەڭمۇتەڭ قارشى جازانى يولغا قويىدۇ. جۇڭگو - ئامېرىكا ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ ماھىيىتى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش بولۇشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىساد - سودا جەھەتتە بەزى ئىختىلاپلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى نورمال ئىش، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنى ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش ئاساسىدا، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەرقايسىسى ئۆزلىرى كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىشى، ئۆز ئالدىغا چەكلەش، بېسىش، ھەتتا چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى قوللانماسلىقى كېرەك. بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتا ئۇسۇلىنى دەرھال تۈزىتىپ، جۇڭگو ۋە ئالاقىدار ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا جەھەتتىكى ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

جۇڭگو قەتئىي تەۋرەنمەي كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغدايدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىللە ئەركىن سودىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. بىز پۈتۈن دۇنيادىكى ئاساسلىق ئىقتىسادىي گەۋدىلەر ۋە كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسى قائىدىسىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرشارىۋى سودا ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، دوستانە خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ئېكولوگىيەسىنى پائال بەرپا قىلىشنى خالايمىز. بىز تېخىمۇ زور سالماق بىلەن ئۆز ئالدىغا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ ئامىلغا ئېرىشىش، سالاھىيەت ئىجازىتى بېجىرىش، ئۆلچەم بېكىتىش، ھۆكۈمەت بىرتۇتاش سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەردە پۇقراۋى مۇئامىلىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان بىرىنچى قاتاردىكى تىجارەت - سودا مۇھىتىنى پائال يارىتىمىز. بىز پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا رايونى تورىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىپ، شەكلى كۆپ خىل بولغان كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك ئىقتىساد - سودا كېلىشىمىنى كېڭىشىپ ئىمزالاشقا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تېخىمۇ زىچ بولغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، سودا ھەمراھلىرىمىزنى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن قىلىمىز. بىز تېخىمۇ زور سالماق بىلەن يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداپ، كارخانىلارنى تەرتىپلىك ھالدا «سىرتقا چىقىپ»، شۇ جاي ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مەبلەغ سېلىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىشكە يېتەكلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشى، مۇقىم بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.

جۇڭگو باشتىن - ئاخىر يەرشارىۋى ئىقتىسادتىكى مۇقىملاشتۇرغۇچ ۋە پاناھ جاي بولۇپ كەلدى، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدە بولۇپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى ئۇزاق مەزگىل %30 ئەتراپىدا بولۇشنى ساقلاپ كەلدى، ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، مەيلى 20 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىكى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى ياكى 2008 - يىلىدىكى خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىگە تاقابىل تۇرۇشتا بولسۇن، ھەممىسىدە يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ مۇقىم بولۇشى ئۈچۈن مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. ھازىر، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ۋە مۇكەممەل كەسىپ سىستېمىسىغا ئىگە بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئىككىنچى چوڭ ئىستېمال بازىرى، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئوتتۇراھال كىرىملىك كىشىلەر توپىغا ئىگە بولۇپ، تاشقى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسقا تاقابىل تۇرىدىغان پۇختا ئاساس ۋە كۈچلۈك ئېلاستىكلىقنى ھازىرلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو ئىقتىسادى «يېڭى بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلەتمەكتە، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرماقتا، ياسىمىچىلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىللاشتۇرۇش تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، يېڭى تېخنىكا، يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ ھالىتى تېز بارلىققا كېلىپ، داۋاملىق تۈردە چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىدىغان مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، جۇڭگو ئۇزاقتىن بۇيان سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم، جەمئىيەت تىنچ بولۇشنى ساقلاپ كەلدى، سىياسەت مۇھىتىدىكى ئېنىقلىق بىلەن تاشقى مۇھىتتىكى ئېنىقسىزلىق روشەن سېلىشتۇرما شەكىللەندۈردى. پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىدا تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىش تەكىتلىنىپ، كەلگۈسى بىر مەزگىلدە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش ئۈچۈن تۈزۈم رامكىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. جۇڭگو تەرەپ سىرتقا ئېچىۋېتىشكە دائىر قانۇن - نىزام سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئاشكارە، مۇقىم، مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان سىياسەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىدۇ. دەل مۇشۇنداق ناھايىتى قىممەتلىك ئېنىقلىق بولغاچقا، خەلقئارادىكى بارغانسېرى كۆپ مەبلەغ سالغۇچىلار جۇڭگو بازىرى ۋە ئۇنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۆرۈپ يەتتى ھەم ئۈمىد باغلىدى. جۇڭگو تەرەپ دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى كارخانىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈپ، جۇڭگو بازىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى غايەت زور پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ.