导航切换

«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

日期:2025年04月09日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىز تىل - يېزىقى، فىرانسۇز تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى، ياپون تىل - يېزىقى نۇسخىسى دۆلەت سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىققان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى، ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتى، نامايان قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.