导航切换

مىنىستىرلار يولى ▕لى يۈنزې: ئاق تىزىملىك كۆپەيتىلىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ ئۆي-زېمىن تۈرلىرى قەرز پۇل ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولالايدۇ

日期:2025年03月06日
来源:天山网
【字体:


3-ئاينىڭ 5-كۈنى، 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3-يىغىنىنىڭ تۇنجى مەيدان «مىنىستىرلار يولى» خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش باش ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى لى يۈنزې مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

لى يۈنزې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى نۇقتىلىق چىڭ تۇتۇپ ئىشلەيمىز.

بىرىنچى، ئۆي بازىرىنى مۇقىملاشتۇرۇشنى قوللاپ، مەبلەغنى يۈرۈشتۈرۈش-ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، ئاق تىزىملىكنى كۆپەيتىپ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنى قەرز ئېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆي تاپشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى قەتئىي ياخشى ئىشلەيمىز.

ئىككىنچى، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ماسلىشىپ، يۈرۈشلەشكەن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى چىڭ تۇتۇپ تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، ئۆي-زېمىن تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى قوللاپ، ئۆي-زېمىن بازىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.