导航切换

يېڭى نۇسخىدىكى مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى مۇندەرىجىسىدە مۇنداق ئۆزگىرىشلەر بولدى

日期:2025年03月06日
来源:天山网
【字体:

«مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى مۇندەرىجىسى» ھەرقايسى جايلارنىڭ مېيىپلەرنى ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىدىكى مۇھىم ئاساس، يېقىندا، جۇڭگو مېيىپلەر بىرلەشمىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، دۆلەت سەھىيە -ساغلاملىق كومىتېتى بىرلىكتە «مېيىپلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى مۇندەرىجىسى (2025-يىل نۇسخىسى)»نى بېسىپ تارقاتتى. بۇ قېتىمقى «مۇندەرىجە»دە 2019-يىل نۇسىخىسى مۇندەرىجىسى ئاساسىدا، روھىي ۋە ئەقلىي مېيىپلەر ئېھتىياجلىق ياردەمچى ئۈسكۈنە مۇلازىمەت تۈرى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى، سۈنئىي قۇلاق قۇلۇلىسى بەدەن سىرتى ئاپپاراتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار نۆل ياشتىن ئالتە ياشقىچە بولغان ئاڭلاش ئىقتىدارى مېيىپ بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئاساسىي جەھەتتىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى قىلىندى؛ كېيىن كۆرۈش ئىقتىدارىدىن قالغانلار، كېيىن قۇلىقى ئاڭلىماس بولۇپ قالغانلار، يۇلۇن زەخىملەنگەنلەر قاتارلىقلارنىڭ ئۆز-ئۆزىنى كۈتۈش، ئۆزئارا ياردەم بېرىش بويىچە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتى يەتتە ياشتىن يۇقىرى مېيىپ بالىلار ۋە قۇرامىغا يەتكەن مېيىپلەرگە مەدەت بېرىش خاراكتېرلىك مۇلازىمەتكە كىرگۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىر قىسىم سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمىتىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى تېخىمۇ ئېنىق بېكىتىلىپ، ئالاقىدار بايانلار قېلىپلاشتۇرۇلدى.