导航切换

باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئېلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا يېڭى نەتىجىلەرنى نامايان قىلىمىز

日期:2025年03月07日
来源:天山网
【字体:

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان مۇھىم سۆزى ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى

«<14 ـ بەش يىل>لىق تەرەققىيات نىشانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 3 ـ يىغىنى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللەر، ئەزالار ۋە ھەرقايسى جايلاردىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگەندى، ئۆزلەشتۈردى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر باتۇرلۇق بىلەن ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئېلىپ، باشقا ئۆلكىلەر ھەرقايسىسىمىز ئۆز ئارتۇقچىلىقىمىزنى نامايان قىلىپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا پۇختا تۈرتكە بولۇپ، «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان ـ ۋەزىپىلەرنى ئوڭۇشلۇق تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، «15 ـ بەش يىل»دا ئىشنى ياخشى باشلاش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىمىز.

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپ ئارقىلىق تىرەك بولۇشتىن ئايرىلالمايدۇ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز راۋاجلاندۇرۇش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش.

نەق مەيداندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، جياڭسۇ ئۆلكىلىك پەن ـ تېخنىكا نازارىتىنىڭ نازىرى، ۋەكىل شۈ گۇاڭخۇي چوڭقۇر ئىلھام ئالدى: «باش شۇجى جياڭسۇغا قارىتا <پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتا زەربىدارلىق بىلەن ئالدىدا مېڭىش>تىن ئىبارەت ئەڭ يېڭى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىز باش شۇجىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ يول خەرىتىسى ۋە قۇرۇلۇش خەرىتىسى قىلىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى بىلەن كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە كەسىپ پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇلۇشىدا كۆلەم شەكىللەندۈرۈش، ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولىمىز».

«كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنى تۇتۇشتا، ئەمەلىي ئىقتىسادتىن ئىبارەت بۇ نېگىزنى چىڭ ساقلاش كېرەك» − باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان بۇ مۇھىم تەلەپ ئۈستىدە توختالغاندا، جۇڭگو 1 ـ ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ باش تېخنىكا ئۇستىسى، ۋەكىل ياڭ يۇڭشيۇ مۇنداق بىلدۈردى: 1 ـ ئاپتوموبىل گۇرۇھى پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، مىللەتنىڭ ئاپتوموبىل ماركىسىنىڭ تېز ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تۈرتكە بولدى. بىرىنچى سەپتىكى كەسىپ ئىشچىلىرىنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېخىمۇ كۆپ ئىشچىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى تۇتۇش توغرىسىدا توختالغاندا، «سۇپا ھازىرلاش، تۈزۈلمە ـ مېخانىزمنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك»لىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. جېجياڭ ئۆلكىسى خاڭجوۋ شەھەرلىك پەن ـ تېخنىكا ئىدارىسى نەتىجە باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى چېن شىياڭ مۇنداق بىلدۈردى: «خاڭجوۋ كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ھەرقايسى جەھەتلەردىكى غەم ـ ئەندىشىسىنى تۈگىتىشكە داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت كەسىپ فوندىنى يولغا قويۇپ، پەن ـ تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كارخانىلىرىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كۈچ قوشىدۇ».

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، توسالغۇلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىش، قۇۋۋەتنى ئاشۇرۇش كېرەك.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك قورۇقچىلىق قىلىش، بازارنى بۆلۈۋېتىش ۋە <ئىچكى تالىشىش شەكلى>دىكى رىقابەتلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تۈگىتىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان بىرىكمە كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ.» جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئىقتىساد تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئەزا خۇاڭ چۇنخۇي مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار بەرپا قىلىشنى تېزلىتىشنى چۆرىدەپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، بازار ئىجازىتى، ئادىل رىقابەت، ئىجتىمائىي ئىناۋەت قاتارلىق بازار ئىگىلىكى ئاساسىي تۈزۈمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يەرلىك ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئادىل بازار مۇھىتى بەرپا قىلىش كېرەك.

تىرىشقانلار باھارنى بالدۇر كۈتۈۋالىدۇ، چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش − چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ ئوتتۇرا لىنىيە گاۋتيې قۇرۇلۇشى جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. «چوڭ ـ چوڭ تۈرلەرنى تۇتقا قىلىپ، سىچۇەن ـ چۇڭچىڭ ئىككى جاي چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە پائال تۈرتكە بولۇپ، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئېگىزلىك ۋە خەلقئارا رىقابەتكە قاتنىشىدىغان يېڭى بازا بەرپا قىلىۋاتىدۇ.» سىچۇەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رايونلار ماس تەرەققىياتى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ يۈەنيۈەن مۇنداق دېدى: ئىككى جاي غەربىي قىسىم قۇرۇقلۇق ـ دېڭىز يېڭى يولى، جۇڭگو _ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى(چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ)، چاڭجياڭ دەرياسى ئالتۇن سۇ يولىنى بىرتۇتاش جىپسىلاشتۇرۇشنى داۋاملىق ئالغا سىلجىتىپ، ماس ئېچىۋېتىش يېڭى ئەۋزەللىكىنى يارىتىدۇ.

مەملىكەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيىتىگە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن، دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىگە چوڭقۇر سىڭىشىشكە توغرا كېلىدۇ.

2024 ـ يىلى، گۇاڭدۇڭ مەملىكەت بويىچە ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارى 14 تىرىليون يۈەندىن ئاشقان تۇنجى ئۆلكە بولۇپ قالدى. «باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىقتىسادىي چوڭ ئۆلكىلەر دۆلەتنىڭ زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە تېخىمۇ زور تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىشلەش غەيرىتىمىزنى تېخىمۇ كۈچەيتتى، بۆسۈش ھاسىل قىلىش جاسارىتىمىزنى تېخىمۇ ئۇرغۇتتى.» گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل ئەي شۆفېڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە گۇاڭدۇڭ مەۋقەنى گۇاڭدۇڭ ـ شياڭگاڭ ـ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىغا قويۇپ، كەسىپ ئاساسى پۇختا بولۇش، پەن تەتقىقات كۈچلىرى ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇش، ئېچىۋېتىش ئاساسى چوڭقۇر بولۇش، بازار يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇشتەك ئەۋزەللىكتىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش جەريانىدا ئالدىدا مېڭىپ، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

قاراپ چىقىشقا قاتناشقاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ئوتتۇرىغا قويدى: جياڭسۇ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە چاڭجياڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىشى، ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشى كېرەك.

جياڭسۇ ئۆلكىلىك كەسپىي تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، چاڭجياڭ دېلتىسى دۆلەت تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل ليۇ چىڭ مۇنداق دېدى: كەسپىي تېخنىكا تەتقىقات ئورنى ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىنچىكە ئايرىلغان ساھەدىكى 400دىن ئارتۇق باشلامچى كارخانا بىلەن بىرلەشمە ئىجادىيەت مەركىزىنى ئورتاق قۇردى، كەلگۈسىدە باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە رايون زور ئىستراتېگىيەسىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىرتۇتاش ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شاڭخەينىڭ باشلامچىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىپ ۋە مەدەت بېرىپ، شاڭخەي ـ جېجياڭ ـ ئەنخۇي بىلەن پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشتا رايون ھالقىغان ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى ئېقىنىغا قاراپ ئۇزىرىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

تۇنجى تۈركۈمدىكى «سىرتقا چىقىرىش» بويىچە مەملىكەت سىرتىدىكى تۈر قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىغا جايلاشقان خاربىن ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونغا ئېكسپورت قىلىندى. خاربىن ئېلېكتىر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، ئەزا ساۋ جىئەن مۇنداق بىلدۈردى: «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا چوڭقۇر سىڭىشىپ، خەلقئارالاشقان تىجارەت تىپىنى ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشىغا ئالاقىدار ساھەلەرنى ئېچىشنى تېزلىتىپ، دۇنياغا نەپ يەتكۈزىدىغان «بەخت يولى»نى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇلغان «ئالتۇن لېنتا»نى بارلىققا كەلتۈرىمىز.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئومۇمىي خەلقنى ئورتاق بېيىتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ لۇئەن شەھىرى جىنجەي ناھىيەسى خۇاشى يېزىسى داۋەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ 1 ـ شۇجىسى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، ئەزا يۈ جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چۆرىدەپ ئوتتۇرىغا قويغان يېڭى تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، داۋەن كەنتىنىڭ ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەر بايلىقىنى جانلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيە ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، «تاغدا چاي ئۆستۈرۈش، ئۆيدە مېھمان كۈتۈش، قىزىل ۋە يېشىل كەسىپنى بىرلەشتۈرۈش»تەك خاس تەرەققىيات يولىدا ياخشى مېڭىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

«ئورتاق بېيىش ماددىي جەھەتتىكى بېيىشنىلا ئەمەس، مەنىۋى جەھەتتىكى بېيىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.» كۇنچۈ تىياتىرى ئارتىسى، جياڭسۇ ئۆلكىلىك سەنئەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، ۋەكىل كې جۈن مۇنداق دېدى: مەۋقەنى ئۆز ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، باش شۇجىنىڭ مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمەت تەمىناتىنى ئەلالاشتۇرۇش قاتارلىق جەھەتتىكى تەلەپلىرىنى پۇختا، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرسەكلا، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ ياخشى قوغدىغۇچىسى، ۋارىسلىق قىلغۇچىسى ۋە يېڭىلىق ياراتقۇچىسى بولۇپ، دەۋر ئېھتىياجىغا ئۇيغۇنلاشقان تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى يارىتالايمىز.

ئەمەلىي ئىشلەشنىڭ قەدەم ساداسى جاراڭلىق ياڭرىدى، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانى كىشىنى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى.

«پويىزنىڭ تېز مېڭىشى پۈتۈنلەي پاراۋۇزغا باغلىق.» خېبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇئەن شەھىرى شۇسۈن بازىرى بەيشا كەنتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل خوۋ ئېرخې مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىدىن سىياسىي ئىقتىدار ۋە تەشكىلىي ئىقتىدارنى كۈچەيتىشنى، كەڭ پارتىيەلىك كادىرلاردىن ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلدى. بىز «پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش» نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى ئۇزاق مەزگىللىك پىلان ۋە ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)