شىنجاڭدىن ئىككى كوللېكتىپ، تۆت شەخس تاللاندى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 10 ـ تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بەردى. بۇ قېتىم نام بېرىلگەن مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىسى جەمئىي 100 نەپەر (كوللېكتىپ ۋە شەخسنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بولۇپ، ئاساسلىقى كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، دوختۇرخانا، ئارمىيە قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن. ئۇلار مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ، ئىش ئورنىدا تۆھپە قوشۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق لېي فېڭ روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە ئۈلگىلىك، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.
مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى مۇنداق تەلەپ قىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، 10 ـ تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بېرىشنى پۇرسەت بىلىپ، يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭەيتىپ، يېڭى دەۋردىكى لېي فېڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، لېي فېڭ روھىغا ئەۋلادمۇئەۋلاد ۋارىسلىق قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەشكە، خىزمەتلەرنى پۇختا ئىشلەشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا يېڭى تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرىئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى 10 ـ تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرىگە نام بەردى، شىنجاڭدىن ئىككى كوللېكتىپ، تۆت شەخس تاللاندى.
بۇ قېتىم نام بېرىلگەن مەملىكەت بويىچە ئىش ئورنىدا لېي فېڭدىن ئۆگىنىش ئۈلگىلىرى ئاساسلىقى كارخانا، يېزا، ئورگان، مەكتەپ، مەھەللە، دوختۇرخانا، ئارمىيە قاتارلىق ئاساسىي قاتلام بىرىنچى سېپىدىن كەلگەن.
شىنجاڭدىن تاللانغان ئىككى كوللېكتىپ: شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى خوتەن چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى سەيدۇللا چېگرا ساقچىخانىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 ـ شى قورغاس بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش رايونى گۇڭئەن ئىدارىسى گوۋكوۋچۇەن ساقچىخانىسى.
شىنجاڭدىن تاللانغان تۆت شەخس: جۇڭگو پوچتا گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قەشقەر ۋىلايىتى قاغىلىق ناھىيەلىك شۆبە شىركىتىنىڭ يەتكۈزگۈچىسى ئابدۇرېشىت مەمەت، شىنجاڭ ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش باش ئەترىتى ئاقسۇ تارماق ئەترىتى كۇچا شەھىرى چاڭنىڭ يولى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش ـ ياردەم بېرىش پونكىتىنىڭ سىياسىي يېتەكچىسى لى يۈنفېي، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 9 ـ شى دوختۇرخانىسى 170 ـ تۇەن شۆبە دوختۇرخانىسى مياۋئېرگوۋ مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى لىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 1 ـ شى ئارال شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى 16 ـ تۇەن ئەدلىيە ئورنىنىڭ باشلىقى دۇ فېڭ.