导航切换

ئېنىق بولدى! بۇ پۇل ئالدىن تارقىتىلىدۇ!

日期:2025年01月26日
来源:天山网
【字体:

باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا




بۇ يىللىق باھار بايرىمىلىق دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ۋاقتى

1- ئاينىڭ 28- كۈنى (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ ھارپىسى)دىن

2- ئاينىڭ 4- كۈنىگىچە (دېھقانلار كالېندارى بويىچە باھار بايرىمىنىڭ 7- كۈنى)

جەمئىي سەككىز كۈن بولىدۇ



بۇ كىشىلەرگە مۇددەتتىن بۇرۇن مائاش بېرىلسە بولىدۇ

ئايلىق مائاشنى ھەر ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 4- كۈنىگىچە ئالىدىغان دوستلار دىققەت، سىزنىڭ مائاشىڭىز مۇددەتتىن بۇرۇن بېرىلسە بولىدۇ!

«مائاش بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»نىڭ 7- ماددىسىغا ئاساسلانغاندا، مائاش جەزمەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچى پۈتۈشكەن ۋاقىتتا بېرىلىشى كېرەك. ئەگەر بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرى ياكى ئارام ئېلىش كۈنلىرىتوغرا كېلىپ قالسا، ئەڭ يېقىن خىزمەت كۈنىدە ئالدىن تارقىتىلىشى كېرەك. مائاش ئاز دېگەندە ئايدا بىر قېتىم بېرىلىدۇ، ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك ئىش ھەققى تۈزۈمى يولغا قويۇلغانلارغا ھەپتىلىك، كۈنلۈك، سائەتلىك ئىش ھەققى بېرىلسە بولىدۇ.

ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى قانداق ھېسابلىنىدۇ؟

باھار بايرىمىلىق سەككىز كۈنلۈك دەم ئېلىش ئىچىدە، ھارپا كۈنىدىن باھار بايرىمىنىڭ 3 - كۈنىگىچە، يەنى 1 - ئاينىڭ 28 - كۈنىدىن 1 - ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، قانۇندا بەلگىلەنگەن بايرام، دەم ئېلىش كۈنى ھېسابلىنىدۇ. ئەمگەك قانۇنى ۋە «مائاش بېرىش ۋاقىتلىق بەلگىلىمىسى»گە ئاساسەن، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى بۇ تۆت كۈندە ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئەمگەكچىنىڭ كۈنلۈك مائاش ئاساس سانى ياكى سائەتلىك مائاش ئاساس سانىنىڭ %300ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بېرىشىكېرەك، دەم ئېلىشنى تولۇقلاپ بېرىشنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مائاشىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە بولمايدۇ.

2 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنىگىچە، دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن ئارام ئېلىش كۈنى. بۇ تۆت كۈندە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشكە ئورۇنلاشتۇرسا، ئەمگەكچىلەرگە ئوخشاش ۋاقىت مۇددىتىلىقتولۇقلاپ دەم ئېلىشنى ئورۇنلاشتۇرسا ياكى ئەمگەكچىنىڭ كۈنلۈك مائاش ئاساسىي سانى ياكى سائەتلىك مائاش ئاساسىي سانىنىڭ %200ىدىن تۆۋەن بولمىغان ئاساستا ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ھەققى بەرسە بولىدۇ.