导航切换

يې گۇاڭفۇغا «2 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، لى سۇڭ، لى گۇاڭسۇغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى ھەم «3 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

日期:2025年01月25日
来源:天山网
【字体:

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ

يې گۇاڭفۇغا «2 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، لى سۇڭ، لى گۇاڭسۇغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى ھەم «3 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش توغرىسىدىكى قارارى

(2025 - يىلى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى)

2024 - يىلى 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، شېنجوۋ 18 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك قويۇپ بېرىلدى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى يې گۇاڭفۇ، لى سۇڭ، لى گۇاڭسۇ ئالەم كېمىسىگە ئولتۇرۇپ تيەنخې يادرولۇق بۆلۈمچىسىگە ئوڭۇشلۇق كىرىپ ئورۇنلىشىپ، ئوربىتىدا ئالتە ئاي تۇرۇپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىككى قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىپ، يۈك كۆتۈرۈشچان يەل بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان كىلاپان بۆلۈمچىسىگە ئالتە قېتىم كىرىپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئالەم بوشلۇقى پونكىتى قۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئاسراش، رېمونت قىلىش بويىچە 80 نەچچە تۈرلۈك ۋەزىپىنى تاماملاپ، 100گە يېقىن بوشلۇق ئىلمىي تەجرىبىسى ۋە ئەمەلىي يۈك كۆتۈرۈشچانلىقنى ئوربىتىدا تەجرىبە (سىناق) قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، 2024 - يىلى 11 - ئاينىڭ 4 - كۈنى بىخەتەر قايتىپ كەلدى. شېنجوۋ 18 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى قۇرۇلۇشى ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ئەمەلىي قوللىنىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەن 3 - قېتىملىق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسى بولۇپ، جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنىڭ يەككە قېتىملىق ۋەزىپىدە ئوربىتىدا ئۇدا ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزاق بولۇش، يەككە قېتىملىق بۆلۈمچىدىن چىقىپ مەشغۇلات قىلىش ۋاقتى جەھەتتە رېكورت يېڭىلاندى، دۆلىتىمىزنىڭ ئوربىتىدىكى سۇ ئېكولوگىيە تەتقىقات تۈرى تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاندى، خەلقئارادا تۇنجى قېتىم ئۆسۈملۈك غول ئۇچىنىڭ غول ھۈجەيرە ئىقتىدارىنى ئوربىتىدا تەتقىق قىلىش يولغا قويۇلدى، بۇ، جۇڭگو ئالەم قاتنىشى ئىشلىرىدا يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاشۇرۇش، بارلىق جۇڭخۇا پەرزەنتلىرىنىڭ مىللەت ئىشەنچى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا ئىلگىرىلەش، جاسارەت بىلەن ئالغا بېسىشقا رىغبەتلەندۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

شېنجوۋ 18 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئۇچۇش ۋەزىپىسىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىغا كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى، ئالەم ئۇچقۇچىلىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە ئەجرى مۇجەسسەملەنگەن. يولداش يې گۇاڭفۇ، لى سۇڭ، لى گۇاڭسۇ بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەكىللەر، ئۇلار سادىقلىق بىلەن پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، دۇنياغا قۇدرەتلىك جۇڭگو روھى، جۇڭگو كۈچىنى نامايان قىلدى. يولداش يې گۇاڭفۇ ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە يەنە ئالەم بوشلۇقىغا چىقتى ھەم كوماندىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، دۆلىتىمىزدىكى جەمئىي ئۇچقان ۋاقتى بىر يىلدىن ئاشقان تۇنجى ئالەم ئۇچقۇچىسى بولۇپ قالدى. يولداش لى سۇڭ پۇختا مەشىق قىلىپ، جاپاغا چىداپ چېنىقىپ، شەرەپ بىلەن شېنجوۋ 18 - نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسىغا تاللىنىپ، زىممىسىگە ئالغان ۋەزىپىنى قالتىس تاماملىدى. يولداش لى گۇاڭسۇ سالماق، كەسكىن بولۇپ، ئېغىر يۈكنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، تۇنجى قېتىم بۆلۈمچىدىن چىقىشتىلا ئالەم بوشلۇقى پونكىتى بوشلۇقىدىكى ئۇچۇپ يۈرگەن جىسىملاردىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلمىسىنى قۇراشتۇرۇش تۇنجى ۋەزىپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى. ئۇلارنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ئىشلىرى ئۈچۈن قوشقان كۆرۈنەرلىك تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ۋە مۇكاپاتلاش ئۈچۈن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يولداش يې گۇاڭفۇغا «2 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىش، يولداش لى سۇڭ، لى گۇاڭسۇغا «قەھرىمان ئالەم ئۇچقۇچىسى» شەرەپ نامى بېرىش ھەم «3 - دەرىجىلىك ئالەم قاتنىشى تۆھپە مېدالى» بېرىشنى قارار قىلدى.

يولداش يې گۇاڭفۇ، لى سۇڭ، لى گۇاڭسۇ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئالىيجاناب ئىشلارغا ئۆزىنى بېغىشلىغان دەۋر ئاۋانگارتلىرى، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش، ئالەم بوشلۇقى ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتىكى ئۈلگە - نەمۇنىچىلار. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇنداق چاقىرىق قىلدى: پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەقدىرلەنگەن ۋە مۇكاپاتلانغان ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى ئۈلگە قىلىپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھى ۋە ئادەملىك ئالەم قاتنىشى روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ۋەزىيەتكە تايىنىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى)