导航切换

ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

日期:2025年01月25日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلار مەسئۇللىرىنىڭ باھار بايرىمىنى كۈتۈۋېلىش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىشىپ، دىن ساھەسىدىكى زاتلار بىلەن كاتتا باھار بايرىمىنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى ھەم جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋاكالىتەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ دىن ساھەسىدىكى زاتلار ۋە كەڭ دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىغا باھار بايرىمىلىق بەخت تىلىدى.

ۋاڭ خۇنىڭ ھەرقايسى مەملىكەت خاراكتېرلىك دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ 2024 - يىللىق خىزمەتلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم 2025 - يىللىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشكە قارىتا ئۈمىدىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دىن خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان دىنلار مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن كۈچ قوشۇش كېرەك. ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ۋەتەننى سۆيۈش، دىننى سۆيۈش ئېسىل ئەنئەنىسىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى كۈچەيتىشكە يېتەكلەش كېرەك. دۆلىتىمىزدە دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق يېتەكلەش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۆلەت ئەھۋالى ئالاھىدىلىكىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان دىنىي ئەقىدە ئىدىيەسىنى تەدرىجىي شەكىللەندۈرۈش كېرەك. دىن ئىشلىرىنى ئىدارە قىلىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، دىن ساھەسىدىكىلەر ۋە دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭى، قانۇنچىللىق ئېڭىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، خىزمەتتە تايىنىدىغان قانۇن بولۇش، ئەمەل قىلىدىغان قائىدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. دىننى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەش، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرۇش، ئۆز - ئۆزىنى چەكلەش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شى تەيفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو داۋجياۋ دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو ئىسلام دىنى جەمئىيىتى، جۇڭگو كاتولىك دىنى ۋەتەننى سۆيۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو خىرىستىيان دىنى سەنزى ۋەتەنپەرۋەرلىك ھەرىكىتى كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىندا سۆز قىلدى.