导航切换

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قەرز پۇلىغا ئۆسۈم ياردىمى بېرىشنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش ئۈچۈن مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ

日期:2025年01月08日
来源:天山网
【字体:

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن 1-ئاينىڭ 8-كۈنى گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل مەخسۇس بىر قىسىم مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش قەرز پۇلىغا ئۆسۈم ياردىمى بېرىش زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇلۇپ، مەبلەغ ئارقىلىق تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى ئاشۇرۇلۇپ، تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش مەبلىغى يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدۇ. يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك شەھەر ئاممىۋى ئاپتوبۇسى ھەم باتارېيەنى يېڭىلاش قاتارلىقلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلىدۇ. (مۇخبىر ۋېي يۈكۈن، جاڭ شياۋجيې)