导航切换

دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: دۆلەتنىڭ 4-باسقۇچتىكى موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ

日期:2025年01月08日
来源:天山网
【字体:

1- ئاينىڭ 8- كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان دۆلەتنىڭ 4- باسقۇچتىكى بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمىدىكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار (يەنى دۆلەتنىڭ 4- باسقۇچتىكى بۇلغىما چىقىرىش ئۆلچىمى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلدىكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار، بۇ 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان بېنزىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللار، 2014- يىلى 6- ئاينىڭ 30- كۈنى بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان دىزېل ھەم باشقا يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بىراك قىلىش، يېڭىلاش ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ، مەملىكەت بويىچە ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ئەڭ يۇقىرى ياردەم پۇلى چېكى بىر تۇتاش قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. (مۇخبىرلار ۋېي يۈكۈن، جاڭ شياۋجيې)