1-ئاينىڭ 8-كۈنى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاۋ چېنشىن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن قەرەللىك خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ تۈرى بۇلتۇرقى سەككىز خىلدىن 12 خىلغا كۆپەيتىلدى، يەككە مەھسۇلاتتا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا سېتىلىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. (مۇخبىرلار ۋېي يۈكۈن، جاڭ شياۋجيې)