يېقىندا، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى دائىمىي يىغىنىدا مۇھاكىمە قىلىپ ماقۇللاش ئارقىلىق، 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە شەھەر-يېزىلارنىڭ ئەڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ۋە يېزىلاردىكى تارقاق بېقىلىۋاتقان ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرۈش قارار قىلىنغان.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ئىشلىرى نازارىتى ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىدارىسىدىكىئالاقىدار مەسئۇلنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ قېتىم ئۆلچەم ئۆستۈرۈلۈپ، شەھەرلەرنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەر ئايدا 678 يۈەندىن 712 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن؛ يېزىلارنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۆلچىمى ھەر ئايدا 507 يۈەندىن 568 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن؛ يېزىلاردىكى تارقاقبېقىلىۋاتقانئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلارنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئۆلچىمى ھەر ئايدا 690 يۈەندىن 820 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. بۇ قېتىمقى ئۆلچەمنى ئۆستۈرۈش پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان ئاپتونوم رايوننىڭ ئىجتىمائىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كاپالەت ئۆلچىمىنى ئۇدا 14-قېتىم ئۆستۈرۈشى ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىر :لى لىن
مەنبە:ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى
«تىيانشان تورى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى