خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ليۇ شىياۋ، ساۋ يى، ليۇ شىنرۇي، لى چېن
بېيجىڭ ۋاقتى 2024-يىلى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى سائەت 8دىن 10 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 6-نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتانى ئىشلىتىپ، تيەنپىڭ 3-نومۇرلۇق سۈنئىي ھەمراھنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بوشلۇققا قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ ئالدىن بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى يەر يۈزىدىكى رادار ئۈسكۈنىلىرىنى بەلگە قىلىپ توغرىلاش ۋە RCS ئۆلچەشكە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، يەر يۈزىدىكى ئوپتىكا ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىنىقى ۋە تۆۋەن ئوربىتىلىق بوشلۇق مۇھىتىنى تەكشۈرۈش-ئۆلچەش، كۆزىتىش سىنىقىنى قوللاپ، ئاتموسفېرا بوشلۇقى مۇھىتىنى ئۆلچەش ۋە ئوربىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مودېلىنى تۈزىتىشكە مۇلازىمەت قىلىدۇ.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ541-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.
«خەلق گېزىتى»تېرمىنالىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى