9-ئاينىڭ 24-كۈنى، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى جۇڭ، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، سىياسەت تەتقىقات مەھكىمىسىنىڭ مەھكىمە باشلىقى لۇ ئەيخۇڭ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ شىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
جەنۇب گېزىتى جەنۇب + مۇخبىر:
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالىغا كۆپچىلىك بىر قەدەر كۆڭۈل بۆلىدۇ. ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە يەنە قانداق تەدبىرلەر قوللىنىلىدۇ؟
ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ شىن:
ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئىش ئورنىنى قېزىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى. كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش ھەرىكىتىنى تۇتقا قىلىپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، تەكلىپ قىلىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىجىل كۈچەپ، ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىلگىرى سۈرىمىز.
بىرىنچى، ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بويىچە خىزمەت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلىدۇ. ئوقۇش پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇغۇچىلار، تىزىمغا ئالدۇرۇلغانئىشسىز ياشلار قاتارلىقلارچۆرىدىلىپ، شەخسىي ئۇچۇر، خىزمەت ئىزدەش ئېھتىياجى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتى قاتارلىقلارئومۇميۈزلۈك ئېنىقلىنىپ، ھەقىقىي ئىسمى بىلەن خىزمەت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى تور بېكىتى قاتارلىقلار خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنى تىزىملاش كىچىك پىرۇگراممىسىنى يولغا قويىدۇ، ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار تىزىملىتىپ خىزمەت ئىزدىسە بولىدۇ،بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ھېسابات دەپتىرىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
ئىككىنچى، «1131» مەركەزلىك مۇلازىمىتى ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ھېسابات دەپتىرىگە كىرگۈزۈلگەن ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ياشلارغا قارىتا ئاز دېگەندە بىر قېتىم سىياسەتنى تەشۋىق قىلىپ، بىر قېتىم كەسپىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۈچ قېتىم ئىش ئورنىتونۇشتۇرۇپ، بىر قېتىم ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلەپ ياكى ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تېزدىن ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.
ئۈچىنچى، قىيىنچىلىقى بارلارغا قارىتا بىرگە بىر ياردەم قىلىش-يۆلەش يولغا قويۇلىدۇ. تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلىلەر، نامراتلىقتىن قۇتۇلغان ئائىلىلەر، ئوقۇش پۈتكۈزگەن مېيىپ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇزاق مۇددەت ئىشسىز قالغان ياشلارغا قارىتاقوشماقلىشىپ ياردەم قىلىش-يۆلەشنى قانات يايدۇرۇشتەشكىللىنىپ، «بىر ئادەمگە بىر تەدبىر قوللىنىش»يولغا قويۇلۇپ، ئالدىن يېتەكچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىپ، ئىش ئورنىئالدىن تەۋسىيە قىلىنىپ، تەربىيەلەش، پىراكتىكا قىلىش ئالدىن قانات يايدۇرۇلىدۇ.
تۆتىنچى، بىر قاتار تەكلىپ قىلىش پائالىيەتلىرى قانات يايدۇرۇلىدۇ. يېقىندا بىز چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەرنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى بىرلىشىپ تەكلىپ قىلىش مەخسۇس پائالىيىتىنى يولغا قويدۇق، دۆلەت بايرىمىدىن كېيىن يەنە ئالتۇن كۈز تەكلىپ قىلىش ئېيى قاتارلىق مەخسۇس مۇلازىمەتلەرنى تەشكىللەيمىز، جايلارمۇ بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن، ساھە خاراكتېرلىك، رايون خاراكتېرلىك يۈرۈشلۈك تەكلىپ قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر قاتارلىق ياشلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى»ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى