يېقىندا گوۋۇيۈەننىڭ قوشۇلۇشى بىلەن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى پەيتىدە، ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بارلار، يېتىم بالىلار قاتارلىق قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىشنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى خەلق ئىشلىرى، مالىيە تارماقلىرىدىن بۇ قېتىمقى بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، ئەستايىدىل تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى؛ تارقىتىش دائىرىسىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بېكىتىپ، تارقىتىش تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، مەخسۇس مەبلەغنى مەخسۇس ئىشقا ئىشلىتىپ، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن بۇرۇن بىر قېتىمدىلا بېرىلىدىغان تۇرمۇش ياردەم پۇلىنى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا تارقىتىپ بېرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە كۆيۈنۈشىنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى