10-ئايدىن باشلاپ، بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

日期:2024年09月29日
来源:天山网
【字体:

بېيجىڭ گېزىتى ئابونىچىلار تېرمىنالى

10-ئايدىن باشلاپ

بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر تۇرمۇشىمىزغا تەسىر كۆرسىتىدۇ

دۆلەتنىڭ ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىشى-ئېتىبار بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛

بېيجىڭ قاتارلىق شەھەرلەردە تاشقى پېرېۋوت تاۋارلىرى بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان 13 دۇكان شەھەر ئىچىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكانغا ئۆزگەرتىلىدۇ؛

ئاكسىيە سودا تەرتىپى ۋە بازار ئادىللىقى قوغدىلىدۇ...

10-ئايدا يولغا قويۇلىدىغان بۇ يېڭى بەلگىلىمىلەر بىزگە مۇناسىۋەتلىك

بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى—

يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەنھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش نىزامى يولغا قويۇلىدۇ

گوۋۇيۈەن، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت يېقىندا يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىش-ئېتىبار بېرىش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، بۇ نىزام 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا دۆلەتنىڭ ھەربىيلەرگە نەپىقە بېرىشى-ئېتىبار بېرىشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ھەربىيلەرنىڭ ۋەتەننى قوغداش، ۋەتەننى گۈللەندۈرۈشكە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا ئىلھام بېرىپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

​تاشقى پېرېۋوت تاۋارلىرى بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان 13 دۇكان شەھەر ئىچىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكانغا ئۆزگەرتىلىدۇ

مالىيە مىنىستىرلىقى قاتارلىق بەش تارماق «شەھەر ئىچىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكانلار سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇ ئۇقتۇرۇش 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بېيجىڭ، شاڭخەي، خاربىن قاتارلىق شەھەرلەردىكى تاشقى پېرېۋوت تاۋارلىرى بويىچە باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان 13 دۇكان ئۈچ ئاي ئىچىدە شەھەر ئىچىدىكى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكانغا ئۆزگەرتىلىدۇ. گۇاڭجوۋ، چېڭدۇ قاتارلىق سەككىز شەھەرنىڭ ھەر بىرىدە بىردىن شەھەر ئىچى باج كەچۈرۈم قىلىنىدىغان دۇكان تەسىس قىلىنىدۇ.

بەلگىلەنگەن مىقداردا ئوراپ قاچىلانغان تاۋارلاردا «كەم قاچىلىنىش» ئەھۋالى بارمۇ-يوق؟ يېڭى بەلگىلىمە بويىچە مۇنداق تەكشۈرۈلىدۇ

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى يېڭى نۇسخىدىكى «بەلگىلەنگەن مىقداردا ئوراپ قاچىلانغان تاۋارلارنىڭ ساپ مىقدارىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش قائىدىسى» 10-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەلگىلەنگەن مىقداردا ئوراپ قاچىلانغان تاۋارلار قولايلىق، پاكىز بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن تەدرىجىي ھالدا بازاردىكى پارچە قاچىلىنىدىغان تاۋارلارنىڭ ئورنىنى ئالدى. مەسىلەن:بىر بوتۇلكا 330mLلىق گازلىق سۇ، بىر بولاق 600gلىق پېچىنە، بىر تۇڭ 5Lلىق يېمەكلىك يېغى قاتارلىقلار. ئۇنداقتا، بىز بۇ بەلگىلەنگەن مىقداردا ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ سۈپىتى ياكى ھەجمىنىڭ ئەمەلىي قىممەتكە ماس كېلىدىغان-كەلمەيدىغانلىقىنى، «كەم قاچىلىنىش» ئەھۋالىنىڭ بار-يوقلۇقىنى قانداق بىلىمىز؟ بۇنىڭ ئۈچۈن بەلگىلەنگەن مىقداردا ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ساپ مىقدارىنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ھۆكۈم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

شۇڭا بەلگىلەنگەن مىقداردا ئوراپ قاچىلانغان يېمەكلىكلەرنىڭ ساپ مىقدارىنى تەكشۈرۈش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، بازار ئىگىلىكى تەرتىپىنى ئۈنۈملۈك قوغداپلا قالماستىن، يەنە ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنىمۇ قوغدىغىلى بولىدۇ.

ئادىل، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش گەۋدىلەندۈرۈلىدۇ!

ئاكسىيە بازىرىدا بۇ بەلگىلىمە يولغا قويۇلىدۇ

تەرتىپلەشتۈرۈلگەن سودىنى قېلىپلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش،ئاكسىيە سودا تەرتىپى ۋە بازار ئادىللىقىنى قوغداش ئۈچۈن، ئاكسىيە نازارەتچىلىك-باشقۇرۇش كومىتېتى «ئاكسىيە بازىرىنىڭ پىروگراممىلاشقان سودىسىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)»نى تۈزۈپ ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

«باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»دە «پايدىلىق تەرەپنى تۇتۇپ، زىيانلىق تەرەپتىن ساقلىنىش، ئادىللىقنى گەۋدىلەندۈرۈش، ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قېلىپلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش» ئومۇمىي پىكىر يولىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاكسىيە بازىرىنىڭ پىروگراممىلاشقانسودىسى (بازار ئادەتتە مىقدارلاشتۇرۇلغان سودا دەپ ئاتىلىدۇ)غا قارىتاھەر تەرەپلىمە، سىستېمىلىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان بولۇپ، بازار سودا ھەرىكىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر ھېسابلىنىدۇ.

ئىككى تۈرلۈك مەركىزىي ئاشخانا دۆلەت ئۆلچىمى تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلىدۇ

«مەركىزىي ئاشخانا قۇرۇلۇشى تەلىپى» ۋە «مەركىزىي ئاشخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى تۈرلۈك دۆلەت ئۆلچىمى 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«مەركىزىي ئاشخانا قۇرۇلۇشى تەلىپى»دە مەركىزىي ئاشخانا ئورنىنى تاللاش ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇش، پىششىقلاش رايونى مەيدان-سورۇنى تەسىس قىلىش، ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى، ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەردىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىكى تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەركىزىي ئاشخانىنى مۇۋاپىق قۇرۇش، ئىلمىي مەبلەغ سېلىشقا يېتەكلىنىدۇ.

«مەركىزىي ئاشخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش» ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلەرنى باشقۇرۇش، تىجارەت قىلىش، پىششىقلاش جەريانى، بىخەتەرلىك ۋە سۈرۈشتۈرۈش، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە قايتۇرۇپ كېلىش، خادىملارنى باشقۇرۇش، ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەش ۋە ئارخىپ باشقۇرۇش، شۇنداقلا نازارەت قىلىش، باھالاش ۋە ياخشىلاش قاتارلىق جەھەتلەردىن مەركىزىي ئاشخانا تىجارىتىنى باشقۇرۇشنى يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەيدۇھەم خام-قوشۇمچە ماتېرىيال سېتىۋېلىش ۋە تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش، تىجارەت قىلىش، پىششىقلاش، تەكشۈرۈش ۋە ئەۋرىشكە قالدۇرۇش، ئامباردا ساقلاش، تەقسىملەپ يەتكۈزۈش، تاپشۇرۇش قاتارلىق ھالقىلارغا قارىتا كونكرېت، ئىنچىكە تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يېڭى دۆلەت ئۆلچىمى مېيىپلەرگە پايدىلىق

مەملىكەتلىك ئاخبارات نەشرىياتچىلىقنى ئۆلچەملەشتۈرۈش تېخنىكا كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو ئۈن-سىن ۋە رەقەملىك نەشرىيات جەمئىيىتى باش بولغان، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق كەسپىي كومىتېتى تەشكىللىگەن، گۇاڭدۇڭ دايىن ئۈن-سىن نەشرىياتى، جۇڭگو ئەمالار يېزىقى نەشرىياتى قاتارلىق 28 ئاپپارات قاتناشقان «ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق»نىڭ دۆلەت ئۆلچىمى رەسمىي ئېلان قىلىندى، 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ.

بۇ، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇق ساھەسىدىكى تۇنجى دۆلەت ئۆلچىمى. بۇ دۆلەت ئۆلچىمىنىڭ ئېلان قىلىنىشىئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلارنى ئىشلەش ۋە تارقىتىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كەسىپ ئۆلچىمىنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئاۋازلىق ئوقۇشلۇقلارنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

بېيجىڭ گېزىتى ئابونىچىلار تېرمىنالى