ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك

日期:2024年08月01日
来源:天山网
【字体:

شى جىنپىڭ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى

ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ياخشى باشلامچى بولۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك

سەي چى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى تېلېگراممىسىجۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشى، ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش − پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ دەسلەپكى بىر كىلومېتىر» بولۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتا ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش تېمىسى، مۇھىم پىرىنسىپلىرى، مۇھىم تەدبىرلىرى، تۈپ كاپالىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە ئىگىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئالدىدا مېڭىش، ئۈلگە كۆرسىتىش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ياخشى خۇلاسىلەپ، ياخشى قوللىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن نەزەرىيە ئارقىلىق قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، باشلامچىلىق بىلەن ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى پۇختىلاپ، باشلامچىلىق بىلەن ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئورگانلارنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە ياخشى مېڭىپ، ياخشى «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»، نەمۇنىلىك ئورگان بەرپا قىلىش كېرەك. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتى مەسئۇلىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى تولۇق ئادا قىلىپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى مەسئۇلىيەتچانلىق، يېڭى نەتىجىنى نامايان قىلىشى كېرەك.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئورگانلار پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش سۆھبەت يىغىنى 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتنىشىپ، شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى ھەم سۆز قىلدى.

سەي چى مۇنداق كۆرسەتتى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ياخشى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، 3 ـ ئومۇمىي يىغىن «قارارى»نىڭ مول ئىچكى خاس مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈشى كېرەك. بۇرچ، ۋەزىپىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىياسىي يۆنىلىشنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئىلمىي ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، 3 ـ ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك.

سەي چى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەرقايسى تارماقلارنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئۇسۇل ۋە نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار سىياسىي سادىقلىقنى كۈچەيتىپ، سىياسىي ئىقتىدارنى ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ياخشى مېڭىشى كېرەك. مەسئۇلىيەت ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل ـ پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىشلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىشى كېرەك؛ كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىش بىلەن سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، فۇنكسىيەنى كۈچەيتىشنى تەڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى پۇختىلىشى كېرەك؛ سىجىل تۈردە ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تۈزۈم ـ مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دائىملىق تەربىيە بىلەن مەركەزلىك تەربىيە بىرلەشتۈرۈلگەن ئىنتىزام تەربىيەسى مېخانىزمى ئورنىتىشى كېرەك؛ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تۈزۈم قاتتىق چەكلىمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.

مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى ئورگىنى، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئالاقە بۆلۈمى، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، پەن ـ تېخنىكا مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭىدىكى مەسئۇل يولداشلار پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

جياڭ شىنجى يىغىنغا قاتناشتى.

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار پارتىيە گۇرۇپپىسى (پارتىيە كومىتېتى) شۇجىلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ھەرقايسى تارماق، ئورگان پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى، دائىمىي مۇئاۋىن شۇجىلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمەت كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.