شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ،7-ئاينىڭ 31-كۈنى تېلېگراممىسى(مۇخبىردەي شياۋخې)دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئالدىنقى يېرىم يىللىق توك قاچىلاش ئۇل ئەسلىھەلىرىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە توكلىغۇچ ئومۇمىي مىقدارى 10 مىليون 244 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %54 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئاممىۋى توكلىغۇچ 3 مىليون 122 مىڭ، شەخسىي توكلىغۇچ 7 مىليون 122 مىڭ.
يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ ئۇزۇن يوللۇق سەپەرگە چىقىش ئېھتىياجىنى ئۈنۈملۈك قاندۇرىدىغان شەھەرلەر ئارا توك قاچىلاش تورىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت ئېنېرگىيە ئىدارىسى توك قاچىلاش ئەسلىھەلىرى نۇقتىسى ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى سىجىل زىچلاشتۇردى، ھازىرغىچە يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول مۇلازىمەت رايونى (ئاپتوموبىل توختىتىش رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا جەمئىي 27 مىڭ 200 توكلىغۇچ قۇرۇلۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى بارلىق ئۆلكىلەرنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى.