شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېي شىشيۇڭ
«ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىغاندىن كېيىن، مۇۋاپىق بىر يول تېپىپ، دۆلەت ئۈچۈن داۋاملىق تۆھپە قوشۇشى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش».
2024 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 14 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2 ـ يىغىنىدا جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا ئاساسىي قاتلام ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرغانلىقى ئارمىيەدىن چېكىنگەن كەڭ ھەربىيلەرنىڭ كۈچلۈك ئورتاق ساداسىنى قوزغىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىپ، مىڭلىغان ـ ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرگە كىرىپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىنى ئىللىتتى.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش ـ كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ قۇرۇشنى ئۆزى بىۋاسىتە پىلانلاپ، ئۆزى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئۆزى بىۋاسىتە تەدبىر بەلگىلەپ يولغا قويۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى ساھەسىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئۆزى بىۋاسىتە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەر چوڭ قەدەم بىلەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويدى.
رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى
2015 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئىسلاھات خىزمىتى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: «دۆلەت قاتلىمىدا ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش ـ كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىگە بولغان تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت كاپالىتى سىستېمىسى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەت ـ تۈزۈملەرنى تاكامۇللاشتۇرۇش كېرەك».
2017 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك جاكارلىدى −
«ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش ـ كاپالەتلەندۈرۈش ئاپپاراتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، ھەربىيلەر، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش كېرەك».
مەردانە، جاراڭلىق سۆزلەر كىشى قەلبىنى روھلاندۇرىدۇ!
2018 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى تەرەققىيات تېز يولىغا كىردى.
ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنى تەشكىللەپ قۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتىنى كۆزلەپ چىقارغان مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرى بولۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش، ئۇلارغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئەقىل ـ پاراسىتىنى تەقدىم قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ كۆتۈرەڭگۈ جەڭگىۋارلىق روھىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشقا جەلپ قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسى، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەشتە مۇھىم، چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە.
بۇ ئىللىق دەقىقە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتىنى نامايان قىلدى −
2019 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنى ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە جاسارەت بىلەن يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا ئىلھاملاندۇردى.
94 ياشلىق پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنى كۆرگەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېڭىشىپ، ئىككى قولى بىلەن بوۋاينىڭ قولىنى چىڭ تۇتۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى ھەم ئۇنىڭدىن سەمىمىي ھال سورىدى.
بۇ چوڭقۇر ھېسسىياتقا تولغان جاۋاب خەت باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە بولغان چەكسىز رىشتىنى يەتكۈزدى −
2020 ـ يىلى، جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمىنىڭ ئامېرىكا جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇپ چاۋشيەنگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن دۆلەتتىن چىقىپ ئۇرۇش قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىچۇەن ئۆلكىسى ئىنقىلابىي مېيىپ ھەربىيلەر ساناتورىيەسىدىكى بارلىق يولداشلارغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.
2021 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 18 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شاڭخەي شەھىرى يېڭى 4 ـ ئارمىيە تارىخى تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى 100 ياشلىق پېشقەدەم جەڭچىلەرگە جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە گۈزەل تىلەكلەرنى تىلىدى.
...
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، ھەربىيلىكنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان كەسىپكە ئايلاندۇرۇش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى پۈتۈن جەمئىيەت ھۆرمەتلەيدىغان ئادەمگە ئايلاندۇرۇش چۆرىدىلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىلىپ، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىندى.
− تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتى. قۇرۇلۇپ بىر يىل ئىچىدە، 3200دىن ئارتۇق ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى مەمۇرىي ئاپپاراتىنىڭ ھەممىسى تەشكىللەپ قۇرۇلدى. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە 600 مىڭدىن ئارتۇق ئالتە دەرىجىلىك مۇلازىمەت مەركىزى (پونكىتى) قۇرۇلۇپ، مىليونغا يېقىن مەخسۇس ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خىزمەتچى خادىم سەپلىنىپ، ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتى داۋامىدا كېڭەيتىلىپ ۋە ئۇزارتىلىپ، بىر تۈركۈم «قىزىل ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مۇلازىمەت پونكىتى» كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىلدى. 4000غا يېقىن كەسپىي ئورۇن ۋە 1000دىن ئارتۇق جەمئىيەت تەشكىلاتى ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ، ئۆتكۈزۈۋېلىنىپ، قۇرۇلۇپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى مەمۇرىي ئاپپارات، مۇلازىمەت سىستېمىسى، جەمئىيەت كۈچلىرىدىن ئىبارەت «ئۈچ ئاتلىق ھارۋا» ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەيدىغان خىزمەت ئەندىزىسى شەكىللەندۈرۈلدى.
− خىزمەت يۈرۈشۈش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتى. رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىغا ئەزا ئورۇنلارنىڭ مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، ئارمىيەدىكى خادىملارنى تۇرۇشقا ئەۋەتىش، تارماقلار مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش قاتارلىق يۈرۈشۈش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، ئىدىيەۋى ـ سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەش، ئۆتكۈزۈپ بېرىش ـ ئورۇنلاشتۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىككىنى ھىمايە قىلىش بويىچە ئورتاق بەرپا قىلىش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى تەقدىرلەش، زىددىيەتلەرنى تۈگىتىش قاتارلىق نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىك ھەمكارلىشىدىغان، تارماقلار ماسلىشىدىغان، يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولىدىغان، بىرلىشىپ كۈچ چىقىرىدىغان خىزمەت يۈرۈشۈش مېخانىزمى يۇقىرى ئۈنۈملۈك يۈرۈشتۈرۈلدى. ئۇنىۋېرسال نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش خىزمەت ھېسابات دەپتىرى تۇرغۇزۇلۇپ، نەق مەيداندا نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈش تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىندى، تۈرتكە بولۇندى.
− سىياسەت ـ تۈزۈم سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. 2021 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كاپالەتلەندۈرۈش قانۇنى» رەسمىي يولغا قويۇلدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر توغرىسىدىكى تۇنجى مەخسۇس قانۇنى بولۇپ، كېيىن يۈز نەچچە تۈرلۈك يۈرۈشلۈك سىياسەت چىقىرىلىپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك قانۇنىي ئاساس بىلەن تەمىنلىدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتتىن كەلگەن غەمخورلۇق، ئىللىقلىق، جەمئىيەتتىن كەلگەن ھۆرمەت ۋە كۆيۈنۈش پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچكە ئايلىنىپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ھەربىيلەر پەزىلىتىنى يېڭى دەۋردە جۇلالاندۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىن كەلكۈنگە تاقابىل تۇرۇپ خەتەردىن قۇتقۇزۇشنىڭ بىرىنچى سېپىگىچە، چۇڭچىڭدىكى تاغ ئوت ئاپىتىدىن قۇتقۇزۇشتىن جىشىشەن تېغىدا يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇپ ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقىچە، چېڭدۇ دۇنيا داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىن خاڭجوۋ ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگىچە... كەڭ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر باشتىن ـ ئاخىر جىددىي، قىيىن، خەتەرلىك، ئېغىر ۋەزىپىلەرنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئاتاكىغا ئۆتتى؛ «پايتەختتىكى پېشقەدەم ئەسكەر» «چاڭجياڭ قوغدىغۇچىسى» «گۇاڭجوۋ شەھىرىدىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر» «گۇتيەندىكى ھەربىي كاناي»... ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي پىدائىيلار مۇلازىمەت ماركىلىرى مۇقەددەس جۇڭگو زېمىنىدا چاقناپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن 3 مىليون 500 مىڭ ھەربىي پىدائىي پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.
«ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئاتلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر» بېسىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، 348 مىڭدىن ئارتۇق مۇنەۋۋەر ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي ئاساسىي قاتلامدىكى «ئىككى كومىتېت»قا قاتنىشىپ، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنىڭ بىرىنچى سېپىگە ئاتلاندى، قىسمەن رايونلاردا «ئەسكەر ياچېيكا شۇجىسى» نىسبىتى %30كە يېقىنلاشتى...
ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى كەسىپلەر، ھەرقايسى سەپلەردە پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ چاقناپ تۇرغان سىيماسى جانلىق نامايان بولۇپ، پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ مەڭگۈلۈك ساداقىتىنى پۈتمەكتە. پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئارمىيەدىن چېكىنسىمۇ خىسلىتىنى يوقاتماي، يېڭى جەڭ مەيدانىدا كۈرەش قىلىپ جان تىكىپ ئېلىشىپ يېڭى شان ـ شەرەپ قۇچماقتا.
قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان رىشتە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ دەرىجىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى
ھەربىي گازارما بىلەن خوشلىشىپ، تاغ ـ دېڭىزلارغا ئاتلاندى. يەرلىككە قايتقاندىن كېيىن، ئەسكەر قەلبى يەنىلا ئۆزگەرمىدى.
ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ قىممەتلىك بايلىقى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى مۇھىم كۈچ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ كىشىلىك تۇرمۇش يېڭى باسقۇچىنى باشتىن ـ ئاخىر باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى.
2023 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 8 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىچكى موڭغۇلدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى نۇقتىلىق ياخشى تۇتۇش كېرەك.
2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ نىڭشيادا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر، دېھقان ئىشلەمچىلەر، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش كېرەك.
...
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن ـ ئاخىر ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەر قېتىم ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتقا كىرگۈزۈلدى.
يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ قوللىشىدا، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يېڭى «جەڭ ئورنى»غا بېرىپ، داۋاملىق نۇر چېچىپ ھارارىتىنى تارقاتماقتا.
− كەسىپ ئالماشتۇرغان ئوفىتسېرلارنى بىۋاسىتە ئورۇنلاشتۇرۇش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئاشكارا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئىش ئورنى بايلىقى چوڭقۇر قېزىلىپ، ئورگان، ئاممىۋى تەشكىلات، كەسپىي ئورۇنلار ۋە دۆلەت كارخانىلىرى ئورۇنلاشتۇرىدىغان، خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدىغان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەر نىسبىتى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئۆلكە، شەھەر ئىككى دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاپ تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىپە مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، ئورۇنلاشتۇرۇش سۈپىتى ئۆستۈرۈلدى.
− كۆپ خىل تەدبىر تەڭ قوللىنىلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىلگىرى سۈرۈلدى. ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئۈچ قېتىم باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتى تەڭشىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىينى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى ۋە رىغبەتلەندۈرۈلدى. ساھەلەر ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەندىزىسى ئۈنۈملۈك كېڭەيتىلىپ، ئوت ئۆچۈرگۈچىلەر، ئارمىيە مەمۇرىي خادىملىرىنى مەخسۇس قوبۇل قىلىش يولغا قويۇلۈپ، «بۇژغۇن پىلانى» بويىچە ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي دېڭىزچىلارنى نىشانلىق تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش دەرسلىكى تۈزۈشنى تەشكىللەپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئادەم كۈچى، ئىختىساسلىقلار بايلىقى ئېچىلدى. 20 مىڭغا يېقىن كارخانا بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر جەمئىي 1 مىليون 300 مىڭغا يېقىن ئەلا سۈپەتلىك ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەندى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 60 مىڭ مەيداندىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر مەخسۇس مەيدان تەكلىپ قىلىش يىغىنى ياكى بىرلەشمە تەكلىپ قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، جەمئىي 2 مىليون 700 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلىندى.
− دىققەت ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشقا مۇلازىمەت قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى. ئىككى نۆۋەت مەملىكەتلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق ئىگىلىك تىكلەش تۈرى، 40 مىڭدىن ئارتۇق ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي قاتناشتى. ھەرقايسى جايلارنىڭ ھازىرقى بايلىقتىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىدىن 1988نى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىندى. 13 مىڭغا يېقىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش يېتەكچىسى قوشۇنى تەشكىللەپ قۇرۇلدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر قۇرغان تىجارەت سۇبيېكتى 5 مىليون 868 مىڭغا يەتتى. توردا قەرەللىك ھالدا «ھەربىيلەر ئىگىلىك تىكلەش قەھرىمانلار يىغىلىشى» بويىچە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، 100 مىليونغا يېقىن ئادەم قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۆيىگە كىرىپ، تەسىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى.
− ئۆز ئالدىغا ئىشقا ئورۇنلاشقان ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنى تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش ئالغا سىلجىتىلدى. مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ ئوتتۇرا ـ باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچى بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى يىغىنى تەشكىللەپ ئېچىلىپ، «ئەسكەر ئوقۇتقۇچى»لارنىڭ مەكتەپلەرگە بېرىپ داۋلى تارقىتىشى، ئىلىم ئۆگىتىشىگە كۈچ قوشۇلدى. تەربىيەلەش ـ يېتىشتۈرۈش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، 2023 ـ يىلىلا 200 مىڭغا يېقىن ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىينىڭ ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتنىشىشىغا ياردەم بېرىلدى، 275 مىڭ ئادەم قېتىم ئۇيغۇنلىشىشچانلىق بويىچە تەربىيەلىنىشكە تەشكىللەندى، 148 مىڭ ئادەم قېتىم ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش قانات يايدۇرۇلدى. دىققەت ئارمىيەدىن چېكىنگەن ئەسكەرلەرنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، مەخسۇس كۈچ تەشكىللىنىپ، «دۆلەت مۇداپىئە تەربىيەسى يېتەكچىسى» دۆلەت كەسپىي ئۆلچىمى تۈزۈلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ھەربىيلەر ئەڭ سۆيۈملۈك كىشىلەر، ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەش ئەڭ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى باشقۇرۇش، كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى جەزمەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. كاپالەتلەندۈرۈشكە تېگىشلىكلىرىنى ياخشى كاپالەتلەندۈرۈش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تېگىشلىك سىياسەتلەرنى جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرۈش، قەھرىمانلارنى قان ھەم ياش تۆككۈزمەسلىكىمىز كېرەك.» پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى باشتىن ـ ئاخىر ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تەمىناتىغا تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ تولۇق كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، شەرەپ تۇيغۇسىنى تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى.
− مەركەز مالىيەسى پائال ماسلاشتۇرۇلۇپ، ئارمىيەدىن دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار، ئۆز ئالدىغا كەسىپ تاللىغان ھەربىيلىكتىن كەسىپ ئالماشتۇرغان كادىرلار قاتارلىق مۇلازىمەت ئوبيېكتلىرىنىڭ تەمىنات سەۋىيەسى ۋاقتىدا ئۆستۈرۈلدى. ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىققان تۆھپىكارلار شەرەپ بىلەن دەم ئېلىپ داۋالىنىشقا تەشكىللىنىپ، ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىققانلار ياشانغانلار داشۆسى قۇرۇلۇشى ۋە ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىققانلار كونا ئولتۇراق رايوننى ئۆزگەرتىش ئالغا سىلجىتىلىپ، «ئەسكەر قەلبى» ناملىق دىراما ئىجاد قىلىنىپ قويۇلۇپ، ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىققانلار مۇلازىمىتى APPسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى سىجىل كېڭەيتىلدى. پېنسىيەگە چىققان، خىزمەتتىن چېكىنگەن ھەربىيلىك سالاھىيىتى بولمىغان ئىشچى ـ خىزمەتچىلەر ۋە ئارمىيەدىن پېنسىيەگە چىققان مەمۇرىي خادىملارغا دائىر سىياسەت ـ تۈزۈم تەتقىقاتى قانات يايدۇرۇلدى.
− «پېشقەدەم ئەسكەرلەر مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىش» تېمىسىدىكى يۈرۈشلۈك تەربىيە ـ ئەمەلىيەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇلدى؛ «1 ـ ئاۋغۇست ئوردېنى»غا، ئۆلكە، مىنىستىر دەرىجىلىك تەقدىرلەشكە ئېرىشكەنلەر ۋە مەملىكەت بويىچە «ئەڭ گۈزەل ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي»لەر ۋەكىللىرى قىسقا مۇددەتلىك دەم ئېلىپ داۋالىنىشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەندى؛ قىيىنچىلىقى بار ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرگە يار ـ يۆلەك بولۇش، ياردەم بېرىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، يار ـ يۆلەك بولۇش مەبلىغىنىڭ كېلىش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ تۇغما يۈرەك كېسىلى بار پەرزەنتلىرىنى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشىغا ياردەم بېرىش، يورۇقلۇقنى قوغداش قاتارلىق «پېشقەدەم ئەسكەرلەرگە ئىللىقلىق يەتكۈزۈش» يۈرۈشلۈك ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلدى.
چوڭقۇر ھۆرمەت پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ھۆرمەتلەش كەيپىياتىنى قوزغىدى
جەڭ بۈركۈتى گۈركىرەپ، بۇلۇتنى يېرىپ چىقتى؛ ئارمىيە، خەلق سۈكۈتتە تۇردى، قەھرىمانلار ئۆيىگە قايتىپ كەلدى.
2023 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، كورېيەدىكى جۇڭگو خەلق پىدائىي قىسمى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنىڭ جەسەت قالدۇقىنى قوغداپ توشۇغان يۈن ـ 20 بەلگىلىك مەخسۇس ئايروپىلان شېنياڭ تاۋشيەن خەلقئارا ئايروپورتىغا قونۇپ، ئاستا ـ ئاستا سۇ دەرۋازىدىن ئۆتتى، جيەن ـ 20 بەلگىلىك كۈرەشچى ئايروپىلان پەس ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلار روھىنىڭ ۋەتەنگە قايتىپ كېلىشىنى مۇھاپىزەت قىلدى. 2014 ـ يىلىدىن بۇيان، ۋەتىنىمىز ئەڭ ئالىي قائىدە ـ يوسۇن بىلەن ئون تۈركۈمدە 938 نەپەر ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ «ئۆيىگە قايتىشى»نى كۈتۈۋالدى.
بۇ، يېڭى دەۋردە پارتىيە ۋە دۆلەت «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئۇلۇغلاش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەسلەش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلاردىن ئۆگىنىش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى قەتئىي قوغداش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە غەمخورلۇق قىلىش»تەك تەسىرلىك كۆرۈنۈش.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، كۆپ قېتىم مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىنقىلابىي مۇقەددەس جاي، قىزىل كونا جاي، ئىنقىلابىي تارىخىي خاتىرە سورۇنلىرىغا ھۆرمەت بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، قەھرىمانلارنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىپ، ئىنقىلاب تارىخىنى قايتا ئەسلىدى.
قەھرىمانلار مىللەتنىڭ ئەڭ يارقىن كوردىناتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭخۇا مىللىتى قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلايدىغان، قەھرىمانلارنى يارىتىدىغان، قەھرىمانلار كۆپلەپ مەيدانغا كېلىدىغان مىللەت، تىنچ يىللارمۇ ئوخشاشلا قەھرىمانلىق ھېسسىياتىغا ئېھتىياجلىق. بارلىقىنى پارتىيە ئۈچۈن، دۆلەت ئۈچۈن، خەلق ئۈچۈن بېغىشلىغان ۋە قۇربان بولغان قەھرىمان نەمۇنىچى شەخسلەرگە قارىتا، بىز ھەممىمىز ئۇلارنىڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىن جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان كۈچ قوبۇل قىلىپ، بىرلىكتە جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىشىمىز، جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىشىمىز، بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك».
«ئۈمىدكە تولغان بىر مىللەتتە قەھرىمانلار بولمىسا بولمايدۇ، ئىستىقباللىق بىر دۆلەتتە ئاۋانگارتلار بولمىسا بولمايدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قەھرىمانلارغا بولغان مەدھىيەسى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ۋە تەسىر قىلماقتا. پۈتۈن جەمئىيەتتە قەھرىمانلارنى ئۇلۇغلاش ئورتاق تونۇشى ئۈزلۈكسىز مۇجەسسەملەندى، ھەربىيلىك كەسپىگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنى ھۆرمەتلەيدىغان كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلىشىپ، قىزىل گېنغا، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش ئەنئەنىسىگە ئۈزلۈكسىز ۋارىسلىق قىلىندى.
− قىزىل بايلىقنى ياخشى بەرپا قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش. ھەر دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، قىزىل بايلىقنى زور كۈچ بىلەن بىرىكتۈردى، قىزىل مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلدى، قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلدى. مەملىكەت بويىچە جەمئىي 150مىڭدىن ئارتۇق جايدا ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەسى بار بولۇپ، مەخسۇس قوغداش باشقۇرۇش ئاپپاراتىدىن 1600نەچچىسى قۇرۇلدى. تارقاق ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش كۈچى كۈچەيتىلىپ، تارقاق ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىسىدىن 250 مىڭدىن كۆپرەكى مەركەزلىك رېمونت قىلىندى. 2023 ـ يىلى ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى قوغداش بەلگىسى ھەم بەلگە تاختىسى ئىشلىتىلىشكە باشلىدى، «جۇڭگو ئىنقىلابىي قۇربانلارنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى»نى تۈزۈش باشلاندى، لائوس، زامبىيە قاتارلىق كۆپلىگەن دۆلەتلەردىكى جۇڭگو ئىنقىلابىي قۇربانلىرىنى خاتىرىلەش ئەسلىھەلىرىنى رېمونت قىلىش، قوغداش خىزمىتى تاماملاندى. «چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» «قىزىل سېنتەبىر» باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتى ئۇدا قانات يايدۇرۇلۇپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار روھىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولۇندى. 2022 ـ يىلى، دۆلەت ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسىتىنى ئىزدەش ئەترىتى ھەم دۆلەت ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ جەسىتىنى DNA بويىچە باھالاش تەجرىبىخانىسى قۇرۇلۇپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىدا پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقى زورايتىلدى. ھازىرغا قەدەر، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كورېيەدىكى پىدائىي قىسىم ئىنقىلابىي قۇربانلىرىدىن 20 نەپىرىنىڭ سالاھىيىتى بېكىتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىنقىلابىي قۇرباننى «ۋەتەنگە قايتىش»تىن «ئائىلىگە قايتىش»، «نامسىز»بولۇشتىن «ناملىق» بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
− تىپىك ئىش ئىزلارنى يېتىلدۈرۈش، تەشۋىق قىلىش. «ئەڭ گۈزەل ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىي» «ئەڭ گۈزەل ئارمىيەنى ھىمايە قىلىدىغان شەخس»لەرنىڭ ئىش ئىزلىرى ياخشى سۆزلىنىپ، تەقدىرلەش ـ مۇكاپاتلاش خىزمىتى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن مۇنەۋۋەر ھەربىيلەر «دەۋر نەمۇنىچىسى» «دۆلەت ئىنژېنېرلار مۇكاپاتى» «جۇڭگودىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار ساھەسىدىكى شەخس» «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەم» قاتارلىق شەرەپلەرگە ئېرىشىشكە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەۋسىيە قىلىنىپ، جان تىكىپ كۈرەش قىلىدىغان، ئەخلاقنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان ئۈلگىلەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمى سىجىل ئاشۇرۇلدى. «ئىدىيەنى ئۆگىنىش، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى مەدھىيەلەش» بويىچە مەملىكەتلىك قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى چۈشەندۈرگۈچىلەر مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، پارتىيە ھېكايىسى، ئىنقىلاب ھېكايىسى، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ھېكايىسى ياخشى سۆزلىنىپ، 7000دىن ئارتۇق ئىنقىلابىي قۇرباننىڭ ئىش ئىزلىرىنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ كۆرگەزمىخانىسىدا كۆرگەزمە قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى.
− ھۆرمەتلەش كەيپىياتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىش. يېڭى ئەسكەرلەر ھەربىي سەپكە كىرسە خۇشال ئۇزىتىپ قويۇش، شەرەپ تاختىسى ئېسىش، خىزمەت كۆرسىتىپ مۇكاپاتلانسا خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش، ئارمىيەدىن چېكىنىپ يۇرتىغا قايتسا قارشى ئېلىش، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر تىزىملىكى ۋە ئىش ئىزلىرىنى يەرلىك تەزكىرىگە كىرگۈزۈش قاتارلىق مېخانىزملار كۈنسېرى پىشىپ يېتىلدى. قىسمەن نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرى قاتارلىق خادىملارغا بېرىلىدىغان نەپىقە ۋە تۇرمۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى يىلمۇيىل ئۆستۈرۈلدى، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر، باشقا نەپىقە بېرىش ئوبيېكتلىرىغا ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، تارقىتىش باسقۇچلۇق نىشانى ئوڭۇشلۇق تاماملىنىپ، دائىملىشىشقا يۈزلەندى. ئېتىبار بېرىش كىنىشكىسىنى ئىشلىتىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىلدى، مەملىكەت بويىچە 1600دىن ئارتۇق A دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مەنزىرە رايونى ئېتىبار كىنىشكىسى بارلارنىڭ ئىشىك بېلىتى ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى، نەچچە ئون مىڭ كارخانا قىزغىنلىق بىلەن مال سېتىۋېلىش، يېمەك ـ ئىچمەك، ياتاق قاتارلىق جەھەتلەردە ئالدىن ئېتىبار بېرىش بىلەن تەمىنلەپ، كىنىشكىسى بارلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، ھۆرمەت تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
− كەڭ كۆلەمدە ئىككىنى ھىمايە قىلىش دولقۇنى قوزغاش. ھەر دەرىجىلىك ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى تارماقلىرى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنى پۇختا، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. يېڭى بىر نۆۋەتلىك مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى نەمۇنىلىك شەھەر(ناھىيە) بەرپا قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلاردا يېڭى دەۋردىكى ئىككىنى ھىمايە قىلىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، «خەلقنى سۆيىمىز، ئارمىيەنى سۆيىمىز» دېگەن قويۇق جەمئىيەت كەيپىياتى ياراتتى. مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىشتىكى 116 ئۈلگىلىك شەھەر(ناھىيە)نى چېگرا ـ دېڭىز مۇداپىئەسى ئاساسىي قاتلام ليەندۈيلىرى بىلەن قوشماقلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىشقا تەشكىللەپ، «چېگرا ـ دېڭىز مۇداپىئەسى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىگە رىشتە باغلاش» بويىچە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئائىلە تەۋەلىرىگە ئېتىبار بېرىش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتتى، باھار بايرىمىلىق مەخسۇس ھال سوراش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، كەڭ ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنى خاتىرجەم ھالدا چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش، مۇداپىئە كۆرۈشكە رىغبەتلەندۈردى، قىسىمنىڭ ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشى ۋە جەڭ قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن مۇلازىمەت قىلدى. مەملىكەت بويىچە ئىككىنى ھىمايە قىلىش سىستېمىسىنىڭ جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش، جەڭگە كىرىش بويىچە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، «ئارمىيە بىلەن يەرلىك ئۆزئارا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىدىغان <قوش تىزىملىك> تۈزۈمى»نى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈردى. يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى ھىمايە قىلىش، ئالدىنقى سەپكە ياردەم بېرىش جەھەتتىكى ئىجادىي تەرەققىيات تەتقىقاتىنى قانات يايدۇردى. ھەربىي تەمىنات پونكىتى، شەرەپ ساناتورىيەسى، نەپىقە دوختۇرخانىسىنى ئىسلاھ قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، پەرزەنتلىرىنى مەكتەپتە ئوقۇتۇش مەسىلىسىنى پائال ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلدى.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر ئىشلىرى خىزمىتىدە كۈرەش قىلىش يەلكىنى ئېگىز چىقىرىلىپ، قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان بىر بۆلەك مۇساپە بېسىپ ئۆتۈلۈپ، ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا بىر قاتار پۇختا ئىزلار قالدۇرۇلدى.
كۈچلۈك شامالدا يەلكەن تولۇق چىقىرىلىپ يېڭى ئىرادە تىكلەندى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ دەل پەيتى كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەدىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدە مۇقەررەر ھالدا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى سەھىپىسى جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىلىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇلىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)