گۇڭئەن مىنىستىرلىقى 7- ئاينىڭ 8- كۈنى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2024- يىلى 6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىشلىتىلىۋاتقان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 440 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل 345 مىليونغا يەتكەن؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى شوپۇرى 532 مىليونغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە ئاپتوموبىل شوپۇرى 496 مىليونغا يەتكەن. 2024- يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا مەملىكەت بويىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى 16 مىليون 800 مىڭغا، يېڭىدىن پىراۋا ئالغان شوپۇر 13 مىليون 970 مىڭغا يەتكەن.
6- ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە ئىشلىتىلىۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 24 مىليون 720 مىڭغا يەتكەن. ئالدىنقى يېرىم يىلدا يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرۇلغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل 4 مىليون 397 مىڭغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %39.41 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
96 شەھەردە ئىشلىتىلىۋاتقان ئاپتوموبىل بىر مىليوندىن، 26 شەھەردە ئۈچ مىليوندىن ئاشقان. ئاپتوموبىل ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تىزىملاش سانى سىجىل ئاشقان، نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى جانلانغان، ئالدىنقى يېرىم يىلدا مەملىكەت بويىچە موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشنى تىزىملاش كەسپىدىن 17 مىليون 520 مىڭى بېجىرىلگەن. توردا ئاپتوموبىل ۋە شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى بېجىرىش كەسپى 53 مىليون 70 مىڭ قېتىمغا يەتكەن.
مۇخبىر: رېن چىنچىن، ۋاڭ چى
مۇھەررىر: ليۇ يۈەنيۈەن
لايىھەلىگۈچى: پەن يىجىڭ
شىنخۇا ئاگېنتلىقى دۆلەت ئىچى بۆلۈمى ئىشلىگەن