نۇرغۇن جاي مەنزىرە رايونىدا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بىلەن ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

日期:2024年07月08日
来源:天山网
【字体:

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ياز پەسلىدە ساياھەتنىڭ ئاۋات پەسىلگە كىرىشى بىلەن، تېخىمۇ كۆپ رايونلار «مەنزىرە رايونلىرىدا ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش» سېپىگە قوشۇلدى.

نۇرغۇن جاي ساياھەت مەنزىرە رايونىدا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بىلەن ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى

7- ئاينىڭ 3- كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسىدىكى نۇرغۇن جاي ۋە خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى، خۇبېي ئۆلكىسىنىڭ ۋۇخەن شەھىرى ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىدا ھەقىقىي ئىسىم تۈزۈمى بىلەن ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خۇەيئەن شەھەرلىك مەدەنىيەت، رادىيو- تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئالدىن كېلىشىش مۇلازىمىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ساياھەت بازىرىنىڭ تەمىنلەش ئۇچىنىڭ، بازار مۇھىتىنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئامىللارغا قارىتا، مۇلازىمەت تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇش، شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەرنىڭ ساياھەت قولايلىقلىقى ۋە ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك تەدبىر.

مۇتەخەسسىسلەر: ئالدىن كېلىشىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش «مەدەنىيەت- ساياھەت بازىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىگە پايدىلىق»

نۇرغۇن ساياھەتچى پېڭپەي خەۋەرلىرى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: گەرچە ئاز بولمىغان ئالاھىدە ئاۋات مەنزىرە رايونلىرىدا يەنىلا ئالدىن كېلىشىپ قويۇشقا توغرا كەلسىمۇ، لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ساياھەت تېخىمۇ قولايلاشتى.

«ئىلگىرى ساياھەت قىلغاندا پۈتۈن مۇساپىدە بارىدىغان ساياھەت نۇقتىلىرىنى ئالدىن كېلىشىپ قويۇش كېرەك ئىدى، ناۋادا يېرىم يولدا ئازراق ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا بەك ئاۋارىچىلىق بولاتتى، ئالدىن زاكاز قىلغان مۇساپىنى ئۆزگەرتكىلى بولمايتتى. ئۇنىڭدىن باشقا بەزى مەنزىرە نۇقتىلىرى ئەسلىدىلا پىلاندا ئەمەس، بارغۇسى كەلگەندە بارىمەن دېسە بارغىلى بولمايتتى.» ئادەتتە دائىم ساياھەت قىلىدىغان Alice پېڭپەي خەۋەرلىرى مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: «ھازىر كۆپ قولايلىق بولۇپ كەتتى، پەقەت بىر نەچچە ئالاھىدە ئاۋات نۇقتىلىق مەنزىرە رايونىنى ئالدىن كېلىشىپ قويساقلا بولىدىغان بولدى، ساياھەتنىڭ جانلىقلىقى تېخىمۇ ئاشتى».