مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالى
بېيجىڭ ۋاقتى 2024-يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى سائەت 6دىن 49 مىنۇت ئۆتكەندە، دۆلىتىمىز تەييۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىدە چاڭجېڭ 6-نومۇرلۇق ئۆزگەرتىلگەن توشۇغۇچى راكېتانى ئىشلىتىپ، تيەنخۇي 5-نومۇرلۇق 02-گۇرۇپپا سۈنئىي ھەمراھىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا بوشلۇققا قويۇپ بەردى، سۈنئىي ھەمراھ بەلگىلەنگەن ئوربىتىغا ئوڭۇشلۇق كىرىپ، قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى. بۇ سۈنئىي ھەمراھ ئاساسلىقى جۇغراپىيەلىك ئۇچۇرلارنى ئۆلچەش-سىزىش، دۆلەت زېمىن بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەجرىبە تەتقىقاتى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.
بۇ قېتىمقى ۋەزىپە چاڭجېڭ يۈرۈشلۈك توشۇغۇچى راكېتاسىنىڭ 527-قېتىملىق ئۇچۇشى ھېسابلىنىدۇ.
(باش ئىستانسا مۇخبىرلىرى ياڭ خۇڭياڭ، ساۋ يى، لى چېن، لۇ شىڭ، جېڭ بىن)