导航切换

تۇرپاندا ئۇدا يەتتە كۈن 40 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈپ، شۇ جاينىڭ 5-ئايدىكى ئۇدا 40 سېلسىيە گىرادۇسلۇق ھاۋارايى ئەڭ ئۇزاق كۆرۈلۈش رېكورتى يېڭىلىنىدۇ

日期:2024年05月15日
来源:天山网
【字体:

5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈن (5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 16-كۈنىگىچە)، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، شىمالدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ، جەنۇبتىكى كۆپ قىسىم جايلار ھۆل-يېغىن ئارا مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، نۇرغۇن جايداھاۋا ئوچۇق بولۇشتىن ئۈمىد بار، ئامما پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نەرسىلىرىنى ئاپتاپقا سالسا بولىدۇ. كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولغاچقا، شىمالدا تېمپېراتۇرىنىڭ رادىياتسىيەلىك ئۆرلىشى كۆرۈنەرلىك بولىدۇ، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە ئىللىق، ئىسسىق تېمپېراتۇرا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، خۇابېي تۈزلەڭلىكىدىكى قىسمەن جايلار بۇ يىلقى تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋېلىشى مۇمكىن، ئامما ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىش، ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاشقا دىققەت قىلىشى كېرەك.

دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا سىم-سىم يامغۇرياكى ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، شىمالدا ھاۋا ئوچۇق، قۇرغاق بولۇپ، سۇ تولۇقلاشقا توغرا كېلىدۇ

5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن باشلاپ ئۈچ كۈندە، دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھۆل-يېغىن بىرقەدەر ئاجىزلايدۇ، شىمالدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا ھاۋا ئوچۇق، ئىسسىق، قۇرغاق بولىدۇ، چۈشتىن كېيىنكى ئەڭ تۆۋەن نىسپىي نەملىك ئومۇميۈزلۈك %30كە يەتمەيدۇ، ئامما سۇ تولۇقلاش، ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جياڭنەن، خۇانەننىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىمۇ يامغۇر ئارا مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، نۇرغۇن جايدا ھاۋا ئوچۇق بولىدۇ.


جەنۇبتىكى جايلار يامغۇر ئارا مەزگىلىنى كۈتۈۋالىدۇ، نۇرغۇن جايداھاۋا ئېچىلىدۇ، جياڭنەن، خۇانەندىكى دوستلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ نەرسىلىرىنى ئاپتاپقا سالسا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىمالدىكىكۆپ قىسىم جايلارداھاۋا ئاساسەن ئوچۇق، ھاۋا قۇرغاق بولىدۇ، سىرتقا چىققاندا ئاپتاپتىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش بىلەن بىللە، ئائىلىدە ئوت، توك ئىشلىتىش بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك.

شىمالدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا داۋالغۇش ئىچىدە ئۆرلەيدۇ، 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە خۇابېينىڭ قىسمەن جايلىرىدا بۇ يىلقى تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

شىمالدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك بولۇپ، تېمپېراتۇرا رادىياتسىيەلىك ئۆرلەيدۇ، 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ۋە 15-كۈنى گەرچە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى «يوقلاپ» كەلسىمۇ، لېكىن بۇ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىر مەھەللىك بولىدۇ.5-ئاينىڭ 16-كۈنىدىنباشلاپ، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ تەسىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شىمالدىكى كۆپ قىسىم جايلاردا تېمپېراتۇرا شىددەت بىلەن ئۆرلەيدۇ. كەلگۈسى يەتتە كۈندە، شىمالنىڭ تېمپېراتۇرىسى داۋالغۇش ئىچىدە ئۈزلۈكسىز يۇقىرى پەللىگە چىقىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە، ئىللىق، ئىسسىق بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، خۇابېي تۈزلەڭلىكىدىكى نۇرغۇن جايلار بۇ يىلقى تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋالىدۇ. ئۆلكە مەركىزى دەرىجىلىك شەھەرلەر ئىچىدە، تەييۈەن، شىجياجۇاڭ، جېڭجوۋدا 5-ئاينىڭ 17-كۈنىدىن 18-كۈنىگىچە بۇ يىلقى تۇنجى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايىنى كۈتۈۋېلىشتىن ئۈمىد بار.

خۇابېي تۈزلەڭلىكىدىن باشقا، شىنجاڭ تۇرپان ئويمانلىقىدىمۇ يۇقىرى تېمپېراتۇرا داۋاملىشىدۇ ھەمدە بەلگىلىك دەرىجىدە زىيادە يۇقىرى بولىدۇ. تۇرپاندا ئۈچ كۈندە ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا 40 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتتى ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتتى، كەلگۈسى تۆت كۈندە يەنە داۋاملىشىدۇ. ئۇدا يەتتە كۈن 40سېلسىيە گىرادۇستىنئاشىدىغانزىيادەيۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ھاۋارايى شۇ جاينىڭ 5-ئايدىكى ئۇدا 40سېلسىيە گىرادۇسلۇقھاۋارايى ئەڭ ئۇزاق كۆرۈلۈش رېكورتىنى يېڭىلايدۇ. ئامما ئىسسىقئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىشقا، تېمپېراتۇرىنى تۆۋەنلىتىشكە، سىرتتا پائالىيەت قىلىش ۋاقتىنى ئىمكانقەدەر ئازايتىشقا دىققەت قىلىشى كېرەك، ئەگەر ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە ۋاقتىدا سۇ تولۇقلاپ، سالقىن جايغا يۆتكىلىشى ھەمدە تېمپېراتۇرىسىنى تېزدىن تۆۋەنلىتىشى كېرەك.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى