5- ئاينىڭ 12- كۈنى، جياڭسۇ خەيئەن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىجۇاڭ كەنتىدىكى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا دېھقان قىزىلگۈل پىششىقلىماقتا.شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (شياڭ جۇڭلىن فوتوسى)
يېقىندا، جياڭسۇ خەيئەن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىجۇاڭ كەنتىدىكى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش باغچىسىدا قىزىلگۈللەر بەس- بەستە ئېچىلىپ، دېھقانلار گۈللەرنى ئۈزۈش، قاچىلاپ توشۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىجۇاڭ كەنتى «تېرىقچىلىق بازىسى + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + دېھقان ئائىلىسى»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېزا ئىگىلىكى بىلەن ساياھەتچىلىكنى يۇغۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇپ، دېھقانلارنى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈشكە يېتەكلەپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.
5- ئاينىڭ 12- كۈنى، جياڭسۇ خەيئەن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىجۇاڭ كەنتىدىكى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا دېھقانلار قىزىلگۈللەرنى ئىلغىماقتا (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).
5- ئاينىڭ 12- كۈنى، جياڭسۇ خەيئەن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىجۇاڭ كەنتىدىكى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا دېھقان قىزىلگۈل ئۈزمەكتە.
5- ئاينىڭ 12- كۈنى، جياڭسۇ خەيئەن ئىقتىساد- تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شىجۇاڭ كەنتىدىكى قىزىلگۈل ئۆستۈرۈش بازىسىدا دېھقانلار قىزىلگۈل ئۈزمەكتە (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت).