导航切换

ئۈرۈمچى قاتارلىق سەككىز شەھەردە شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىش- كېلىش «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى» ئىمزا قويۇپ تارقىتىلىدۇ

日期:2024年05月13日
来源:天山网
【字体:

مۇخبىر دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن مۇنۇلارنى ئىگىلىدى: گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلىشى بىلەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگرادىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 2024- يىلى 5- ئاينىڭ 27- كۈنىدىن باشلاپ، سەنشى ئۆلكىسىنىڭ تەييۈەن شەھىرى، ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ خوخخوت شەھىرى، خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاربىن شەھىرى، شىزاڭ ئاپتونوم رايونىنىڭ لاسا شەھىرى، گەنسۇ ئۆلكىسىنىڭ لەنجوۋ شەھىرى، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ شىنىڭ شەھىرى، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىنىڭ يىنچۇەن شەھىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرى قاتارلىق سەككىز شەھەردىكى شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان خادىملارغا شياڭگاڭ، ئاۋمېنغا بېرىش- كېلىش «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى»(个人旅游签注)نى ئىمزا قويۇپ تارقىتىپ بېرىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ، يۇقىرىقى سەككىز شەھەر نوپۇسىدىكى ئاھالىلەر ھەم ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى بار كىشىلەر شۇ جايدىكى گۇڭئەن ئورگىنىنىڭ چېگرىدىن كىرىش- چىقىشنى باشقۇرۇش ئادەملىك كۆزنىكى ئارقىلىق ياكى ئاپتوماتىك كۆزنەكتە تەسىس قىلىنغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەسكەرتىش ئۈسكۈنىسى ئارقىلىق ئىلتىماس سۇنۇپ، «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى» ياكى «كوللېكتىپ ساياھەت ئىزاھاتى»(团队旅游签注) بېجىرسە بولىدۇ. «شەخسىي ساياھەت ئىزاھاتى» مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شياڭگاڭغا بېرىشتا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم، ئۈچ ئايدا ئىككى قېتىم، بىر يىلدا بىر قېتىم، بىر يىلدا ئىككى قېتىم ئىزاھات بېرىلىدۇ؛ ئاۋمېنغا بېرىشتا ئۈچ ئايدا بىر قېتىم ۋە بىر يىلدا بىر قېتىم ئىزاھات بېرىلىدۇ. ئىزاھات ئىگىسىنىڭ ھەر قېتىم شياڭگاڭ ياكى ئاۋمېندا تۇرۇش مۇددىتى يەتتە كۈندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.