导航切换

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى: 4-ئايدا ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئۆرلىدى

日期:2024年05月13日
来源:天山网
【字体:

2024-يىلى 4-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.3 ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردە %0.3 ئۆرلىدى، يېزىلاردا %0.4 ئۆرلىدى؛ يېمەكلىك باھاسى %2.7 تۆۋەنلىدى، يېمەكلىكتىن باشقا تاۋارلارنىڭ باھاسى %0.9 ئۆرلىدى؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى تەڭلەشتى، مۇلازىمەت باھاسى %0.8 ئۆرلىدى. 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %0.1 ئۆرلىدى.

4-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.1 ئۆرلىدى. بۇنىڭ ئىچىدە، شەھەرلەردە %0.1 ئۆرلىدى، يېزىلاردا تەڭلەشتى؛ يېمەكلىك باھاسى %1.0 تۆۋەنلىدى، يېمەكلىكتىن باشقا تاۋارلارنىڭ باھاسى %0.3 ئۆرلىدى؛ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ باھاسى %0.1 تۆۋەنلىدى، مۇلازىمەت باھاسى %0.3 ئۆرلىدى.

پايدىلانغان مەنبە:دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى تور بېكىتى