导航切换

يېڭى ئۆزگەرگەن شەكىللىرى ئۈزلۈكسىز پەيدا بولدى، «زىيادە ئېغىر تويلۇق» قاچان تۈگەيدۇ؟

日期:2024年05月12日
来源:天山网
【字体:

شىنخۇا ئاگېنتلىقى «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مۇخبىرلىرى شاۋ لۇۋېن، ليۇ ۋاڭمىن

ھە دېسىلا 200 ـ 300 مىڭ يۈەن تويلۇق سېلىش، يەنە «ئالتۇن بۇيۇمدىن ئۈچ»نى ياكى «ئالتۇن بۇيۇمدىن بەش»نى ئېلىش؛ بەزى جايلاردا «زىيادە ئېغىر تويلۇق» باشقىچە تۈس ئېلىپ، شەكلى يېڭىلىنىپ قالدى...

«1 ـ ماي»نىڭ ئالدى ـ كەينى توي مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش يۇقىرى پەللىسى، «تويلۇق»مۇ قىزىق مۇنازىرە تېمىسى بولۇپ قالدى. «شىنخۇا نەزەر نۇقتىسى» مۇخبىرلىرى تەكشۈرۈش ئارقىلىق، تويلۇقنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشى سەۋەبلىك يېزىلاردىكى بىر قىسىم ياش يىگىتلەرنىڭ قەرز ئېلىپ توي قىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلىقىنى بايقىدى. «زىيادە ئېغىر تويلۇق» مۇھەببەت، ئۆيلىنىشتىكى ئەسلىي مەقسەتتىن چەتنەپلا قالماي، بەزىلىرى يەنە ئائىلە زىددىيىتىنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قالدى.

«زىيادە ئېغىر تويلۇق»نىڭ يېڭى ئۆزگەرگەن شەكىللىرى چىقىۋەردى

يېقىندا، خۇنەنلىك يىگىت چېن جيەنشيۇڭ قىز دوستىنىڭ يۇرتى ئىچكى موڭغۇلغا يۈز كۆرۈشۈشكە باردى. قىز دوستىنىڭ ئائىلىسىدىكى چوڭلار توي قىلىشتىن ئىلگىرى 200 مىڭ يۈەن تويلۇق بېرىشى ھەم «ئالتۇن بۇيۇمدىن ئۈچ»نى (ئالتۇن ئۈزۈك، ئالتۇن زەنجىر، ئالتۇن ھالقا) سېتىۋېلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنە چاڭشادىن 100 كىۋادرات مېتىردىن چوڭ ئۆي سېتىۋېلىشى، يىگىت تەرەپنىڭ ئالدىن تۆلەيدىغان پۇلنى چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

«بۇ ماڭا بەك زور بېسىم بولدى، بۇ پۇللارنى قوشۇپ كەلسەك 1 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدىكەن، ھەرقانچە <چىشىمنى چىشلىسەم>مۇ بۇنچە كۆپ پۇلنى چىقىرالمايمەن، تەرەپ ـ تەرەپتىن قەرز ئالماقتىن باشقا ئامالىم يوق. توينى قىلماي تۇرۇپلا، ئاۋۋال بىرمۇنچە قەرزگە بوغۇلىمەن.» چېن جيەنشيۇڭ مۇنداق دېدى: «زىيادە ئېغىر تويلۇق» ئالدىدا، مەن سەل نېمە قىلارىمنى بىلەلمەي قالدىم، ئائىلەمدىكىلەرگە قانداق دېيىشنىمۇ بىلمەيمەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ۋە بىر قىسىم رايونلار يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق سېلىشنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى كۈچەيتىپ، بەزى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، «زىيادە ئېغىر تويلۇق»نىڭمۇ ھەرخىل يېڭى ئۆزگەرگەن شەكىللىرى چىقىۋەردى.

مۇخبىرلار زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، ئەنئەنىۋى شەكىلدىكى كۆپ سوممىلىق نەق پۇل بېرىش، «ئالتۇن بۇيۇمدىن ئۈچ»نى سېتىۋېلىشقا سېلىشتۇرغاندا، ھازىر بەزى جايلاردا «زىيادە ئېغىر تويلۇق»نىڭ ئۆي، ئاپتوموبىل، پۇل ئامانەت كىنىشكىسى قاتارلىقلارغا تەدرىجىي ئۆزگەرگەنلىكىنى بايقىدى.

مەسىلەن، شەندۇڭ، خېنەن، گەنسۇدىكى بەزى ناھىيە، رايونلاردا تويلۇق سېلىشتا «10 مىڭ ۋاراق سۆسۈن، 1000 ۋاراق قىزىل، بىر تۇتام يېشىل» «بىر يۆتكىلىدىغان، بىر يۆتكەلمەيدىغان» دېگەندەك گەپلەر پەيدا بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە «10 مىڭ ۋاراق سۆسۈن، 1000 ۋاراق قىزىل، بىر تۇتام يېشىل» خەلق پۇلىنىڭ رەڭگىگە ئاساسەن دېيىلگەن گەپ بولۇپ، 10 مىڭ ۋاراق بەش يۈەن، 1000 ۋاراق 100 يۈەن ۋە بىرمۇنچە 50 يۈەنلىك پۇلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھېسابلاپ كەلسە 150 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كېتىدۇ؛ «بىر يۆتكىلىدىغان» بىر پىكاپنى، «بىر يۆتكەلمەيدىغان» شەھەر رايونىدا بىر يۈرۈش ئۆيى بولۇشنى كۆرسىتىدۇ.

بەزى جايلاردا، تويلۇق سېلىش شەكلىمۇ باشقىچە تۈس ئالماقتا، يىگىت تەرەپ بەلگىلىك سوممىدىكى پۇلنى بانكىغا قويۇپ، پۇل ئامانەت كىنىشكىسى ياكى بانكا كارتىسىنى تويدىن بۇرۇن قىز تەرەپكە بېرىدۇ. «قانچە پۇل بارلىقىنى ئاشكارىلىمايدۇ، لېكىن ھەر ئىككى تەرەپنىڭ كۆڭلىگە ئايان، ئاساسلىقى يىگىت تەرەپنىڭ سەمىمىيىتىگە قارىلىدۇ، بۇ يەنە توي كۈنى يىگىت تەرەپنىڭ يېنىۋېلىپ بەرمەسلىكىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن بولىدۇ» دېدى بىر زىيارەت ئوبيېكتى.

«زىيادە ئېغىر تويلۇق»نى «يوللۇق» قىلىش ئۈچۈن، بەزى يېزا رايونلىرى تويلۇقنىڭ نامىنى «مېھىر ـ بېقىش پۇلى»غا ئۆزگەرتتى. زىيارەت ئوبيېكتى مۇنداق بىلدۈردى: قىز ـ يىگىت توي قىلىشقا پۈتۈشكەندە «تويلۇق» دېگەن سۆزنى ئاشكارا تىلغا ئالمايدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ سىرتتىكىلەرگە تويلۇققا قانچە پۇل كەتكەنلىكىنى بىۋاسىتە دېمەي، گەپنى قىز تەرەپنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ باققان مېھرىگە جاۋاب قايتۇرۇش پۇلى، دەپ ئۆزگەرتىپ ئېيتىدۇ. بەزى جايلاردا، يىگىت تەرەپ تويدىن بۇرۇن قىز تەرەپ ياكى قىز تەرەپنىڭ ئاتا ـ ئانىسى ئۈچۈن كۆپ سوممىلىق سۇغۇرتا سېتىۋالىدۇ.

نۇرغۇن يېزا ـ بازار كادىرلىرى مۇنداق دېدى: شەكلى ئۆزگەرگەن بۇ تويلۇقلار ئەمەلىيەتتە ئەسلىدىكى نەق پۇلدىن پەرقلەنمەيدۇ، بۇ ئاتالمىش «ئۆرپ ـ ئادەت» ھەقىقىي خەلق ئۆرپ ـ ئادىتى ئەمەس، لېكىن يېزا ـ بازارلىق ھۆكۈمەت، خەلق ئىشلىرى قاتارلىق تارماقلار توسسا ياكى چەك قويسا، كەنت ئاھالىلىرى دائىم «ئۆرپ ـ ئادەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلدى» دەپ ئەيىبلەيدۇ، شۇڭا ھەمىشە «بىر كۆزىنى قىسىۋالىدۇ».

«زىيادە ئېغىر تويلۇق» خاھىشىنى توسۇش نېمىشقا شۇنچە تەس

ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: «زىيادە ئېغىر تويلۇق»نىڭ تەكرار كۆرۈلۈشىنىڭ ئارقىسىدا نۇرغۇن سەۋەب بار.

بىرىنچى، ھازىر بىر قىسىم يېزا رايونلىرىدا جىنس نىسبىتى تەڭپۇڭسىز، ئوغۇللار كۆپ، قىزلار ئاز. ۋۇخەن داشۆ چوڭ سانلىق مەلۇمات تەتقىقات ئورنىنىڭ دوتسېنتى گۇڭ ۋېيگاڭنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش تەتقىقاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىدىن قارىغاندا، تويلۇقنىڭ ئاز ـ كۆپلۈكى ئەمەلىيەتتە ناھايىتى زور دەرىجىدە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تۇغۇلۇش جىنس نىسبىتىنىڭ بىر خىل ئەكس ئېتىشى ئىكەن. تۇغۇلۇش جىنس نىسبىتىنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق دەرىجىسى ۋە قىزلارنىڭ يۆتكىلىش ئەھۋالىنىڭ بىرىكىشى ئومۇمىي جەھەتتىن ھەرقايسى جايلاردا ئۆيلىنىشتىكى بازارنىڭ تەڭپۇڭسىزلىق دەرىجىسى ۋە تويلۇقنىڭ يۇقىرى ـ تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەيدىكەن.

ئوتتۇرا قىسىمدىكى مەلۇم جايدا، 23 ياشلىق تاڭ شياۋ ئىلگىرى قىز ـ يىگىت كۆرۈشۈشى ئارقىلىق قوشنا كەنتتىكى بىر قىز بىلەن تونۇشقان، ئىككى تەرەپ توي قىلىشقا پۈتۈشكەن، تويلۇق 300 مىڭ يۈەن بولغان. تاڭ شياۋ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ جايدا، ئەگەر قىز ـ يىگىت كۆرۈشۈش ئارقىلىق تونۇشقان بولسا، تويلۇق نىسبەتەن تېخىمۇ يۇقىرىراق بولىدۇ، چۈنكى ئىككى تەرەپ تېخى ھېسسىيات ئاساسى ئورناتمىغان بولغاچقا، تويلۇقنىڭ ئاز ـ كۆپلۈكى بىر خىل «دەسمايە» بولۇپ قالدى.

ئىككىنچى، بەسلىشىش خاھىشى ئەۋج ئالدى. مۇخبىرلار زىيارەت قىلىش ئارقىلىق، «زىيادە ئېغىر تويلۇق»نىڭ تەكرار كۆرۈلۈشىنىڭ ھازىر نۇرغۇن رايونلاردا پەيدا بولغان «توي ـ تۆكۈن»دە بەسلىشىش خاھىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بايقىدى. مۇخبىرلارنىڭ زىيارەت قىلىپ ئىگىلىشىچە، بىر قىسىم يېزا رايونلىرىدا، ھەدېسىلا ئاز دېگەندە يۈز نەچچە مىڭ يۈەن تويلۇق بېرىشتىن باشقا، يەنە «ئالتۇن بۇيۇمدىن ئۈچ»نى باشقىلاردىن ئاز ئالماسلىق، شۇ جايدىكى ئەڭ ياخشى مېھمانسارايدا زىياپەت بېرىش، شېرىن ئاي ساياھىتى قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تەلەپلەرمۇ كەم بولمايدىكەن. بۇ خىل ئۆزئارا بەسلىشىش پىسخىكىسىمۇ ناچار خاھىشنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان.

ئۈچىنچى، بىر قىسىم قىز تەرەپ ئائىلىلىرىدە «چوڭلاردىن ئېلىپ كىچىكلەرنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش» «بازارغا قاراپ باھانى ئۆزگەرتىش» پىسخىكىسى بار. «بىز تويلۇقنى ئۆزىمىز ئىشلىتىش ئۈچۈن ئەمەس، بالىلار ئۈچۈن ئالىمىز؛ تويلۇقنى كۆپ بەرسە، يېڭىدىن توي قىلغان ئەر ـ خوتۇن ئىككىسىنىڭ كېيىنكى تۇرمۇشى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ» دېدى خۇنەننىڭ مەلۇم بىر جايىدىكى ياش بىر قىزنىڭ ئاتا ـ ئانىسى. يىگىت تەرەپنىڭ ئاتا ـ ئانىسىنىڭ يۈكىنى بەك ئېغىرلىتىۋېتىدىغان ـ ئېغىرلىتىۋەتمەيدىغانلىقىغا كەلسەك، بىر قىسىم قىز تەرەپ ئاتا ـ ئانىلىرى مۇنداق بىلدۈردى: «ئوغۇلنى ئۆيلەش ئۈچۈن پۇل خەجلەش كېرەك، بۇ ئېگىلمەس ھەقىقەت. ئوغۇلنى ئۆيلەش ئۈچۈن ئالغان قەرز پۇل يېڭىدىن توي قىلغان ئەر ـ خوتۇنلار بىلەن مۇناسىۋەتسىز».

يەنە بىر قىسىم ياش قىزلار ئەتراپىدىكى باشقا قىزلارنىڭ تويلۇق ئالىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۆزى ئالمىسا، «قەدىر ـ قىممىتى تۆۋەن» «ئىناۋىتى يوق»تەك تۇيۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بەزى لايىق تونۇشتۇرۇش بازارلىرىدا، تونۇشتۇرغۇچىلار كۆپىنچە ھاللاردا تويلۇقنىڭ مەلۇم نىسبىتى بويىچە ھەق ئالىدىكەن. تېخىمۇ كۆپ كىرىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، بەزى تونۇشتۇرغۇچىلار لايىق تونۇشتۇرۇش جەريانىدا مەقسەتلىك ھالدا بازار باھاسىنى ئۆرلىتىپ، ئوت قۇيرۇقلۇق قىلىپ، تويلۇقنى تېخىمۇ ئۆرلىتىۋېتىدىكەن.

بىر قىسىم كەنت كادىرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر نۇرغۇن ياشلار چوڭ، ئوتتۇرا شەھەرلەر ۋە ناھىيە بازارلىرىغا بېرىپ خىزمەت قىلىۋاتىدۇ، بىر ـ بىرى بىلەن ئۆزئارا سېلىشتۇرۇش پىسخىكىسى مەۋجۇت. تويدىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن، يىگىت تەرەپنىڭ ناھىيە بازىرىدا ئۆيى بولۇشى قىز تەرەپنىڭ جورا تاللىشىدىكى «ئالدىنقى شەرت» بولۇپ قالدى، «ئالتۇن بۇيۇمدىن ئۈچ»نى ئېلىشمۇ «ئالتۇن بۇيۇمدىن بەش»، ھەتتا «ئالتۇن بۇيۇمدىن يەتتە»نى، «ئالتۇن بۇيۇمدىن توققۇز»نى ئېلىشقا ئۆزگەردى.

ئۆيلىنىش مۇھەببەتتىن باشلانسۇن، تويلۇق قائىدە ـ يوسۇنغا قايتسۇن

مۇخبىرلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، يۇقىرى باھادىكى تويلۇق ئاسانلا ئۆيلىنىش زىددىيىتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى بايقىدى. جۇڭگو ھۆكۈم ـ كېسىم ھۆججەتلىرى تورىدىن مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق سۆزلەرنى ئىزدىگەندە، يىگىت تەرەپ تويدىن بۇرۇن يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق بەرگەن، تويدىن كېيىن تۈرلۈك مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن ئاجرىشىپ كەتكەن ھەم مال ـ مۈلۈك ماجىراسى كېلىپ چىققان دېلولار ئاز ئەمەس ئىكەن.

بۇلتۇر 12 ـ ئايدا ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مەملىكەتلىك ئاياللار بىرلەشمىسى ئاچقان «كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇقنى تۈزەش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى ھەق تەلەپ 1 ـ سوت كوللېگىيەسىنىڭ كوللېگىيە باشلىقى چېن يىفاڭ مۇنداق بىلدۈرگەنىدى: ئەدلىيە ئەمەلىيىتىدە ئىنكاس قىلىنغان ئەھۋالدىن قارىغاندا، تويلۇق ماجىراسىغا چېتىشلىق دېلولارنىڭ سانىدا يېقىنقى يىللاردا كۆپىيىش يۈزلىنىشى كۆرۈلدى. نۇرغۇن ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق ئائىلىنىڭ بەختىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭگۈشتەر ئەمەس، ئەكسىچە زىددىيەت ـ ماجىرالارنىڭ ئوت پىلتىسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن، بۇ، ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىتىلىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت مۇقىم بولۇشىغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ھەتتا ئىككى ئائىلە ئارىسىدا قارشىلىشىش، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشنى ئاسانلا كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

2022 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقى، مەركىزىي كومىتېت مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى قاتارلىق سەككىز تارماق بىرلىكتە «يۇقىرى باھادىكى تويلۇق، توينى ھەشەمەتلىك ئۆتكۈزۈش قاتارلىق يېزىلاردىكى كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش بويىچە نۇقتىلىق ساھەلەردىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەش خىزمىتى لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، تۈزەش نىشانىنىڭ يۇقىرى باھادىكى تويلۇق قاتارلىق كونا قائىدە ـ يوسۇن، ناچار ئىللەتلەرنىڭ قىسمەن رايونلاردا سىجىل يامراش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

بۇ يىل 2 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ تويلۇققا چېتىشلىق ماجىرا دېلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىلىلەر توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»نىڭ 2 ـ ماددىسىدا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆيلىنىشتىن پايدىلىنىپ مال ـ مۈلۈك ئۈندۈرۈۋېلىش مەنئى قىلىنىدۇ. بىر تەرەپ تويلۇق ئېلىش نامى بىلەن ئۆيلىنىشتىن پايدىلىنىپ مال ـ مۈلۈك ئۈندۈرۈۋالغان بولسا، يەنە بىر تەرەپ قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قوللىشى كېرەك.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بەزى جايلار ئارقا ـ ئارقىدىن سىياسەت چىقىرىپ، «زىيادە ئېغىر تويلۇق» مەسىلىسىنى تۈزىدى. مەسىلەن، خېنەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭلىڭ ناھىيەسى توي ـ تۆكۈن، ئۆلۈم ـ يېتىم ئۆرپ ـ ئادەت بەلگىلىمىسىنى ئومۇميۈزلۈك كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسىگە كىرگۈزۈپ، تويلۇقنىڭ 30 مىڭ يۈەندىن ئېشىپ كەتمەسلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدىكى سەككىز تارماق يېقىندا يۇقىرى سوممىلىق تويلۇقنى مەخسۇس تۈزەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرىنى بىرلىشىپ بېسىپ تارقىتىپ، 12 ماددىلىق ئىجابىيلىقنى يېتەكلەش تەدبىرى ۋە بەش ماددىلىق سەلبىيلىكنى چەكلەش تەدبىرىنى تۈزدى.

زىيارەتنى قوبۇل قىلغان مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق بىلدۈردى: «زىيادە ئېغىر تويلۇق» ھادىسىسىنى بىر ۋاراق چەكلەش بۇيرۇقىغا تايىنىپلا تۈپتىن ئۆزگەرتىش تەسكە توختايدۇ، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى سىجىل ياخشىلاش كېرەك.

شەندۇڭ داشۆنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق پىروفېسسورى ۋاڭ جۇڭۋۇ مۇنداق قارىدى: كەنت دەرىجىلىك توي ـ تۆكۈن، ئۆلۈم ـ يېتىم ئىشلىرى كېڭىشىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام بېرىپ، كەنت قائىدىسى، ئاھالىلەر ئەھدىنامىسى شەكلى ئارقىلىق كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلار كوللېكتىپ توي مۇراسىمى تەشكىللەش، ئۆيلىنىش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ باشلامچىلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق ئۆيلىنىش ئادىتى يېڭى كەيپىياتىغا يېتەكچىلىك قىلسا بولىدۇ.

شياڭتەن داشۆ بىچۈەن بىلىم يۇرتى . پەلسەپە ۋە تارىخ ـ مەدەنىيەت شۆيۈەنى جەمئىيەتشۇناسلىق فاكۇلتېتىنىڭ مۇدىرى ۋۇ شىنيەن مۇنداق دېدى: «زىيادە ئېغىر تويلۇق»نى تۈزەشتە، تويلۇقنىڭ ئارقىسىدىكى كۆرۈلگەن جەمئىيەت مەسىلىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. جەمئىيەت قاتلىمىدا، مەدەنىيلىك قارىشىنى سىجىل تەشۋىق قىلىپ، تىرىشچان ـ ئىقتىسادچىل بولۇش، ساغلام ئالغا ئىلگىرىلەش، ھەشەمەتچىلىك ـ ئىسراپخورلۇققا قارشى تۇرۇشتەك ياخشى كەيپىياتنى كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇش كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا، يەنە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق كاپالەت تۈزۈمىنى كۈچەيتىش، ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئىتىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاياللارنى ئۆيلىنىش ۋە تۇغۇت جەريانىدا يېتەرلىك بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، جەمئىيەت كەيپىياتىنى ئۆزگەرتىش كېرەك.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)